ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
دەپتۇدەك (ساتىرا )

دەپتۇدەك


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

(ساتىرا  )


 

مېنى بىرى :ياشاشنى بىلمەيدىكەن دەپتۇدەك،
ئويۇن كۈلكە بار يەردە يۈرمەيدىكەن دەپتۇدەك.
ئاياللارغا ئۆچمىكىن،ئايالمىكىن يا ئۆزى،
بىزدەكلەرگە قاقاقلاپ كۈلمەيدىكەن دەپتۇدەك.


 

زېرىكمەپتۇ شۇنچە يىل ئەسكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ،
ھۆكۈمەتتىن ئايمۇ ئاي سوقۇۋاتقان پۇل تۇرۇپ.
سالالماپتۇ ئۆيىگە تۆت  گىلەممۇ تولدۇرۇپ،
خىيالىغا بۇ ئىشلار كىرمەيدىكەن دەپتۇدەك.


 

نىمىكىنتاڭ خىيالى ،ئۆزى خېلى زىيالى ،
قامىتىمۇ كېلىشكەن،ئۇنۋانىمۇ ئەڭ ئالى.
ئاشنىسىمۇ يوق دەيدۇ(بۇ ئىشلاردىن كىم خالى)،
ھوزۇرىنى  دۇنيانىڭ  سۈرمەيدىكەن دەپتۇدەك.


 

يانفۇنى يوق يېنىدا،گالىستۇك يوق بوينىدا،
ئىشلەيدىكەن دېھقاندەك كەتمەن تۇتۇپ ھويلىدا.
خوتۇنىمۇ چاغلىقكەن بىللە ياتقان قوينىدا،
سايە قىلسا باشقىنى  كۆنمەيدىكەن دەپتۇدەك.


 

تەتقىقات دەپ ،ئىجاد دەپ ئۆتۈپ بوپتۇ ياشلىقى،
ھە،ئىلاھىم، دېھقاندەك قاردا قاپتۇ ئاشلىقى.
ياكى يېڭى بولماپتۇ ئۆتۈكىنىڭ باشلىقى،
بۇ تۇرمۇشتىن ياكى قول ئۈزمەيدىكەن دەپتۇدەك.


 

كىرىپ بارساق باشلىدى ساراي تۇرۇپ دالانغا،
خاپا بولساق كارى يوق،چۈشۈپ كەتتى پاراڭغا.
ساراڭ دېسەك گەپلىرى ئوخشىمايدۇ ساراڭغا،
زېرىكمەستىن كەچكىچە  سۆزلەيدىكەن دەپتۇدەك.


 

ئېچىۋالسا كىتابنى ياپمايدىكەن كۈن بويى،
ئېلىۋالسا قەلەمنى ،يەتمەيدىكەن توك پۇلى.
مۇشەققەتتىن باشقىنى  بىلمەيدىكەن يىل بويى،
شۇنداق تۇرۇپ ھىلىمۇ  ئۆلمەيدىكەن دەپتۇدەك.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776