ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
رۇبائىيلار (مۇھەممەتئىمىن توختى گىياھى)


رۇبائىيلار


 

مۇھەممەتئىمىن توختى گىياھى
(يىڭى قاشتېشى )


 

بىلمىگەننى دانادىن سورا ،
مەن-مەنلىكتە پىشمايدۇ « غورا » .
ئېگىشز تاغقا چىقماقچى بولساڭ ،
كەمتەرلىكتۇر ئەڭ ياخشى دورا .


 

بىلىم دىمەك - ئەقىل -كۈچ دىمەك ،
كۈچكە تۇلۇپ ئېگىز ئۇچ دىمەك .
ئانا ۋەتەن ، مىللەت ، خەلققە ،
 ئۆمۈر بويى شەرەپ قۇچ دىمەك .


 

پەرۋاز قىلار بۈركۈت سامادا ،
ياتار ئۇخلاپ ھۇقۇش كاماردا .
تىنىم تاپماس تۆھپىكار ئادەم ،
ھۇرۇن كىشى يۈرەر تامادا .


 

جاپالىق مېھنەتتىن ئايرىلماس ھايات ،
ئىلىم-پەن ئىنسانغا قايرىلماس قانات .
پولاتتەك ئىرادە -ئۇلۇغ مۆجىزە ،
قىلغاي ئۇ ، دۇنيانى گۈزەل ۋە ئاۋات .


 

« كېتىمىز دۇنيادىن ھامان » دەپ تۇرۇپ ،
توپلىدۇق مال دۇنيا ، پۇلغا باش ئۇرۇپ .
ئۆزىمىز ئۈچۈنلا بۇنداق ياشىساق ،
كەتمەسمۇ ئەۋلاتلار نېسىۋى قۇرۇپ .


 

غۇربەتلىك كۈن چۈشتى ئەمدى بېشىمغا ،
قېرىدىم ، ئاق كىردى ساقال -چېچىمغا .
بۇ كۈنلەر ياشلىقنى ئەسلەتتى ئەجەپ ،
قول سوزسام كەلمىدى ئامەت قېشىمغا.


 

ھۆسنىڭگە قارىسام ھەيرانۇ-ھەسمەن ،
كۆزۈڭدىن خىجىلمەن ، سۆزۈڭدىن مەسىت ، مەن.
قاشلىرىڭ يا كەبى ، كىرپىكلىرىڭ ئوق ،
« ئوۋچى » نىڭ سېھرىدىن بۇلاي پەخەس، مەن .


 

 بىلىمنى جېنىڭدىن ئەزىز كۆر جانان ،
 مۇناسىپ شۇچاغداتۆر ساڭا ،جانان.
«بىلىم-كۈچ » دىمەكتۇر قۇدرىتى چەكسىز،
ھاياتىڭ مەنىلىك تۇرمۇش ھۆر جانان.


 

ئۈزۈم پۇل ، قاپاق پۇل بىلسەڭ باراڭدىن ،
خەيرلىك ئىش ياخشى قۇرۇق پاراڭدىن .
غەيۋەتنى ئۈزىگە كەسىپ قىلغانلار ،
قىلچىمۇ كەم ئەمەس ئەقلى ساراڭدىن .


 

ئەجرىڭنىڭ مېۋىسى تاتلىق قىشمۇ-ياز ،
ياڭرايدۇ شەنىڭگە ئالقىش ناخشا ساز.
مېھرىڭدىن سۇغارغان گۈللەر توزىماس ،
بۇ تۆھپەڭ تارىختىن ئۆچمەيدۇ ئۇستاز .


 

ئەجرىمگە ئاش ئالاي دىسەڭ خاماندىن ،
ئايرىغىن سەلكىندە داننى ساماندىن .
ھەقىقى ۋاپادار دوسىتنى ئىزدىسەڭ ،
تاللىغىن ياخشىنى شاللاپ ياماندىن .


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776