ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئاجراشمىسام بولمىدى

ئاجراشمىسام بولمىدى


 ئاپتور: مۇختەر يۈسۈپ


كۈن ئۆتكۈزمەك تەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى
خوتۇن بەكلا پەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى
نىگارىدىن بىتەلەي كەلگەن ئەرلەر بىچارە،
ئىكەن ماڭا نەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


كۆيدۈم دېسە، كۆيدۈم دەپ، توي قىلغانتىم ئەسلىدە،
سۆيدۇم دېسە، سۆيدۈم دەپ، توي قىلغانتىم ئەسلىدە،
ئۇنىڭ ھەربىر سۆزلىرى يالغان ئىكەن، ۋاي ئىسىت...
بىلگەن چاغدا تەس كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


مال - دۇنيارىم كۆپ بولغاچ، كۆيگەنلىرى شۇ ئىكەن،
ھاتەم كەبى مەرد بولغاچ،  سۆيگەنلىرى شۇ ئىكەن،
توي بىلەنلا تۈگىدى تەئەللۇقات، مال - بىسات،
ئەمدى دىلغا غەش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى.


 


خۇي - مىجەزى كۈنسېرى ياقماي قالدى دىلىمغا،
چوغنى ياقتىم مەن مۇشۇ سۆڭىكى يوق تىلىمغا،
مەقسىتىنى بىلگەندە پۇشايمانغا قالدىممەن،
ئاپەت دېگەن قۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


كۈندۈزلىرى بازارغا يورغىلايدۇ توختىماي،
كېچىلىرى ئۆتمەيدۇ رېستوراننى يوقلىماي،
مەن ساقلايمەن ئەنسىرەپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي،
نەچچە قېتىم مەست كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


قوزغاتماقتا زەردەمنى ئۇنىڭ قىلغان پەردىزى،
قاراپ باقسا، تۇرقى بىر غەيرىي مەخلۇق ئەندىزى،
يامان كۆزدىن ئەيمىنىپ خىجىل بولار دېگەنتىم،
لېكىن كەيپى خوش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


 


كىيگەن كىيىم سۆڭگەچنى تۈزۈككىنە ياپالماس،
نەچچە دېدىم ئۇنىڭغا، ياخشى ئامال تاپالماس،
تاپا - تەنە كۆپ بولدى، ئوڭشالمىدى پەقەتلا،
چىڭ تاياقمۇ بوش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


ئۆي ئىشىغا پۇت - قولى قولاشمايدۇ، ئوڭ كەلمەس،
ھەتتا بىر ۋاخ تاماقنى قاملاشتۇرۇپ ئېتەلمەس،
ھەممىسىنى ئاخىرى ئۆزۈم قىلدىم، ئۇخلايدۇ،
دائىم خورەك - پۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


بىكار بولسا، تۆت خوتۇن غەيۋەت قىلار كۈنبويى،
غاجىلاشتىن نېمىكىن ئۇنىڭ مەقسەت ھەم ئويى؟
شۇ سەۋەبلىك تۆت توخۇ، ئالتە توشقان ياداڭغۇ،
غەزەپ تۇشمۇتۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


 


ئۆزى شۇنداق بولغاچقا دوستلار ئارا گەپ بولدى،
خىجىل بولۇپ سۆزىدىن زەردەم تېشىپ «خەپ...» بولدى،
سالسام ئاڭا بىر تەستەك، ياقام دەرھال يىرتىلىپ،
زاڭىقىمغا مۇش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


ئادەم سالدىم ئارىغا، ئاڭلىمىدى گېپىنى،
يامان قىلدى ھەتتاكى ئۇنىڭ ياخشى ئېتىنى،
نەدە يۈرەي دەرد تۆكۈپ، بېرەي دېدىم خېتىنى،
ئەجەپ يامان چۈش كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى


بىلىپ چوڭلار ھەممىنى، ئاڭا شۇنچە سۆزلىدى،
ئىلىك ئالماي گېپىنى، مال - دۇنيانى كۆزلىدى،
بىز بىر ئۆيگە پاتمىدۇق، ئاجرىشىپلا قۇتۇلاي،
قىستالجۇقتا «پوش» كەلدى، ئاجراشمىسام بولمىدى

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776