ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
يادىمىزدا بولسۇن ئانىلار


يادىمىزدا بولسۇن ئانىلار


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

بۆشۈكلەردە ئانا تەۋرەتكەن ،
بىزلەر، دوستۇم، ياتقان ئەمەسمۇ ؟
ئاغزىمىزغا ئانا سۈتىدىن ،
ئانا مېھرى ئاققان ئەمەسمۇ ؟


 

ئاغرىپ قالساق ئاق ناندا ئاشلاپ ،
دىلى كۆيۈپ، كۆزىنى ياشلاپ .
كۈندە سۆيۈپ، تۈندە باغاشلاپ ،
بىزنى شۇنداق باققان ئەمەسمۇ ؟


 

بىز يېمىسەك ئۆزى يېمەستىن ،
ئاچ يۈرسىمۇ،ئاچتىم دېمەستىن ،
بىز كىيمىسەك، ئۆزى كىيمەستىن ،
يوقنى ئىزدەپ تاپقان ئەمەسمۇ ؟


 

يادىمىزدا بولسۇن ئانىلار ،
ئۆيىمىزدە تۇرسۇن ئانىلار .
مەڭگۈ راھەت كۆرسۇن ئانىلار ،
ئۇلار جاپا تارتقان ئەمەسمۇ ؟

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776