ھاياتلىقتا بەخىتلىك تۇرمۇش ،بەخىتلىك كۈنلەر ئاز ئەمەس ،بەزى بەخىتلەر بىر قېتىم كەتسە كۈنلەرنىڭ ئايلارنىڭ ،ئىشقىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۇتىشى بىلەن يەنە
كەپ قالدىكەن .يەنە بەزى بەخىتلەر قولدىن كەتسە ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدىكەن .
قۇدرەتلىك ئاللا ئاشۇ نىسىپ قىلمىغان بەخىتنىڭ پۇرىقىنى نىمىشقا بىزگە پۇرىتىدىغاندۇ ھە ؟؟
بىز پۇراپ پۇرىقىغا مەھلىيا بولغاندا ئۇ ئالىمقاچان بىزدىن يىراقلاپ كىتىدىكەن .
ھاياتلىق نىشانىمنى ئەزەلدىن كەسكىن كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەنمەن ..ھازىر تاللىيالمىدىم.
ئالدىمدا مەن ئايرىلالمايدىغان ئىككى ئىنسان ..
بىر مىنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ،كىچىكمدىن بېقىپ چوڭ قىلغان ،سۇيۇملۇك ساقچى.
يەنە بىر پاك قەلبىمگە ئۆچمەس مىھىرمۇھاببەتنى سالغان جىنايەتچى
كاللامدا نىمە ئۇچۇن دىگەن خىيال ،دىمىسىمۇ نىمە ئۇچۇن..
مەن نىمشقا بىر بىرىگە قارمۇ قارشى بولغان ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرسىدا قالىمەن.قايسى يولنى خاتا باسقان بولغۇيتۇم ھە؟؟
ئالدىمدا ئىككى ئىنسان ،بىرى ساقچى بىرى جخنايەتچى .
كىچىكىمدىن ساقچىلارنىڭ قانچىلىك جاپا مۇشەقەتتە ،ھېرىپ چارچاش بىلەن ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرۇپ كەلدىم .ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمەن .
ئۇلارغا قايىلمەن ،پەقەت شۇلار بولغاچقا جەمىيەتنىڭ تىنىچ ،خاتىرجەم ئىكەنلىگنى ئويلىسام ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ..
كىچىكىمدە تېلۋېزوردىكى جىنايەتچىلەرنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى كۆرگەندە دادامغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ،مەنمۇ سەندەك ساقچى بولۇپ
جىنايەتچىلەرنى تۇتىمەن دەپ كىتىدىغىنىم ئىسىمدە .مانا ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە ساقچى بىلەن جىنايەتچى ئوتتۇرسىدا قالدىم .
ساقچى تەرىپىدە تۇرۇپ سۆيگىنىمنى قارلايمۇ ؟؟؟ئۇنىڭدىن يۇز ئۆرەيمۇ ؟؟ئۇنى تاشلىۋېتەيمۇ ؟؟
چۇنكى ئۇ دىگەن جىنايەتچى ..ياق ئۇنى سۆيىمەن ،مەڭگۇ سۆيىمەن ..
لىكىن دادامنىچۇ ؟؟ ئۇنى سۆيمەسمەنمۇ ؟؟
ئالدىمدا ئىككى ئىنسان ،بىرى ساقچى بىرى جىنايەتچى
بىرى مىنى بەكمۇ ئەتىۋارلايدىغان ،مىنى يۇرەك پارەم جان جىگىرىم دەپ بىلدىغان ،مەن ئۇچۇن دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىنى ئەپ بېرىشتىن
يانمايدىغان دادام ..ئۇ بولسىمۇ ساقچى ..مەن مەڭگۇ ئايرىلالمايدىغان ساقچى ..
يەنە بىرى پاك يۇرۇكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرۇن ئالغان ،قاردىغان يۇرىگمگە قىپقىزىل قانلارنى سىڭدۇرگەن ،يۇرىكىمنىڭ قايتىدىن سۇقۇشىغا
سەۋەپچى بولغان ،دۇنيانىڭ ئەسلى يۇرۇقلىقىنى بىلدۇرگەن ،ھاياتىمدىكى بىر دىن بىر تاللىۋالغان سۆيگۇنۇم ..جىنايەتچى .
