ياشىسۇن
مۇھەممەتجان راشىدىن
يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن
يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن
ئۆزى ئالماي ،يامبۇ ياغسا ئاسماندى ،
ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن
سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى ،
ئاتا ئەجرىن تۆلىگەنلەر ياشىسۇن
ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ ،
ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن
چاۋاك چالماڭ ،بىزدەك شائىر تۈمەن مىڭ ،
ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ياشىسۇن
قايدا يېتىپ ،قايدا قوپسا ،ۋەتەندىن
ئۆزگە خىيال سۈرمىگەنلەر ياشىسۇن
ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرد تارتىپ ،
ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن
يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ ،
ئوچىقىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن
ھالىدىن كەتكەن غېرىبلارنىڭ بېشىدا ،
چىراغ يېقىپ تۈنىگەنلەر ياشىسۇن
پەرىشتىدىن شەيتان تولا بەزىدە
ئېزىتقۇغا كۆنمىگەنلەر ياشىسۇن
سىنىقىدا تۈمەن تۈرلۈك سۆيگۈنىڭ ،
ئاۋۋال پۇلنى سۆيمىگەنلەر ياشىسۇن
مال - دۇنيانىڭ پىراقىدا كۈل بۇلۇپ ،
شۇ ئوت - چوغدا كۆيمىگەنلەر ياشىسۇن
تەزىم قىلغىن بىلگەنلەرگە قەدرىڭنى ،
ئەمگىكىڭنى كۆممىگەنلەر ياشىسۇن
ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر ،
ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776