ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ

 


 

ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ


 

تويى بولۇپ ئاغىنىمىزنىڭ ،
نىكاھىغا باردۇق سەھەردە .
ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ ،
پۇر كېتىپتۇ پۈتۈن شەھەرگە .


 

خىجىللىقتىن قىزاردى چوڭلار ،
باشلىغاچقا بوۋىلار سوراق .
بايان ئەيلەي كىتاپخانلىرىم ،
ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق .


 

ئىمام ئاخۇن باشلىدى تەپسىر،
شۈك بولۇشتۇق ئايەتنى ئاڭلاپ .
ھەيران بولدى مىنكاۋخەن يىگىت .
چىقتى بىر قۇر ھەممىگە قاراپ .


 

خاتۇنلۇققا قۇبۇل قىللىمۇ ؟
-دېدى ئىمام ،يىگىتكە ،قىزنى
ئىپادىسىز ئولتۇردى يىگىت ،
چۈشەنمىگە چ تازا بۇ سۆزنى .


 

قىستىغاچقا ئىمام جاۋاپنى ،
-تا شوسا دەپ باقتى قولداشقا .
توۋا دېدى بوۋىلار غەزەپ -
-بىلەن قاراپ دادا قاقباشقا .


 

پىچىرلىغاچ قولدىشى كۈلۈپ ،
"تۇڭيى "دېدى يىگىت ئالدىراپ ،
ئاپلا ...دېدى ئىمام ئاخۇنۇم ،
توختىماستىن ساقالنى سىلاپ .


 

داۋام ئەتتى نىكاھنى ئىمام ،
بىر غەزەپتىن چاقناپ كەتتى كۆز .
تاشقىردىكى قىزنىڭ ئاغزىدىن ،
ئاران چىقتى "ھەئە "دىگەن سۆز ...


 

تۇزلۇق ناننى يىگىتكە بەرسە ،
ھەيرانلىقتا دېدى "جىگى سا ؟"
چىرقىرىدى تاشقىردىكى قىز ،
"جىگى مو مو ،فىيچاڭ نەنچىلا "......


 

-توۋا دېدى ئىمام غەزەپتىن ،
مۇشۇمۇ ھە بىزنىڭ بالىلار
بىر قاباھەت يادىدىن كېچىپ ،
ھەسرەت ....دېدى ئاقباش بوۋايلار ....


 

-شەرەپلىك ئىش قوش تىللىق بولۇش ،
ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت
ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،
مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت


 

تامام بولدى بۇ نىكاھ شۇنداق ،
پوق يىگەندەك بوپ قالدى ھەممە ،
ئىمام يىغلاپ دىگەن بۇ گەپلەر ،
بارچىمىزگە بولسۇن تەربىيە


 

خاتىمە :


 


قىز دەپتۇمىش ئىمام ئاخۇننى ،
بۇ "داخۇزى نائىردى جۈجاڭ ؟"
ساددا يىگىت دەپتۇ ئىمامنى ،
جىگى يې يې مەسچىتكە شوۋجاڭ


 

-شەرەپلىك ئىش قوش تىللىق بولۇش ،
ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت
ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،
مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776