تىلەمچىلەرنى تىللاپ يۈرمەڭلار
مۇھەممەدجان راشىدىن
تىلەمچىلەرگە قاپاق تۈرمەڭلار،
تىلەمچىلەرنى يامان كۆرمەڭلار.
كۈندە بەرسەم كۈندە كەلدى دەپ،
تىلەمچىلەرنى تىللاپ يۈرمەڭلار.
يېتىم سېغىنار يازنى باھارنى،
يالاڭ ئاياقتا دەسسەيدۇ قارنى.
ئەجەپلەنمەڭلار قىسمەتلىرىگە،
تەغدىردۇر شۇنداق قىلغان ئۇلارنى.
تاشتىن قاتتىق ناكانىڭ كۈنى،
بىزلەر باقمىساق كىم باقار ئۇنى.
ئەما، ئاجىزنىڭ باش پاناھى يوق،
قۇرۇق قايتمىسۇن سۇنۇلغان قولى.
كەلمەيدۇ دېمەڭ شۇ كۇننى بىزگە،
تەغدىر باقمايدۇ خارغا، ئەزىزگە.
زېمىننى ئەستىن چىقارغان يامان،
يۈرمەڭ قول سۇنۇپ دائىم ئېگىزگە.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776