كەچۈرۈڭ قىزلارمۇ ئانا بولىدۇ
مۇھەممەتچان راشىدىن
قىز دىگەن ئۆتمەيدۇ مەڭگۈ قىيغىتىپ ،
كەچۈرۈڭ ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
يۈرمەيدۇ كۆرۆنگەن شاخنى ئېغىتىپ ،
كەچۈرۈڭ ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
بارچىدىن ئۇلارغا موھەببەت ئەزىز ،
يوللىرى شۇڭلاشقا گاھ پەس-گاھ ئېگىز .
شۇلارنى ئازدۇرغان ئەسلى سىز ۋە بىز ،
كەچۈرۈڭ ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
بىرلىرى ئالدىن كىپىنەكلەرگە ،
تەگسىمۇ تەگكەندۇ بىمەھەل ئەرگە .
كۆز تولا سەۋەبى گۆھەرگە ،زەرگە ،
كەچۈرۈڭ ،ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
يوق ئەمەس پەدەزگە بېرىلگەنلىرى ،
يوق ئەمەس ،ياشلىق دەپ كىرىلگەنلىرى .
ۋە لىكىن ، ئازغۇنلارتۈمەندىن بېرى ،
كەچۈرۈڭ ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
بىرلىرى بوپقاپتۇ ،شاراپ خانىدا ،
تۈنەپمۇ قاپتۇ ھەم ئايسىز دالىدا .
يول تېپىپ ھاياتنىڭ ئىمتىھانىدا ،
كەچۈرۈڭ ، ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
ئايدىمۇ داغ بارغۇ ، ئۇلارمۇ ئايغۇ ،
ئۇلار ھەم تۈنۈگۈن تۇغۇلغان تايغۇ .
قىيغاتسا ئۇلاردىن يەپ يۈرمەڭ قايغۇ ،
كەچۈرۈڭ ،ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
بولغاندا قىز بالا بەلكىم رەسىدە ،
كۆرىنەر بىرلىرى بەزىدە زىدە .
تىل تەگسە بەزىدە ئۆچەر ئەقىدە .
كەچۈرۈڭ ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
بويىدا بار تىخى بالىلىق چۈنكى ،
بولمامدۇ بالىدا چالىلىق ،چۈنكى ؟
قىسقىراپ كىلىدۇ ئارىلىق ،چۈنكى ،
كەچۈرۈڭ ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
ئازماسقا يارالغان ئەمەستۇر ئىنسان ،
ئىنساننىڭ كەينىدە بىللىدۇر شەيتان .
ئازابلار ئۇلارنى ئاخىر پۇشايمان ،
كەچۈرۈڭ ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776