ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
يىغلايمەن (مۇھەممەدجان راشىدىن)

 


 

يىغلايمەن


 

مۇھەممەدجان راشىدىن


 


سەن يوق يەردە يىغلايمەن گۇلۇم.
كۆرسەتكۇم يوق ساڭا يېشىمنى،
راست ئەمەسمۇ ئوتتۇزغا يەتمەي،
ئاقارتقىنى دەردىڭ بېشىمنى.


 

داغدا قويدۇڭ مېنى بىر ئۆمۈر،
كىرمەيدىغۇ ئىنسان مىڭ ياشقا،
بۇ دەرتلىرىڭ ئۆزەڭدىن ئاندىن،
داۋاسى يوق ئۆزەڭدىن باشقا.


 

بىراۋ سېنى ‹سۆيمەيدۇ› دىسە.
ئەجەپ باشتا ئىشەنمەپتىمەن.
ئەمدى بىلسەم سېنى يايرىم دەپ،
تىكەنلىكتىن گۇل ئىزدەپتىمەن.


 

ئەلگە يىغلاش مۇمكىنمۇ بۇنى
ئەل گېپىگە كىرمىگەن تۇرسام.
ساڭا يىغلاش ئۇياتقۇ ئاندىن.
ئل يوق يەردە قۇراي ئاھ ئۇرسام.


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776