مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە بولغان كۆڭول ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ ئۇ ئەسلىدە < ئون ئىككى مۇقام> نىڭ تەركىبىي قىسمى ،مۇقام ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. 18-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن مەشرەپ<ئون ئىككى مۇقام> دىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆزلىكسىز ئۆزەۈرۇش ۋە تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئايلانغان.مەشرەپ ناخشا-ئۈسسۇل ،خەلق ئارىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ،مىللي مەدەنىيەت سىنئەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەخلاق-قائىدىلىرىنى ئۈگىنىشتە ئىجدىمائىي رول ئويناپ كەلگەن .مەشرەپنىڭ تارىخىي ئىنتايىن ئۇزۇن.تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى قەدىمدىن تارتىپلا قويوق كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش تۇسىنى ئالغان يىغىلىپ كۆڭۈل ئېچىشتەك ئۆرپ-ئادەتنى شەكىللەندۇرگەن .ئۇيغۇرلارنىڭ <ئوغوزغان>ئېپوسىدا،ئوغۇزغاننىڭ قو ئاستىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ كۆللېكتىپ كۆڭۈل ئېچىش زىياپىتى ئۆتكوزۇلدىغانلىقى خاتىرلەنگەن .مىللادى 5-6-ئەسىرلەردىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىزىل مىڭ ئۆيى،قۇم تۇرامىڭ ئۆيى ۋە تۇرپاندىكى بىزەكلىك مىڭ ئۆيلەردىكى ئاز بولمىغان تام رەسىملىرىدە ئىنتايىن جانلىق ئوبرازلار ئارقىلى ئوتتورا ۋە قەدىمىي دەۋىردە تەڭرى تاغنىڭ جەنۇبى ،شىمالىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇزىكاچىلىپ،ناخشا ئېيتىپ،ئۈسۈل ئويناش مۇراسىملىرى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن .تارىخشۇناسلار نىڭ قارىشىچە ھازىرقى ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەشرىپى ،مۇشۇ قەدىمىي مۇراسىم ۋە ئۆرپ -ئادەتلەردىن كىلىپ چىققان بولۇپ ئۈزۈن تارېخىي يىللاردىن بويان ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى خەلق ناخشا -ئۇسسۇللىرىنىڭ جەۋھىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. شىنجفڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەشرەپلەرگە شۇ جفينىڭ تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى سېڭدورۇلگەن بولۇپ شەكلى ئىنتايىن مول.ھەرخىل مەشرەپلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈسلۇبى بىر قەدەر مەركەزلىك ھالدا ساقلاپ قىلىنغان مەشرەپ،دولان مەشرىپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ خىل مەشرەپ قەشقەرنىڭ دولان رايونى ۋە قۇمۇلنىڭ تاغلىق قىشلاقلىرىغا تارقالغان.ئىلىدا تارقالغان مەشرەپنىڭ شەكىل،تەشكىللەش ۋە مەزمۇن جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بار.ئاساسلىقى ئوخشاش ياش قۇرامىدىكىلەر ئارىسىدا نۆۋەتلىشىپ ئۆتكوزۇش ۋە دالادا ئۆتكۈزۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە بولۇپ ،توپلىشىپ خىزالىنىش خاراكتېرگە ئىگە.