ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
مەن ئاق بايراق ئەمەس (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

 


 

مەن ئاق بايراق ئەمەس


 

(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)


 

كۈمۈش كەبى يالتىراق،
مەرۋايىتتەك پاقىراق.
بىر چوقا بار ئاسمانغا مەغرۇر بېشى تاقاشقان،
ئۇنىڭ ئېتى خانتەڭرى، تەڭرى تېغىغا جايلاشقان.


 

مەشرىقتىن چىقسا ئاپتاپ،
ھەممىدىن ئاۋال باشلاپ.
شۇ چوقىنى سۆيىدۇ مەڭزىگە يېقىپ مەڭزىنى ،
ئۆتۈپ ئۇنىڭ قېشىدىن ، غەربكە ماڭار ئاندىن.


 

كېچە بولسا تولۇن ئاي،
ئۆتمەيدۇ ئۇندا قونماي.
يەتتە يۇلتۇز ھەم ھۈكەر، زۇھەل بىلەن مۇشتىرى
ئۇنى يوقلاپ ئۆتىدۇ تەزى قىلىپ ھەر بىرى.


 

ئېرىمەيدۇ قىش -يېزى،
ئاق شايىدەك قار- مۇزى.
كۆكرىكىگە تاقاقلىق تەبىئەتنىڭ ئەركىسى
تاشنى يېرىپ چىققان ئۇ مۆجىزە قار لەيلىسى.


 

شۇڭىلاشقىمۇ بۇ چوقا،
بەزى بولۇپ ھۈرلىقا.
كۆرۈنىدۇ كۆزلەرگە ئاق ئېچىلغان گۈل كەبى،
ياكى باھار كۈنلىرى ئاققۇ قونغان كۆل كەبى.


 

بۇنى بىلمەي بىر جاناپ،
خانتەڭرىگە بىر قاراپ.
دەپ تاشلىدى:«بۇ چوقا يىراقتىن قارىماقتا-
ئوخشايدىكەن ئەل بولغان قوشۇن تۇتقان بايراققا».


 

خانتەڭرى بۇنى ئاڭلاپ،
كۈلۈۋەتتى قاقاقلاپ.
دېدى: نەدە چوڭ بولغان بېشى قاپاق جانابسىز،
قۇلاق سېلىڭ ، قالمىغاي بۇ گىپىڭىز جاۋابسىز.


 

دەرۋەقە، ئاق مەن ئۆزۈم،
ساقال - چېچىم ھەم يۈزۈم.
لېكىن ھەرگىز ئەمەسمەن سىز ئېيىتقاندەك ئاق بايراق،
تەبىئىتىم - مىجەزىم ئاق بايراقتىن بەك يىراق.


 

ئادەمئاتا ھەم ھاۋا
جەننەتتىن چىققان چاغدا،
تۇنچى تۇغۇلغان ئوغلى مەن ئىدىم بۇ زېىمىدا،
بوز ئېچىپ، ئۇرۇق چاچقان يېشىل ۋادى تېرىمدە.


 

نوھنىڭ كېمىسى تۇپاندا،
يول تاپالماي ئازغاندا.
ئاغزىمغا زەيتۇن چىشلەپ بارغان كەپتەر مەن ئىدىم،
ھاياتلىقنىڭ نىشانى - ئاشۇ خەۋەر مەن ئىدى.


 

قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر
باشلاپ كەلگەندە خەۋەر.
ئۇنىڭ ئۆتەر يولىنى توسۇپ قويغان مەن ئىدىم،
شەرىقلىقنىڭ كۈچىنى تونۇتۇپ قويغان مەن ئىدىم.


 

يىپەك يۈكلىگەن كارۋان
قوڭغۇراق جاراڭلاتقان
ئاشۇ قەدىم يوللاردا ھەم قورۇقچى - پاسىبان،
ئاش - تۇز بېرىپ كارۋانغا ھەم بولغانتىم ساھىبخان.


 

ئەي جانابىي مۇھتەرەم،
بىلىپ قويۇڭ شۇنى ھەم.
تارىخ دېگەن كىتابنىڭ خېتى مەندە پۈتۈلگەن،
نى - نى چىگىش تۈگۈنلەر مېنىڭ بىلەن يېشىلگەن.


 

قەغەز، كومپاس ، مەتبەئە،
دورا دېگەن مۆزىچە
مەندىن ئۆتۈپ جاھانغا تارالغان ھەم كېڭەيگەن،
مەدەنىيەت بۆشۈكى ئۆز قولۇمدا تەۋرەتكەن.


 

دېمەك، تا ئەلمىساقتىن-
بېرى بارمەن ئۇزۇقتىن،
شۇڭا بېشىم ئاقارغان، ھەتتا كىيگەن نونۇم ئاق ،
لېكىن ئۆزۈم ئەمەسمەن سىز ئېيىتقاندەك ئاق بايراق.


 

بۇ ھۈر زېمىن ۋەتىنىم،
ئاڭا باغلىق جان - تېنىم،
چاچ - ساقالنىڭ ئاقلىقى- تارىخ قەسرىنىڭ ئۇلى،
كۆككە تاقاشقان بېشىم شۇ ۋەتەننىڭ سىمۋولى.


 

قارا بۇلۇت توسسىمۇ،
چاقماق كېلىپ سوقسىمۇ.
ئېگىلمەستىن بۇ بېشىم مەغرۇر تۇردى ھەممە ۋاق،
قانداق قىلىپ مەن ئەمدى بۇلۇپ قالاي ئاق بايراق،


 

قەلبىم قىزىل چوغ تۇرۇپ،
قىزىل تۇغنى كۆتۈرۈپ .
كېتىۋاتسام مەردانە ناخشام غالىب، ياڭغىراق،
قايسى يۈزىڭىز بىلەن مېنى دەيسىز ئاق بايراق


 

- يىل - سېنتەبر، ئۈرۈمچى
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776