نەلەردە ئىنسانلىقىمىز
مۇھەممەتجان راشىدىن
ھايۋان ئىزىدىن كەتتۇق بەزىلەر،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز ؟
قالدى تەڭرىگە قىلغان لەۋزىلەر،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز ؟
ئەخلاق بېغىدا ئۈندى شۇم بۇيا،
قېنى قىزىلگۈل، قېنى مەرگىيا ؟
تۇرغان يېرىمىز خەتەرلىك قىيا،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز ؟
ئوغرىلىق - نەسلىك چاشقاننىڭ ئىشى،
غاجايدۇ كۆچەت ئۆچكىنىڭ ئىشى.
شۇلاردەك ئۆتسە ئەگەر ھەر كىشى،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز ؟
بىرى كۆڭلىدە ھايۋانىي ھەۋەس،
بىرى كوچىدا ياتار بىھۇش - مەست.
ئىنساننىڭ يولى ئەسلى بۇ ئەمەس،
نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز ؟
بىرىدە نىشان ھارامدىن بېيىش،
قۇزغۇندەك ياشاپ، ھايۋاندەك يېيىش.
سۈزۈك سۇلاردا بۇلغىنىش، لېيىش،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز ؟
پارىخورلاردا ئۇنتۇلدى خەلق،
خىيانەتكاردا بۇلغاندى قەلب.
ئەقىل ھارامغا قىلىندى سەرپ،
قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز ؟
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776