ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ھەر تاڭ ئاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى

 


 

ھەر تاڭ ئاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى


 


مۇھەممەتجان راشىدىن


 


يالغۇز ياتقاندا ئەسلەرسەن مېنى،
ئۇيقۇڭ قاچقاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

گۇلنى يايرىم دەپ باھاردا بۇلبۇل،
قوشاق قاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

يالغۇز ھوجراڭدا باشلىنىپ كېچە،
چىراق ياققاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

ئويغانساڭ سەھەر يىنىڭدا مەن يوق،
ھەر تاڭ ئاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

يامغۇر سۆزلىرىم يادىڭدا بولسۇن،
يامغۇر ياققاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

تاھىر ئاققاندەك ئەزىم دەريادا
مەنمۇ ئاققاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

سۈرەتلىرىمنى ساقلاپ قوي يايرىم،
ئەلبۇم ئاچقاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

مەندىن ئايرىلىپ ئېتىڭ تارتالماي
ھارۋاڭ پاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

ئىزدەپ تاپالماي مەندىن ياخشىنى
بېشىڭ قاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.


 

مەندىن ياخشى دەپ يۇرگەن ئاشىقىڭ
تاشلاپ قاچقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776