ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
سەن يوق (مۇھەممەتجان راشىدىن)

 


 

سەن يوق


 


           مۇھەممەتجان راشىدىن


 


چىنەڭگە ئاھ ئانا، زەمزەم قۇيۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق.
نىتەي، ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق.


 

تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بويى، ئەمدى
بىشىڭغا قوش تەكىي-ياستۇق قويۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق.
 
ساڭا قانماي تۇرۇپ قەلبىم ھاياتلار قەۋمىدىن كەتتىڭ،
قۇيۇپ ئالدىڭغا قايناق چاي سورۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق.


 

بالامنى ئالغۇچە ئەتتەڭ، سىنى ئالسامچۇ بوينۇمغا،
زۆرۇر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق.


 

سېنىڭ تەنبىھلىرىڭ بولماي مېنىڭ ئادەملىكىم قايدا؟
مېنى ئۇرساڭمۇ مەيلىتى، تۇرۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق.


 

چۈشۈمدە «ئۇسسۇزلۇق» دەپسەن، «ئانا» دەپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،
لىكىن پىيالىدە شەربەت سۇنۇپ بىرەي دىسەم سەن يوق.


 

سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم ئىگىز شاخلارغا قول سۇنغان،
بىراق ئۇندىن ئانار، ئالما ئۈزۈپ بىرەي دىسەم سەن يوق.


 

ساڭا بەرگەننى ئەرزىيتى قىرىق ئەلگەكتىن ئۆتكۇزسەم،
شۇڭا شەربەتنىمۇ ھەتتا سۈزۈپ بىرەي دىسەم سەن يوق.


 

يىشىل ياز كەتتى، قاقىرلار ئەنە قايتىشتى سەپ تارتىپ،
نىتەي، ھەر ياز بىرەر قوغۇن تىلىپ بىرەي دىسەم سەن يوق.


 

سىنىڭ بارىڭدا قەدرىڭنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن، ئەمدى
ساڭا كۆيگەن بۇ باغرىمنى يېرىپ بىرەي دىسەم سەن يوق


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776