ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ھىدايەتنامە

 


 

ھىدايەتنامە


 


 ئا.ئۆتكۇر


 

ئۆمۇرمەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى ،
تەپەككۇر بولدى بىرھادى تىپىشتا چىن ھىدايەتنى ،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى ،
دىلىم ئىستەيتى ئىزھارغە ھەمىشەمەقبۇل پۇرسەتنى .
كىلىڭ ئەي دوسلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.


 

سۆزۈمنىڭ باشى بىسمىللا بۇ مۇئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانايۇ ھەمدىلەر ئىيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر،
قۇرۇق تۇزسىزئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل،ئەقىدەمدۇر ،
بۇداۋايىمغا بورھانىم مۇشۇيازمىش قەسىدەمدۇر ...
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قولۇمغا كۈچ ۋەقۇۋۋەتنى ،


 

تەئەججۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن .
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئەگەر ئىچسەبىرچەشمە قەترەمدىن.
ئىزىقتىم مەنمۇ بىرچاغلارداناگاھ تەۋرپ ئەقىدەمدىن ،
شۇكرىكىم رەھنامە تاپتى كۆڭۇل سۇلتانى تەۋبەمدىن .
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ،ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى .


 

تۇغۇلغاچ ئىككى مۇئمىندىن ئۆتۇپ ئەللىكتە سەككىزيىل ،
يەكۇنلەش سائىتى يەتتى ئەمدى ئۆمۇرنى ئەستايدىل .
نەزەر سالام بىسىپ ئۆتكەن يولۇمغابولمايىن غاپىل ،
ئاقۇر كۆزياشلىرىم گويا بولۇپ ئىرىتىش ۋەياكى نىل.
جاھاندا چەكمىگەي ھىچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادمەتنى.


 

سەھەردە ھەمدىلەرئىيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەردەمدە،
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەزەنتى ئادەمدە.
ۋاھالەنكى ئادابولماي ھىساپسىز بۇقەرىز بۇزىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇقەلبىمدە .
ئۆمۇرنى زايا قىلماڭلار ئىلىپ مەندىن بۇئىبرەتنى ،


 

باھار يامغۇرلىرى يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى ،
ئىرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۇللىتەر باغنى.
مۇيەسسەر مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ،
ئىرىتسە ھىچ ئەجەپ مەسىكىم كۆزۇمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى .  


 

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە ،
ئۆمۈدۈم بىربىقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە .
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇقەسىدەمدە .
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ-سائادەتنى.


 

خىيالىم دىڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق ،
كىچىلەر ئازيۇمۇپ كۆزنى ۋەگاھى تاڭغىچە ئويغاق .
قولۇم يەتمەيدىغان شاھقا ئىسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق .
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشاقەتنى .  


 

پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۇن ،
كۆڭۇلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ، تارقىدى ئەپسۇن .
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ،
ۋەلىكىن جان كىتابىغا قوشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن .
يىقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم كۆڭۇلگە ئەمدى غەپلەتنى .


 

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقساكىشى ئالەمگە بىرمەررە ،
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە ،
ئادىمزات يۈكسىلىپ تاپتى ئاتۇمدىن مول زەررە ،
ۋەلىكىن بىپايان سىر دىڭىزىدىن بۇتىخى ئازغىنە قەترە .
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ -ھىكمەتتىن .


 

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىدىن كۆپرەك ،
كۆڭۇل روشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق ،
بىلۇر ئەمما گۆدەك ھەتتانىچۇكتۇر گۇل نىچۇك ياپراق .
دىمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى-پاراسەتنى .


 

تۇمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل-دانىش،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۇچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش ،
ۋەلىكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئىلىپ مەيداندا ئەزمايىش .
ئاخىرى ئىتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .


 

مىسال :بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغانىنى ئويلاپباق،
ئانا قارنىدا بۇ جانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپباق ،
تۇغماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپباق .
بۇمۇشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپباق .
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى- پىكرەتنى.


 

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن ،
ۋە ھەتتا ئاي يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
بۇڭائەۋلاد ئادىمزات ئوغلى ئوقىيا مىڭ مەدھىيەتەلقىن ،
لىكىن ئادەم بىناقىلماق بۇئادەمگە نىچۇك مومكىن .
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .


 

نىمىشقا ئاياغ ئىككى ،كۆز ئىككى،ئىغىزبىردۇر ،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىناقىلغان قايسى تەھرىردۇر.
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ،
قىنى ئىيتىڭچۇ؟بۇسىرغا نىچۇك سۆز توغىرا تەئبىردۇر .
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۇشەنمەككە بۇ سۇرەتنى .


 

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەركىم بىلۇر ئۇ زاتنى ئاندىن ،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .
لىكىن نەدە ،قاچان ،قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ،
ئىچىلماس سىر بولۇپ كەلدى بۇماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن.
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .


 

ئۆلۈمگە دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا ،
ۋەلىكىن ھىچكىم تامىدى بۇئىشتىن زەررىچە مەنا .
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئاماننا .
دىمەك مۇئمىن ئەمەس بۇزماق بۇقانۇنى زۇرۇرەتنى .


 

قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساماسەير ئىتىپ ھەركۇن ،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋىر ئىتەر ھەركۇن.
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتىزىم قانۇن،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئاشۇ خىلدا تولا مەزمۇن.
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۇشەنگەچكە بۇھالەتنى .


 

ۋە بەلكى بەزىلەرئىيتار تۇزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋە ھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھونۇن بىر ياخشى ئىبرەتتۇر،
شىغىل-تاش ھەر زامان تاشتۇر، زۇمرەتلەر-زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل-جاھالەتنى .


 


ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ، 
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ،زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالتنى .


 

مىسال :پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى ،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى .
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .


 

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ،
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران ،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
دىمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .


 

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا ،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دىھقان ھۇسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا ،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا .
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .


 

ھاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ،
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە ،ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر .
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.


 

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى < سۈرە رەھمان.&t;
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە < ما تۇكەززىبان.&t;
قۇلۇپلۇق بو لمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.


 

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر ،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ ،شائىر .
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى .


 

ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر .
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر ،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرىپ،بىرەر ساكىن ياكى زىر.
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە - كارامەتنى .


 

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات ،
ئۇقۇپ بىر كۈن < &t;نى ھەيھات .
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ،
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى .


 

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر.
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر .
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.


 

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ .
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ ،
مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .


 

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ،
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى .


 

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر،ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.
جاھاندىن كەتتلەر لىكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
تاپالماس چۈنكى باتىللىق،ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.


 

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.
ئەقىل ساﻫىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.
ئۆزىگە رەﻫنامە قىلسۇن ئەدىل ، مەردانە پىكرەتنى.


 

خاتىمە :


 


بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.


 

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم،ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە،ئېتىقادىم بار.
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق،قىلىشقا نىمە ھەددىم بار.
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.
جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،


 

مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھىساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776