ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۆزەمغۇ بىلەتتىم ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن


ئۆزەمغۇ بىلەتتىم ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

توختاڭا،تىك چىكىت-ئۈندەشقۇ دەيمەن،
ئۆزەمغۇ بىلەتتىم،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
مۆچەلدە ھايۋانلار ئونبەشقۇ،دەيمەن،
ئۆزەمغۇ بىلەتتىم،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.


 

تۆت<<ئۇ&t;&t;نىڭ بەلگىسى چىققىنى راستمۇ؟
خەنزۇچە<<تۇڭ&t;&t;دېگەن چۆگۈنمۇ،داسمۇ؟
سورىسام، دەپ قالماڭ:بۇ ئايال گاسمۇ؟
ئۆزەمغۇ بىلەتتىم،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.


 

كۈندىن ئاي چوڭ،دېسەم،<<ياق&t;&t;دېدى بىرى،
سىزمۇ كۈن چوڭ،دەمسىز؟قويۇڭا نېرى
ھە،راستلا،ئۇيغۇرمۇ مەھمۇت قەشقىرى؟
ئۆزەمغۇ بىلەتتىم،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.


 

ئېيتىڭا،لامپۇچكا كىمنىڭ ئىجادى؟
<<يىللارغا جاۋاپ&t;&t;نى كىم يازغان زادى؟
لېنىنىنىڭ قانچىدە چىققان ساۋادى؟
ئۆزەمغۇ بىلەتتىم،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.


 

ئاڭلىدىم ئادەملەر ئايغا چىقتى،دەپ،
ئېيتىڭا، بۇ ئۆزى قانداقلارچە گەپ؟
گېزىت يا ژۇرنالغا يېزىلسامچۇ،خەپ
ئۆزەمغۇ بىلەتتىم،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.


 

كەچۈرۈڭ،بىر چاغلار سۇئاللار سوراپ،
مېنىمۇ كۆپ كىشى ئالاتتى توراپ،
مەن بۈگۈن سىزنىمۇ ئالدىم ھەم توراپ،
ئۆزەمغۇ بىلەتتىم،ئۇنتۇپ قاپتىمەن.


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776