ئايالىمنى تىللىما (ئانامغا تەھدىت)
( كىنايە )
Wapadarim
جېنىم ئانا بولدى بەس، ئايالىمنى تىللىما،
جانانىمغا قىلما قەسىت، ئايالىمنى تىللىما.
ياخشى كۆرۈپ ئالغانمەن، ئۇ بايلىقىم - بارلىقىم،
پەرشتەمگە قالقانمەن - ئايالىمنى تىللىما.
ئىشقا سالما ئۆزۈڭ قىل، بېلى تېلىپ كەتمىسۇن،
رەنجىمىسۇن نازۇك دىل، ئايالىمنى تىللىما.
كۆنەلمەيدۇ قوراغا، ئۇ بىنادا چوڭ بولغان،
مەشكە ئوتنى سالمىسا ئايالىمنى تىللىما.
نە لەززىتى ئۇنىڭسىز بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ،
خار قىلمىغىن ئوغلۇڭنى، ئايالىمنى تىللىما.
تاماقنىمۇ ئۆزۈڭ ئەت، بېشىڭ سىلاپ ھالغا يەت،
خىزمىتىگە بەر مەدەت، ئايالىمنى تىللىما.
ئىشتىن ھېرىپ كېلىدۇ بىر پىيالە چاي دەملە،
تۇتۇپ قويغىن پۇتىنى، ئايالىمنى تىللىما.
قېينى ئانا بولدۇم دەپ ھەرگىز ئاشما ھەددىڭدىن،
مەن يانمايمەن پەيلىمدىن ئايالىمنى تىللىما
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776