رەنجىمىگىن
ئوغلان شېئىرى
رەنجىمىگىن تۇرالمىدى دەپ،
بەرگەن ۋەدە - قەسەملىرىدە.
چۈنكى باردۇر ئېغىر بېسىملار،
ئۇنىڭ باسقان قەدەملىرىدە.
رەنجىمىگىن سۆيەلمىدى دەپ،
تۆكۈپ قان - ياش ھەر تۈن كېچىدە.
ئۇمۇ ئۆتەر چىداپ دەرتلەرگە،
سەندىن ئارتۇق سۆيۈپ ئىچىدە.
رەنجىمىگىن يەتكۈزمىدى دەپ،
دىلدىن سۆيگەن يايرىڭ ۋەسلىگە.
سۆيسەڭ ئەگەر ئۇنى يۈرەكتىن،
ساقلا، ھامان يانار ئەسلىگە.
رەنجىمىگىن بېرەلمىدى دەپ،
يېقىنلىرىڭ ساڭا تەسەللىي.
كۈتمە ئارتۇق ئۆزگىدىن كۆڭۈل،
بىلسەڭ ئەگەر بۇ ئەڭ ئەقەللىي.
رەنجىمىگىن تەتۈر ئىكەن دەپ،
دۇنيا بىۋاپا ، سۆيگۈ گۇناسىز.
رايىڭلارغا باقمىسا تەقدىر،
دىمە ھەرگىز يايرىم ۋاپاسىز.
(-يىل -ئاۋغۇست. ئۈرۈمچى)
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776