رۇبائىيلار
( ئابدۇۋەلى ئەلى )
()
جاننى دەپ بىر نان ئۈچۈن ئاداشمايمەن ،
نائەھلى بەدخۇي بىلەن قاراشمايمەن .
زاتىمنى ئۇلۇغلايمەن توھپەم بىلەن ،
ئۆلسەممۇ ياراشمايمەن دۈشمەن بىلەن .
()
كۈندۈزى شاپاشلايسەن مەيخانىدا ،
كېچىسى ھاپاشلايسەن ئەمخانىدا .
شۇ كەبى مەسىتھۇشلۇقتا يۈرىۋەرسەڭ ،
مەزگىلسىز جان ئۈزەرسەن غەمخانىدا .
()
مەينى ئىچكىن سوز-ھەركىتىڭ قولاشقىدەك ،
خۇش كەيپىڭدىن دوس -يارانلەر ئولاشقىدەك.
ئەدەتلەنمە ئەيىش -ئىشرەت بوشاڭلىققا ،
توھپىكار بول رەقىپ كۆزى تورلاشقىدەك .
()
خادا كەبى گېدەيگەنلەر ئەرزانچىلىق ،
ئادەمدۇ دەپ سالام قىلساڭ ئالماس ئىلىك.
نامى ئۇلۇغ ، سۇپرا قۇرۇق بايۋەتچىنىڭ ،
قىممىتى يوق ، ئادەم تۈگۈل بىر قىلچىلىك .
()
جەسۇر ئىدىڭ بىر چاغلاردا قۇت كوزلىگەن ،
جاننى تىكىپ ھەر تەرەپتىن ھەق ئىزدىگەن .
بۇلۇپ قاپسەن ھالا بۈگۈن تۇنىماسلا ،
ئازدۇردىمۇ رىزقى شەيتان -پۇل ، نام دىگەن ؟
()
كەلسە ئىلھام كېچە -كۈندۈز يازمامدىمەن ،
دىل تورىنىڭ جەۋھىرىنى قازمامدىمەن ؟
مەن شام تۇرۇپ مەرىپەتتىن نۇر چاچمىسام ،
ئەلگە بەرگەن ئەنىت - قەسەمدىن ئازمامدىمەن ؟
()
كۈتكىنىڭدەك راۋاج تاپتى تاپاۋىتىڭ،
كۈۈرۈنمىدى كۆپكە قىلغان راپاۋىتىڭ .
مەيلى ئىدى تاپقىنىڭنى ئۆزەڭلا يەپ ،
شاھىدلارغا يۇقمىسا ھىچ كاساپىتىڭ .
()
تۇزان باسسا موزىي ، كۇلۇب ،كۈتۈپخانا ...
بازار تاپسا رېستۇران ھەم ئىشرەتخانا .
نەسلىمىزنى مەھكۈم قىلماق ئۈچۈن ئاندىن -
يامان كۈچلۈك روھىي ئىبلىس بارمۇ يانا ؟
()
ئاۋۇپ كەتتى توي ، زىياپەت ،مۇراسىملار ،
ئەل ئىچىدە پەيدە بولدى سەراسىملار .
قۇتۇلالماي سولەتۋازلىق ، نادانلىقتىن ،
كېتىۋەرسەك ئەۋلات قانداق كۈنگە قالار ؟
()
نەگە كەتتى قۇشۇما قاش ، قەلەمقاشلار ،
نەدە قالدى قۇندۇز كەبى سۇمبۇل چاچلار ؟
نەسلىمىز ۋە ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپ كەتسەك ،
ئاقىۋەتتە تۈكۈلمەسمۇ قانۇ ياشلار .
()
ياقا يۇرۇتتا ئىپار بولدى ئەڭلىمدىكى چاڭ ،
چۈنكى بۇ چاڭ يۇرتۇمدىكى توپىدىن قونغان .
كوزگە سۈرتۈپ ، ھىدلىغانتىم يېنىش-يېنىشلاپ ،
ئارام بەخىش ھۇزۇر بەردى يايرىدى بۇ جان .
()
قوشاق قېتىپ يىغلىساڭ ئاڭلىماس ئاناڭ ،
يەرنى قاساپ تىلغىساڭ تۇرالماس ئاتاڭ .
كەتتى ئۇلار ، قەدرىنى بىلەلمىدىڭ سەن ،
مىڭ رازى بول، ئىزىڭدىن ماڭمىسا بالاڭ .
()
ئۆڭۇڭدىمۇ چۈشۈڭدىمۇ پۇل بىلەن قالساڭ ،
ھالالنىمۇ ، ھارامنىمۇ چونتەككە سالساڭ .
ياشىغاننىڭ نە قىممىتى ، ھەق يولدىن ئېزىپ -
ئەل-يۇرت ئارا " نائەھلى " دەپ نام -ئاتاق ئالساڭ ؟
()
ۋەزنى يوق مىڭ سۆزنىڭ نەرقى بىر تىيىن ،
چاك باسماس گەپ - سۆزنى ئاقتۇرماق قىيىن .
ئون ئويلاپ بىر سۆزلە دىگەننى ھەق بىل ،
قايمۇقساڭ سىنالغان داناغا تىۋىن
()
ھەرقانداق سۇرۇندا توردىن قالمايسەن ،
بىرىلگەن سالامنى ئىلىك ئالمايسەن .
پانىدا گېدىيىپ خادىدەك يۈرسەڭ ،
لەھەدنىڭ تۆرى يوق قانداق ياتارسەن ؟
()
مەرتلەرگە بىباھا نۇمۇس قىممىتى ،
ھاتتاكى جان بىرىپ ئاقلايدۇ ئۇنى .
شۇڭلاشقا چىن ئىنسان بولماق بەك قىيىن ،
ئار -نۇمۇس تاللايدۇ ئادەم خىلىنى .
()
بەك ئاچچىق بولسىمۇ قىزىل مۇچ تەمى ،
يەيمىزكەن غىزادىن ئايرىماي ئۇنى .
دەرۋەقە " ئاچچىقنى باسىدۇ ئاچچىق "
ھالبۇكى كوپ يىدەك چىقىدۇ دەردى .
()
ئوتقاشتەك جەلىپكار ئانار چېچىكى ،
ئەنجۈردە چىچەك يوق شىرىن مىۋىسى.
بارچىدە خاس خىسلەت ، ئىنساندىمۇ ھەم ،
ئوخشىماس ھەركىمنىڭ ئەجرى - شىرنىسى .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776