تاللىيالمىدىم ،،،بىرى ساقچى بىرى جىنايەتچى
مەن ساقچىدىن ئايرىلالمايمەن ،ئۇ مىنىڭ تەختىم ،يۆلەنچۈكۇم ،مىنىڭ تۇۋرۇگۇم ،ھاياتىمدا ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ ،ئېغىزمدا ئۇنى بۇنى دەپ قويغىنىم بىلەن
مەن ئۇنىڭ دادىلىق مىھىر مۇھاببىتىگە تەشنامەن ،ئۇنىڭغا مۇھتاجمەن .ئۇ مىنىڭدەك قىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرسە
مەن دادامنى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىمەن.ئۇنىڭدىن ئايرىلىشىم مۇمكىن ئەمەس
جىنايەتچىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايمەن ،پاك غۇبارسىز چاغلىرىمدا قەلبىمگە داۋالغۇچ بەيدا قىلغان ،
ياق ..ياق بۇ بىر كۆرۇپ ياخشى كۆرۇپ قالغان مۇھاببەت ئەمەس ،ياكى مۇنداقلا ئاتالغان مۇھاببەت ئەمەس ،ئەينى زامانلاردا ئامالسىز چاغلىرىمدا
غەمخورلۇق قىلىش ،كۆيۇنۇشتىن باشلانغان دوستلۇق .كىيىن ۋىجدان ،ئادىمىيلىك قەرىزدارچىلىق نۇقتىسىدىن ..نۇرغۇن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ
قارشى تۇرۇش ئاستىدا ئۆزلۇكىدىن مۇھاببەتكە ئايلانغان .
بۇ 1-2 ئايلىق ياكى 1-2 يىللىق مۇھاببەت ئەمەس ...كۆيۇنۇش ، ياردەم سېغىنىش كۈتۇش قاتارلىق باسقۇچلىرى بىلەن 4 يىلنى تۇگەتكەن..
بىز مۇھاببەت ئۇچۇن تىرىشقىلى 4 يىل بولغان ..مۇھاببەت ئۇچۇن مەن ئۇچۇن گۇناھكار بوپ قالغان بۇ جىنايەتچىدىن مەن مەڭگۇ ئايرىلمايمەن
ئۇنىڭدىن كېچەلمەيمەن
ئىككى ئىنساننىڭ كۆرلىرى كەسكىنلىك بىلەن تىكىلدى ...يۇرۇكۇم ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى ..قانداق قىلىمەن ..
نۇرغۇن ..نۇرغۇن ئىشلار بەلكىم مۇشۇ تاللاشقا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك ..
ساقچىدىن كەچۇرۇم سورايمۇ ؟؟ ياكى جىنايەتچىدىن سورايمۇ ؟؟؟
ياق ماڭا ئىككىلىسى كېرەك ،ھىچقايسىدىن ۋاز كەچمەيمەن ..
لىكىن بىر بىرگە قارمۇ قارشى بولغان بۇ ئىككى ئىنساننىڭ بىرلىككە كىلىشى مۇمكىن ئەمەس .ئۇلار بىر بىرگە ئۆچ ،مەڭگۇ رىقابەت.
ئۇنداقتا ئىككىلسىدىن ۋاز كىچەيمۇ ؟؟
يۇرۇكۇم ئازاپلانسىمۇ ،دادىغا نىسبەتەن پەرزەنىتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىساممۇ ،ئۇلارنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۇمۇدىنى ئاقلىيالمىساممۇ ...
ئاشۇ جىنايەتچىگە نىسبەتەن يۇز كىلەلمەسلىك ،ۋىجدان ئازابى ،ئادىمىيلىك قەرىزدارچىلىق مىنى بۇ يولدىن تۇسۇپ تۇرسىمۇ مەن يەنىلا
ئىككىلسىدىن ،ئالدىمدا مەڭگۇ قارمۇ قارشى ئىككىلسىدىن ۋاز كىچەي ..
كىتەي يىراققا كىتەي ..مىنى تۇنىمايدىغان ھىچكىم تۇنمايدىغان يەرگە كىتەي
خەيىر ......................
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776