ئوخشاش ياش قۇرامىدىكىلەر ئۆتكۈزىدىغان مەشرەپ ئادەتتە قىش پەسلىدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئار سالدى ۋاقېتلىرىدا ئۆتكوزىلىدۇ.ھەر بىر مەشرەپ ئەھلى نوۋەتلىشىپ ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۇپ بىرىدۇ.ساھىپخان سورۇن ھازىرلاپ تۈرلۈك تائاملار بىلەن مىھمان قىلىدۇ.ئاساسلىقى كېچىلىرى ئۆتكۈزۇلىدۇ.ئادەتتە بىر ھەپتىدە بىر قىتىم ياكى ئىككى -ئۈچ ھەپتىدە بىر قىتىم ئۆتكۈزۇپ كىچىك مەشرەپ دەپ ئاتىلىدۇ.يەنە بەزىلەر بۇخىل مەشرەپنى ئوتتۇز ئوغول مەشرىپى دەپ ئاتايدۇ.دالا مەشرىپى ئادەتتە ئەتىياز ،ياز،كۈز پەسىللىرىدە،دەريا ،ئۆستەڭ ،كۆل بويلىرى،باغ ئورمانلاردا ھاۋا ئوچۇق كۇنلىرى ئۆتكۈزۇلىدۇ.كۆلىمى چوڭ ،كىچىك بولسمۇ بولىۋىرىدۇ.ئادەتتە چوڭ تىپتىكى مەشرەپنى كۆللىكتىپ ئۆتكۈزىدۇ.كەنت ،مەزەللە ھەتتا يىزا -مەيدانلار نوۋەتلىشىپ ئۆتكۈزىدۇ.ئادەتتە ئاساسەن ئەرلەر قاتنىشىدۇ. ئىلى مەشرىپىدە مۇكەممەل بولغان تەشكىلىي ئاپپارات ۋە كۆنكېرىت ئىشلارغا مەسئول خادىملىرى بولۇپ ئالدى بىلەن <يىگىت بېشى >نى سايلاپ چىقىدۇ.<يىگىت بېشى >تەشكىللەش ۋە پىلانلاش ئىشلىرىغا مەسئول بولىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن <قازى بەگ>سايلاپ چقىدۇ.<قازى بەگ>مەشرەپ جەريانىدا يۈز بەرگەن تالاش - تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ ھوكۆم چىقىرىدۇ.ئۇندىن باشقا <پاششاپ بىگى>سايلاپ چىقىدۇ.<پاششاپ >مەشرەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۇزۈملىرى ۋە قارارىنى ئىجىرا قىلىدۇ.يەنە <كۆل بىگى >سايلاپ چىقىپ ،مەشرەپنىڭ نازۈ-نېمەتلىرىنى تەييارلاشقا مەسئول قىلىدۇ.ئاخىرىدا <دارى بەگ>سايلاپ چىقىپ مەشرەپنىڭ نەغمە -ناۋا ئىشلىرىغا مەسئول قىلىدۇ. مەشرەپنىڭ يەنە بىر يۈرۈش قاتتىق تەشكىلىي ئىنتىزامى بولۇپ قاتناشقۇچىلار چوقۇم ۋاقتىدا رىئايە قىلىپ مەشرەپكە كىچىكمەسلىكى،مەشرەپ مەيدانىدىن خالىغنىچە ئايرىلماسلىقى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىش-ھەركەت قىلماسلىقى كېرەك.ئەگەر ئېنتىزامغا خىلاپلىق قىلسا ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىپ جازا بېرىلىدۇ.مەسلەن:ئۈچار قۇشلارنى دوراش ياكى مەشرەپكە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئىلىپ تاشلىنىدۇ. مەشرەپنىڭ تەركىبى ۋە مەزمۇنى:ناخشا-ئۇسسۇل ،كۆڭۇل ئېچىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بولۇنىدۇ.مەشرەپكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ تولۇق كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ <يىگىت بېشى>غا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن مەشرەپنى باشلاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.<كۆل بېگى >داستىخان سېلىپ،چاي تەييارلايدۇ.بارلىق كىشىلەر قوللىرىنى يۇيۇپ،داستىخانغا ھازىر بولىدۇ.ئۇ چاغدا بىر ئادەم نەزمە ئوقويدۇ.نەزمە ئوقوپ بولغاندىكىن كېيىن ،قولىدىكى چاي پىيالىسىنى يىنىدىكى ئادەمگە تۇتىدۇ.ئۇ ئادەم قائىدە بويىچە پىيالىنى قولغا ئىلىپ نەزمە ئوقوب چاينى ئېچىۋىتىپ پىيالىنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ.