ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۇنتۇپ كەت قەلبىڭدە بولمىسام ئەگەر


ئۇنتۇپ كەت قەلبىڭدە بولمىسام ئەگەر


 

ئۇنتۇپ كەت قەلبىڭدە بولمىسام ئەگەر،
ھەسرەتلىك كۈنلەرنى ئۇنتىغان كەبى.
مېنى دەپ ئۆزۈڭنى يۈرمىگىن ئالداپ ،
قەلبىڭ مەن ئۈچۈن بولمىسا مەيلى .


 

ئۇنتۇپ كەت قەلبىڭدە بولمىسام ئەگەر،
ئۇچرايدۇ ئېھتىمال مەندىن ياخشىسى .
يۈرىكىم قېتىدا قاپتىكەن جىسمىڭ،
ئەسلەنمەس ھېچقاچان سەندىن باشقىسى.


 

ئۇنتۇپ كەت قەلبىڭدە بولمىسام ئەگەر،
تەغدىرىم شۇنداق دەپ قالىمەن پەقەت .
تاڭغىلى بولمايدۇ سۆيگۈ دىگەننى،
ئوقۇپمۇ يۈرمەيمەن ساڭىمۇ نەپرەت.


 

ئۇنتۇپ كەت قەلبىڭدە بولمىسام ئەگەر،
ئەسلەيمەن يەنىلا تۆككىنىمچە ياش.
دەرت يۈتۈپ نەپەستىن توختىسام بىر كۈن،
قويۇپمۇ يۈرمىگىن قەبرەمگىمۇ باش.


 

ئۇنتۇپ كەت قەلبىڭدە بولمىسام ئەگەر،
يىرتىپ ھەم يۈرمەيمەن رەسىمىڭنىمۇ.
بىر شىرىن ئەسلىمە قالىدۇ پەقەت،
يۈزۈڭگە سالمايمەن قەسىمىڭنىمۇ. 
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776