ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ھاراقكەش (ساتىرا)غۇپۇرجان پەتتار


ھاراقكەش


 

(ساتىرا)


 

غۇپۇرجان پەتتار


 

ھاراق شۇنداق تاتلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟
ئىچسەڭ ساڭا شادلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟


 

ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە بوتكىغا يول ئالىسەن،
سەن ھاراققا ياتلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟


 

بوتۇلكىدا ئىچىسەن رومكا ساڭا كىچىكتەك،
ئاشقازىنىڭ قاتلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟


 

تىنىمتارتماي ئىچىسەن نەچچە ئاي ئاچ قالغاندەك،
ساڭا ھاراق ئاشلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟


 

سەن ئىچىسەن ھاراقنى خۇددى زاۋۇت قۇرغاندەك،
سەن زاۋۇتقا باشلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟


 

ئىزلەپ تېپىپ بوتكىنى، ئۆتكۈزىسەن سوتكىنى،
مەستلىك ساڭا خاسلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟


 

خۇشاللىقتا كۆتۈرگىن ئىچسەڭمۇ ئىچ ئازغىنە،
مائاش ساڭا تاشلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟


 

ساڭا بولسۇن شۇل خىتاپ، غۇپۇرجان دەر ئىچمىگىن،
ھايات ساڭا سايلىقمۇ، ئېيتىپ باقە ھاراقكەش؟...


 

تۇرپان گېزىتىنىڭ - يىل - نويابىر سانىدىن.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776