ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
سۆيگنىڭمۇ سىنىقى تولا

 


 

سۆيگنىڭمۇ سىنىقى تولا


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن سېنى،
ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەسقۇ؟
تۈگىمەيدۇ كەينىمدىن گەپ - سۆز،
ياخشى كۆرۈش زىنا ئەمەسقۇ؟


 

كۆرەلمەسلەر چىقتى كوچامدىن،
كېلىپ - كېتىپ يۈرگەنلىرىڭىنى.
كېلىپ - كېتىپ يۈرمىسەڭ، يارىم،
قانداق بىلەي سېنىڭ سىرىڭنى؟


 

مەن بىر بارسام، سەن ئىككى كېلىپ،
يۈرەكلەرنى سىناپ كۆرىمىز.
گاھ ۋىسالغا ئوخشايدۇ دىدار،
گاھ ھىجىراندا قىيناپ كۆرىمىز.


 

سۆيگۈنىڭمۇ سىنىقى تولا ،
سۆيگۈ چۈنكى، شېرىن چۈش ئەمەس.
بىنالىرى پۈتمەس بىر كۈندە،
سۆيگۈ دېگەن ئاددىي ئىش ئەمەس.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776