ياشالامسەن دېھقاندەك
ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى
مەڭگۈ مىننەت - تەمەسىز ياشالامسەن دېھقاندەك؟
جاپا - مېھنەت تېغىدىن ئاشالامسەن دېھقاندەك؟
تاغدەك ھوسۇل - خاماننى ئالالامسەن دېھقاندەك؟
قان - تەر تۆكۈپ بەختىڭنى تاپالامسەن دېھقاندەك؟
ئىقبال ئۈچۈن بولۇپ زەر ئاقالامسەن دېھقاندەك؟
دېھقان دېگەن بۇ مۇنبەت تۇپراق بىلەن تەقدىرداش،
مەۋجۇت بولۇپ تۇرار ئۇ شۇڭا جۇتتا تۆكمەي ياش.
ياشاپ ئۆتەر دۇنيادىن قىسمەتلەرگە ئەگمەي باش،
تېپىلمايدۇ دېھقاندەك زېمىن بىلەن چىن سىرداش.
ھاياتلىققا تۆھپەڭنى قاتالامسەن دېھقاندەك؟
يوق دېھقاننىڭ قەلبىدە مىننەت - تەمە، خوشامەت،
ئىزدەپ ئۆتەر مۇشەققەت قوينىدىن ئۇ قۇت - راھەت،
ۋىسال تاپار ئاينىسا ئۇ تېرىغان زىرائەت،
كەچمەس ئەسلا كۆڭلىدىن شۇڭا غەيرىي ئوي، ئامەت،
كۈلۈپ تۇرۇپ بېغىڭنى ئاچالامسەن دېھقاندەك؟
دېھقان ئۆمرى ھوسۇللۇق تۇپراققىلا ئوخشايدۇ.
ئىشلەپ ھېرىپ تىنىقى ئېتىز - قىردا توختايدۇ،
دېھقانسىز ھەم بىزگىمۇ شادلىق نېسىپ بولمايدۇ،
شۇڭا ئۇنى تۈندە ئاي، كۈندۈز قۇياش يوقلايدۇ،
قۇياش يەڭلىغ ئۈنسىز نۇر چاچالامسەن دېھقاندەك؟
سەنمۇ بىر رەت زېمىنغا دېھقان سۈپەت نەزەر سال،
نېمە بەردىڭ تۇپراققا، چوڭقۇر ئويلا بىمالال،
بولساڭ شائىر - يازغۇچى قولغا تاڭدا قەلەم ئال،
ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى دېھقان ئۈچۈن چاۋاك چال،
ئىنسان ئۈچۈن بۈيۈك كۈي يازالامسەن دېھقاندەك؟
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776