ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
كېتەر بولساڭ ، خوش ئېيتماي كەتمە


كېتەر بولساڭ ، خوش ئېيتماي كەتمە


 

 ( مۇھەممەتجان راشىدىن )


 

ئايرىلغاندا ئاغرىنما يارىم
كېتەر بولساڭ ،  << خوش  &t;&t; ئېيتماي كەتمە .
ياخشى چاغدا ياخشى يارىڭنى
ئايرىلغاندا گۇناھكار ئەتمە .


 

مەندىن ئۆتكەن گۇناھ ، سەۋەنلەر
يوق ئەمەستۇ سەندىمۇ بەلكىم .
رەنجىگەندە كېرەكقۇ ئويلاش
ئۆز - ئۆزىنى  ئەڭ ئاۋۋال ھەركىم .


 

تارتىلمىسۇن ، ئايرىلغاندا بىز
ياخشى ئۆتكەن كۈنلەر جازاغا .
نامەردلىكتۇر <<  خوش &t;&t; دېمەي كەتكەن
ئۇچرىغاندا سۆيگۈ قازاغا .


 

قاتتىق ياپما چىققان ئىشىكنى
يېنىپ قايتا كىرىپ قالىسەن .
ئېيتقانلىرىم توغرىمۇ ، خاتا
بىر كۈنلىرى بىلىپ قالىسەن .

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776