ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى

 


ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى
         
بۇكوزا مېنىڭدەك ئاشىق-زار ئىدى،
سۆيگىنى قارا چاچ بىرنىگار ئىدى.
كوزىنىڭ دەستىسى-سېپى بىرمەھەل
قول ئىدى،يار سۆيۈپ بەختىيار ئىدى.


پەلەككە تەڭرىدەك بولسام ھۆكۈمران،
قىلاتتىم پەلەكنى چېقىپ مەن گۇمران. 
يېڭىدىن شۇنداق بىر دۇنيا تۈزەتتىم،
ياخشىلار تىلەككە يېتەتتى شۇئان.


مەن شۇنداق ئىچەيكى،ئۆلسەم ئۇ شاراب،
پۇرىقى قەبرەمدىن چىقسۇن پۇرقىراپ.
چالامەست ئۆتسە گەر قەبرەم بېشىدىن،
ھوشىنى يوقىتىپ،ئەيلىسۇن خاراب.


مەستلەرنى تىللىما،ئىچمىسەڭ ئەگەر،
غەيۋەتلەر توقۇما،بولما ھىيلىگەر.
تەمەننا ئەيلىمە،مەي ئىچمەيمەن دەپ،
قىلمىشىڭ ئۇنىڭدىن مىڭلارچە بەتتەر.


بىر مەيخۇر مەست بۇلۇپ ئۇيقىدائىدى،
ئەس-ھوشى،خىيالى تەندىن ئايرىلدى.
مەي ئىچتى،مەست بولدى،ئۇيقىدىن تۇرۇپ:
«ئى خۇدا،بەندەڭگە رەھىم قىل»دىدى.


دۇنياغا پاك كېلىپ،ناپاك بولدۇق بىز،
ئىشىكتىن شاد كىرىپ،غەمناك بولدۇقبىز.
كۆزىمىز يېشىدىن يۈرەكتە ئاتەش،
ئۆمرىمىز ئۇچتىيۇ،تۇپراق بولدۇق بىز.


قولمۇقول تۇتۇشۇپ بولمىساق ھەمدەم،
خوشاللىق ھەم كەلمەس،تۈگەپ كەتمەس غەم.
تاڭ چېغى تولدۇرغىن سەھەر جامىنى،
يەنە كۆپ تاڭ ئاتار بىزدىن كېيىن ھەم.


ئەي دوستلار سورۇننى ئاۋات قىلىڭلار،
پات-پات يۈز كۆرۈشۈپ،دىل شاد قىلىڭلار،
ساقىي پاك شارابنى قولغا ئالغاندا،
پېقىرنى دۇئادا بىر ياد قىلىڭلار.

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776