يەپتۇدەك
(مۇھەممەتجان راشىدىن )
ئۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك،
تالاي تەنقىد - تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يەپ ئۆگەنگەن دەيۈزلەر تارتمايدىكەن ئۆزىنى،
يېقىنلىرى «يېمە » دەپ يېلىنسىمۇ يەپتۇدەك.
ئالىدىكەن يالغاندىن قوبۇل قىلىپ پىكىرنى،
ئالىدىكەن ئۆزىدەك چاشقانلاردىن ئۇچۇرنى،
ئۆگىنىپتۇ قوشۇپ يەپ قانائەتنى،«شۈكۈر »نى،
ھېسابىدا ئارتۇق، كەم كۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك.
شېرىنكانە بىرىدىن، تامغا ھەققى بىرىدىن،
جايلايدىكەن قورقماستىن ئېپى كەلگەن يېرىدىن،
ئۇنداقلارنىڭ خۇش ئىكەن خوتۇنلىرى ئېرىدىن،
خوتۇنلىرى چاندۇرۇپ كېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يىلدا خوتۇن يەڭگۈشلەپ يۈرگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
بايلىق ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەدە تاۋكا؟ شۇ يەردە ئۈنگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەچچە ئۆلۈپ تاۋكادا، تىرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
نەچچە يەردە ئۆيى بار، نەچچە يەردە داچىسى،
بىر ئاشنىسى «سىڭلىسى»، بىرى يالغان ئاچىسى،
خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ يۈز كويلۇقتۇر پارچىسى،
تۇغقانلىرى تەشۋىشتە «بەس » دېسىمۇ يەپتۇدەك.
ۋىجدان بىلەن ئىنساپ يوق سۈرۈشتۈرسەڭ تېگىنى،
يېگەنلەرنىڭ يالغاندۇر «خۇدا بەردى » دېگىنى،
يەتمىگەندەك ۋاي تېخى، ياشلىقىدا يېگىنى،
بەزىلىرى ئۇلارنىڭ قېرىسىمۇ يەپتۇدەك.
بىر سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئاخىر رەسۋا بولغاندەك،
كۈندە سۇنماي كوزىمۇ ئاخىر بىر كۈن سۇنغاندەك؛
گاھى چاغدا كۆڭلى غەش خۇددى پوق يەپ قويغاندەك،
تاغدەك تەشۋىش ئۆزىنى قىينىسىمۇ يەپتۇدەك.
ئۆلەمدىكىن ئۇنداقلار زادى پارا يېمىسە،
قىلامدىكىن خىيانەت ئۇلار يولدىن تېنىسە؟
يا بەختلىك بولمامدۇ بىر ئۆزىنى دېمىسە؟
ئۇ ۋە لېكىن، باشقىلار يېمىسىمۇ يەپتۇدەك.
شۇلار بۇزماي كىم بۇزدى بىزدە تۈزۈم، ئەخلاقنى؟
ئېچىپ بەردى شەيتانغا ئىشىك بىلەن قاپقاقنى،
باشلاپ بېرىپ ئاشۇلار باغدىن غورا قاقماقنى ...
ئەل ئۇلارنى ھەر كۈنى تىللىسىمۇ يەپتۇدەك.
ئىچ ئاغرىتماڭ ئۇلارغا، قانۇن سوتقا تارتقانغا،
تۈلكە چۈشەر ئاخىرى قۇۋ بولسىمۇ قاپقانغا،
ھەيران بولماڭ ھەر قېتىم بىر، ئىككىنى ئاتقانغا،
چۈنكى، چىتقا چاۋىسى يېيىلسىمۇ يەپتۇدەك.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776