ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
يىغلىغانغا كەلمەس جانانىڭ


يىغلىغانغا كەلمەس جانانىڭ


 

 ( مۇھەممەتجان راشىدىن )


 


بايلىق دېگەن مەڭگۈلۈك ئەمەس،
گادايلىقمۇ مەڭگۈ يۈك ئەمەس.
ئۈمىدسىزنى ياقتۇرماس ئالەم،
ھايات چۈنكى بىر كۈنلۈك ئەمەس.


 

پاناھى بار تېنەپ يۈرگەننىڭ،
خۇدايى بار تىلەپ يۈگەننىڭ.
مەنزىلى بار گۈلشەندە بەلكىم،
تەقدىر ھەريان سۆرەپ يۈرگەننىڭ.


 

ئەسقاتمايدۇ مەڭزىڭدە خالىڭ،
ئامەت ئەمەس ئايدەك جاملىڭ.
يىغلاپ يۈرمە كاككۇكتەك زارلاپ،
يىغلىغانغا كەلمەس جانانىڭ.


 

چۇغلۇق بولۇپ ئۈن، دەيدۇ ھايات،
تۇلپار تۇتۇپ مىن، دەيدۇ ھايات.
كۆز ياشلاردا نىجاتلىق بولماس،
قەيسەرلىكتە گۈللەيدۇ ھايات.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776