مۇھەممەتجان راشىدىن
قايدا قالدى بىلمەيمەن، ياشلىقىمنى يوقاتتىم ،
مۆمىنلىككە ئەسىرمەن ، شاشلىقىمنى يوقاتتىم.
يېتىپ يەرمەن دېگەنتىم ئۆمۈربويى ئىشلىمەي،
كەم دېگەندە بىر خامان ئاشلىقىمنى يوقاتتى.
نەگە كەتتى قۇدرىتىم تاغ كۆتەرگەن مۈرەمدە،
بىللە يۈرگەن دوسلار ھەم بىر چاغ قوشتا، سۆرەمدە.
ئەگىشىپ يۈرگەن قىزلار يوق چۇرۇقلىشىپ چۆرەمدە،
شۇلار ئۈچۈن ۋاي ئېسىت خاسلىقىمنى يوقاتتىم.
ئالتۇن دېسەم ياشلىقنى، ساقلىغىلى بولمىدى،
شەمشەر دېسەم، قاشارسا چاقىلىغىلى بولمىدى.
سېپى سۇنسا كەتمەندەك ساپلىغىلى بولمىدى،
كەتتى ياشلىق، بىر ئەمەس ، مىڭ جېنىمنى يوقاتتىم.
مەھەللەمنىڭ بىر چاغدا قىزىل گۈلى مەن ئىدىم،
لەززەت ئىدىم قىزلارغا-چېيىدىكى قەن ئىدىم.
كىم تالاشسا سۆيگىلى، مەن شۇنىڭغا تەن ئىدىم،
ئىچكەنلەرنى مەس قىلغان تاتلىقىمنى يوقاتتىم.
باراي دېسەم ياراشماس يىگىت-قىزلار ئارىسى،
بارماي دېسەم،قاپتۇ جىق ئويۇنلارنىڭ چالىسى.
ياشلىقىمغا يانماقنىڭ تېپىلماسمۇ چارىسى،
قايغۇ بىلەن غەم قالدى، شاتلىقىمنى يوقاتتىم.
بولۇپ قالدىم يېنىمدىن ئەڭگۈشتەرىم يىتكەندەك،
مال-بىساتىم، ئۆي-جايىم تامام كۆيۇپ كەتكەندەك.
بولۇپ قالدىم غېرىپلىق ئەندى ماڭا يەتكەندەك،
تايدەك چېپىپ يۈرەرگە يايلىقىمنى يوقاتتىم.
بىلگەن بولسام شۇلارنى، بۇ دۇنياغا كەلمەيتتىم،
بۇ دۇنياغا كەلسەممۇ ئۇنچە كۆڭۇل بەرمەيتىم.
بىلگەن بولسام ئۈشۈكنى، قوغۇن، قاپاق تېرمايتتىم،
دۆلەت كەتتى قولۇمدىن، بايلىقىمنى يوقاتتىم.
ئېيتىڭلارچۇ، مەن ئۇنى ئەندى نەدىن ئىزدەيمەن،
ئۆزگىلەردىن ئۆزۇمنى ئەندى قانداق ئۆز دەيمەن؟
باھارىم يوق،پەسلىمنى ئەندى شۇڭا كۈز دەيمەن،
روخسارىمدىن ئايدىڭدەك ئاقلىقىمنى يوقاتتىم.
سوراي دېسەم ئەينەكتىن ، قاراپ تۇرار بىر بوۋاي،
چەينەك تۇتۇپ يېنىمدا پەيدا بولدى بىر موماي.
بولۇپ قاپتۇق مويسىپىت، تۆۋە دەيمەن، زەپ ئوڭاي،
سەپىرىدە ئۆمۈرنىڭ بىر بېغىمنى يوقاتتىم.
كېلىپ قالدىم تۆت چامداپ ،ئالتە كۈلۈك ئاتمىشقا،
ئۈنچە-مارجان تۆكۇلدى،قۇرت چۈشۈپ ساق چىشقا.
سۇنغان خىشنىڭ يوق ئىكەن ئايلانمىقى ساق خشقا،
كۆك سۈت قالدى چىنىدە، قايمىقىمنى يوقاتتىم.
ناخشا ئېيتسام، نىچۈندۇ،تىڭشايدىغان كىشى يوق،
كاردىن چىققان كارىۋاتمەن،ئوڭشايدىغان كىشى يوق.
ئەجەپ ئىكەن قېرىلىق ، ئوڭغا تارتقان چۈشى يوق،
ياشلىقتىكى بارچىگە بايلىقىمنى يوقاتتىم.
ئاختۇرۇمەن ۋاراقلاپ دەپتىرىمنى يىللارنىڭ،
ئۆتۇپ باقتىم ئايلىنىپ ئارقىسىغا قىرلارنىڭ.
بولمايدىكەن دېرىكى يىتكەن مۇنداق تىللارنىڭ ،
ئىزدەي دېسەم تۈنلەردىن، چاقمىقىمنى يوقاتتىم.
بولۇپ چىقتى ئاخىرى ئۆتكەن كۈنلەر گۇمانلىق،
شۇلار ئىكەن بەرمىگەن ياشلىقىمغا ئامانلىق.
دېمەك، كەپتۇ شۇلاردىن مەن ئۈچۈنمۇ يامانلىق،
شۇڭا بۇگۇن بىمارمەن، ساقلىقىمنى يوقاتتىم.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776