كارىۋاتتىكى مۇھەببەت
كارىۋاتقا قونۇپتۇ يالىڭاچ يۇلتۇز،
تۈن قاراڭغۇسى شۇ يەردىلا بار.
دېڭىز دولقۇنىدا لەيلەيدۇ بىر قىز،
تۇيقىسىز چۈشكەندە بىر قۇچاق ئاق قار.
ياتىدۇ ياستۇقنى قۇچاقلاپ مەھكەم،
قۇچاقلاپ ئالغاندەك مۇز تاغنى ئاسمان.
ئۈزىدۇ چايكىلار قىزنى ئايلىنىپ،
ئىزدەيدۇ پاناھگاھ ، ئىزدەيدۇ ماكان.
شۇ قىزنىڭ سىرىنى بىلىدۇ ياستۇق،
ياستۇقنىڭ دەردىنى بىلمەيدۇ قىزچاق.
كىچىچە غىرىچلاپ چىقىدۇ كارۋات،
مۇھەببەت ئاشۇنداق سىرلىق تېپىشماق.
مەنبە : مۇختەر بۇغرا شېئىرلىرى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776