ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
جەنۇبقا خەت


جەنۇبقا خەت


 

ئەي جەنۇب، دەرتمەن جەنۇب، ئەي مۇڭلىنىپ ياتقان جەنۇب،
خۇددى تارىم سۈيىدەك كۆز ياشلىرىڭ ئاققان جەنۇب،
گاھ يانار تاغدەك يېنىپ، سەن پارتىلىدىڭ يالقۇن چېچىپ،
ئەمدى تۇتقۇن شىر كەبى مەيۈسلىنىپ ياتقان جەنۇب.


 

كۆپتىن ئەمدى قاينىدى مۇڭلىرىڭ، ئاھ - زارلىرىڭ،
كەتتى ھەسرەت ئىچىدە نى كۈرەشچان ئەرلىرىڭ.
ۋەھشىي بىر ئورمان بولۇپ قالدى خىيالىڭ باغچىسى،
تەڭرىگە يەتمەي ئۆتەرمۇ ئاھلىرىڭ، پەريادلىرىڭ


 

يىغلاپ ئۆتتى سەن ئۈچۈن ئەسرىمىزنىڭ قانچىسى،
بۇ يىغىغا باقمىدى جەبىر - زۇلۇمنىڭ قامچىسى.
كەلمىگەي ھېچكىم بېشىغا ساڭا كەلگەن كەلگۈلۈك،
ھېچ ئۈزۈلمەسمۇ بۇ قۇللۇق زەنجىرى - ئارغامچىسى ؟


 

ياق، ئۈمىد بولغاي سېنىڭ ئارزۇلىرىڭنىڭ قولدىشى،
تاڭ ئېتىپ ئەلۋەتتە بىر كۈن سۈرتۈلەر كۆزنىڭ يېشى،
كۈيلە - كۈيلە ئەرك - ئازادلىق كەتسە بۇ ئۆتكۈر بېشى،
قالغۇسى خانتەڭرىدە مەغرۇر كۈلۈپ قەبرە تېشى.


 

                                         ____ ئا.ئۆتكۈر
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776