بىرەر تونۇش بولمىسا
مۇھەممەتجان راشىدىن
ئىش پۈتكۈزمەك مۇشەققەت،بىرەر تونۇش بولمىسا،
قوشۇلىدۇ شەرتكە شەرت، بىرەر تونۇش بولمىسا،
قوشۇلىدۇ دەرتكە دەرت، بىرەر تونۇش بولمىسا،
يىغلاشمۇ بار نەچچە رەت، بىرەر تونۇش بولمىسا،
ئەڭ ياخشىسى ئاستا كەت، بىرەر تونۇش بولمىسا.
بولۇۋالدى خادىملار ئىشنى پۇلسىز بېجىرمەس،
مىدىرلىماس ئاز پۇلغا،ئۇندا بىزنى باسار نەس،
ئارقا ئىشىك ئاچمىساڭ، ئاسان ئىشمۇ بولار تەس،
شۇڭا تونۇش ئىزدەيمىز،مىڭ يۈگۈرۈپ ئېگىز-پەس،
تۈگىشىمىز پۇل تۆلەپ،بىرەر تونۇش بولمىسا.
تونۇشلىرى بارلارنىڭ بالىلىرى خىزمەتتە،
يېقىنلىرى يوقلارنىڭ قالدى يىللاپ بىر چەتتە،
پىرىنسىپلار، ھۆججەتلەر يوق ئەمەستۇر ئەلۋەتتە،
ھۆججەت قېلىپ بىر چەتتە، ئىش پۈتىدۇ خىلۋەتتە،
يامان ئىكەن شۇ خىلۋەت، بىرەر تونۇش بولمىسا.
كۆرمەي دوختۇرلار، بالنىستتا يات دەيدۇ،
"يېتىشمەيدۇ پۇل" دېسەم، "ئۆي-بىساتنى سات" دەيدۇ،
بىر شەيتىنىم پىچىرلاپ، رېستۇرانغا تارت دەيدۇ،
كۆڭلۈم: ئەمما ياخشىسى بىرەر تونۇش تاپ دەيدۇ،
ئۆزگە ئامال يوق پەقەت، بىرەر تونۇش بولمىسا.
تونۇش كېرەك جىق ئىشتا، تىجارەتتە،
سەپەردە، تونۇش-بىلىش بولمىسا،
ھاياتىڭمۇ خەتەردە، ئىشچى بولۇپ زاۋۇتتا رەسمىيەتنى ئۆتەردە،
قەرز ئېلىپ بانكىدىن ياكى لازىم ئىتەردە،
كار قىلمايدۇ ئاق ھۆججەت، بىرەر تونۇش بولمىسا.
تونۇش دېگەن تونۇشكەن، يۇمشىتاركەن قاتتىقنى،
ئايلاندۇرۇپ تاتلىققا، ئوڭشايدىكەن ئاچچىقنى،
يېقىنلىرى پەسكويغا چۈشۈرەركەن باشلىقنى،
غەم باسقاندا تونۇشۇڭ باشلاپ كېلەر شادلىقنى،
سوكۇلدايسەن ھەپتىلەپ، بىرەر تونۇش بولمىسا.
ئەقەللىسى ئالالماي بىر پىراۋا بالامغا،
ئۆتۈپ كەتتى توققۇز ئاي قۇرۇق بارغاچ سالامغا،
پۇل سۇڭگۇتسام جۇدالىق يىتەر ئىكەن كاللامغا،
تۇز سەپكەندەك بولمامدۇ، ساقايمىغان يارامغا؟
نەدە ياردەم، نە مەدەت، بىرەر تونۇش بولمىسا؟
بىرەر تونۇش بولمىسا، ياقا يۇرتقا چىقساڭمۇ،
مۇساپىرسەن، غېرىپسەن، پۇل خەجلەشنى ئۇقساڭمۇ،
تەشۋىش بىلەن ياشايسەن، بەتتە پولۇ يۇتساڭمۇ،
تونۇشلارغا يىتەمدۇ، بىرەر ئۇستاز تۇتساڭمۇ؟
كىتەر سەندىن سەلتەنەت، بىرەر تونۇش بولمىسا.
بىر شەھەرگە بىر كۈنى بېرىپ قالدىم ئوينىغاچ،
تىنەپ قالدىم تويۇقسىز بىرەر تونۇش بولمىغاچ،
سەرسان بولدۇم، يات كۆرۈپ سارايلاردىن قوغلىغاچ،
ئامان قالدىم تۈرمىدىن، ياندا پۇلۇم قوغدىغاچ،
بولار ئىكەن بەكمۇ سەت، بىرەر تونۇش بولمىسا.
ياكى مېنىڭ تونۇشۇم ۋە يا ئۇنىڭ تونۇشى،
مۇھىم ئىكەن ئەيتاۋۇر بىر تونۇشنىڭ بولۇشى،
نۇرغۇن غەمدىن قۇتقۇزۇپ تونۇشلارنىڭ يۆلىشى،
پېقىرنىڭمۇ ئازايدى، شۇڭا يانچۇق كولىشى،
تەييار ئىكەن قاباھەت، بىرەر تونۇش بولمىسا.
"تونۇشتۇرۇش" دېگەندىن "تونۇش" ياخشى بوپقالدى،
سايىسى يوق دەرەختىن قومۇش ياخشى بوپقالدى،
تونۇشلارنى يات ئېتىپ تۇرۇش ياخشى بوپقالدى،
يىرتىقىمغا ئەسقاتقان پۇرۇچ ياخشى بوپقالدى،
تۈگەتتى مېنى يەپ، بىرەر تونۇش بولمىسا.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776