ناتايىن
مۇھەممەدجان راشىدىن
شاھلار تۇتقان قەدەھتە قۇت بولمىقى ناتايىن،
سەن ماختىغان چىنارغا قۇش قونمىقى ناتايىن.
چۆچەك ئېيىتساڭ بايقاپ ئېيىت، تىڭشىغانلار قانچىلىك،
سەن سۆيگەننى بىراۋنىڭ ياقتۇرمىقى ناتايىن.
بۈگۈن تاتلىق ئەمچەكنى تەڭ ئەمگەنلەر سەن بىلەن،
تاڭلا كەتسەڭ، كەينىڭدىن ئاھ ئۇرمىقى ناتايىن.
بايلىق دىگەن بىۋاپا، لاپ ئۇرغاننى كۆتەرمەس،
ئوقۇرىڭدا ھەر كۈنى ئات تۇرمىقى ناتايىن.
بايلىق تۈگۈل، دىلكەش دەپ كىملەردىندۇر ماختانما،
توۋلىغاندا، ‹لەببەي› دەپ تەق تۇرمىقى ناتايىن.
تالايلارنى ئازدۇردى چۈنكى، ھۆسنى دۇنيانىڭ،
شۇڭا ھەردەم ئىنساننىڭ ساق تۇرمىقى ناتايىن.
بىخۇت يۈرمە دوستلىرىم بولغاندىمۇ گەر پۇلۇڭ،
بىراۋ كېلىپ يېنىڭنى ئاختۇرمىقى ناتايىن.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776