كۈپچىلىك بىر ئاز دەم ئالغاندىن كىيىن،<پاششاپ بېگى>كۆپچىلىكنى <يەكتىز>ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.<دارى بەگ>نەغمە-ناۋا ئورونداشقا بىشارەت بىرىدۇ.كۆپچىلىك ناخشا - ئۈسسۇلغا چۇشۇپ كېتىدۇ.شۇ ئارىدا چاقچاق باشلىنىپ،كەيپىيات تېخىمۇ جانلاندۇرۇلىدۇ.مەشرەپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى <گۇل چاي>سۈنۈش بولۇپ،قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك.بۇ ئويۇن گۇل چاينى ئايلاندۇرۇش بويىچە ئېلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ گۇل چاينى ئالغان كىشى ئالدى بىلەن نەزمە ئوقۇپ ياكى ناخشا ئۇرۇنداپ ،گۇل چاينى ئۆزى ئىختىيار قىلغان ئادەمگە سۇنىدۇ.ئەگەر ناخشا ئېيتالمىسا ياكى نەزمە ئوقالمىسا ،قىزىقچىلىق قىلىپ بەرسە،دورامچىلىق قىلىپ بەرسە ،تىپىشماق دەپ بەرسە ياكى يۇمۇر سۆزلەپ بەرسە بولىدۇ.مەشرەپ داۋامىدا قائىدە- تۇزۇمگە خىلاپىق قىلغانلارنى قىزىقارلىق چارىلەر بىلەن جازالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ.مەسلەن كۆپچىلىك نەغمە-ناۋا قىلىۋاتقاندا بەزىلەر روخسەتسىز مېۋە - چېۋە يەپ سالسا،بۇ چاغدا بايقاپ قالغۇچى <مېنىڭ ئەرزىم بار>دەپ ۋاقىرايدۇ،ئىجازەت قىلغاندىن كېيىن ،ئەرىز قىلغۇچى كۆپچىلىككە سالام بېرىپ مۇنداق دەپ شىكايەت قىلىدۇ:<قۇلىڭىز تۇرسۇن ئالايتە ئات چاپتۇرۇپ كىلىپ شىكايەت قىلىدۇكى،ئوزىنى ئوتتۇز ئوغولنىڭ گۇلى دەۋالغان ئىسمائىل،كەنتىمىزدىكى تۆگىدىن بىرنى ئوغۇرلاپ كەتتى> تۇرسۇن ئورنىغا قايتىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن <پاششاپ بىگى>ئىسمائىلنى چاقىرىپ كىلىدۇ.<قازى بەگ>ئۇنىڭ خاتالىقىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ جازا بىرىشنى قارار قىلىدۇ.بۇ چاغدا بەزى كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، جازانى يېنىكلىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.ئىسمائىل بولسا كۆپچىلككە رەھمەت ئېيتىپ،بۇنىڭدىن كېيىن كۆپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بىرىدۇ.مۇشۇ ئويون ئارقىلىق كۆپچلىكنى بىر قىتىملىق ياخشى بولغان ئەخلاق تەربىيىسىگە ئىگە قىلىدۇ. مەشىرەپكە ئۆز ئىختىيارى بويىچە قاتنىشىدۇ. ئەگەربىرسىنىڭ مەشىرەپكە قاتناشقۇسى بولسا،ئۇنىڭئائىلىسىدىكى چوڭلارئالدىدى بىلەن بىر قاۋاقيىمەكلىك تەييارلاپ،ئۇنى مەشىرەپ مەيدانىغاباشلاپ كىلىپ كۇپچىلىككەمۇنداق دەيدۇ:<گۇش سىلەرنىڭ ،سۇڭىكى مىنىڭ>شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياشنى<يىگىت بىشى>كۇپچىلىككە تۇنۇشتۇرىدۇھەمدەمەشىرەپكەقىتېۋالىدۇ،مەشىرەپ ئاياغلاشقاندىن كىيىن،ساھىپخان بىر تاۋاق قەنىت-گېزەك تەيارلاپ،دەستىخاننىڭ ئوتتۇرسىغا قۇيدۇ،كىيىنكى مەشىرەپنى ئۆتكۇزۈپ بىرىشنى ئىختىيارى قىلغان ئادەم ئىلتىماس سۇنىدۇ.<يىگىت بىشى>قارارقىلىپ كۆپچىلككەئېلان قىلىدۇ،كېيىنكى مەشىرەپنى ئۇستىگە ئالغان ئادەم تاۋاقنى ئېگىز كۇتۇرۇپ،كۆپچىلىكنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ.ھەمدە كىيىنكى مەشىرەپنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق ئۇقتۇرىدۇ... ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھەم قائىدە–يوسۇن تەشەببۇس قىلىنىدىغان سورۇنى، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئاۋۋال مەكتەپكە بەر، كېيىن مەشرەپكە» دەيدىغان ھېكمەت بار. مەكتەپ ئىنسان بالىسىغا تەپەككۈرىنى ئاچىدىغان بىلىم ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ بولسا ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ، ئولتۇرۇش–قوپۇش، مېھمانلارغا قانداق داستىخان سېلىش، مېھمان كۈتۈش، ئۇزىتىش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھالال ئەمگەك ئارقىلىق ئاددىي–ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاتا–ئانىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساز چالالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، ئەقىللىق، خۇش ئاۋاز قىلىپ تەربىيىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئەل–جامائەتكە، يۇرتىغا بولغان مەسئۇلىيەتكە يېتەكلەيدۇ. مەشرەپنىڭ ئوينىلىش شەكلى تۆۋەندىكىچە: 1. مەشرەپنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. يىگىت بېشى، قىزىبەگ (قازىبەگ؟)، پاششاپ، كۆل بېگى، مۇلازىملاردىن ئىبارەت. يىگىت بېشىنىڭ ۋەزىپىسى ئومومەن مەشرەپ ئەھلىنى باشقۇرۇش، تەشكىللەش؛ ياخشىلارنى تەقدىرلەش، يامانلارنى ساۋاقلاش، مەسىلىسى ئېغىرلارنى گۇناھىنى يۇيۇشقا بۇيرۇش ۋە جەرىمانە قويۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى زېممىسىگە ئالغان. قىزبېگى(قازىبەگ؟)نىڭ ۋەزىپىسى بولسا يىگىت بېشى بىر تەرەپ قىلالمىغان بەزى مەسىلىلەردە قازى بېگىدىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىزىبەگ ئەينى مەزگىلدە ئاساسەن دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. پاششاپنىڭ ۋەزىپىسى مەشرەپ ئامانلىقىنى ساقلاش، يىگىت بېشىنىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار. كۆل بېگىنىڭ ۋەزىپىسى مەشرەپ ئەھلىنىڭ قوللىرىغا سۇ قۇيۇش، داستىخان سېلىش، تاماق تارتىش، چاي قۇيۇش، داستىخان يىغىش قاتارلىق غىزالاندۇرۇش جەريانلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مۇلازىملار بولسا مەشرەپنىڭ ئارقاسەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مەشرەپكە چىللاش، باشقا يۇرتتىكىلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈش، مەشرەپ سورۇنىغا كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. 2. مەشرەپ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ روياپقا چىقىشى مەشرەپ ئەھلى ئوتتۇز ئوغۇل دېيىلىدۇ. لېكىن سانىغا چەك قويۇلمايدۇ. مەشرەپ تەشكىلى دېموكراتىك يوسۇندا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇل باش قوشۇپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق جامائەت ئىچىدىكى ئەدەب–ئەخلاقلىق، ئۆتكۈر پىكىرلىك، جۇشقۇن، چارە–تەدبىرلىك، خۇش ئاۋاز، ئوتتۇز ئوغۇلنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغان، ئەل–جامائەت ئىچىدە نوپۇزى بار كىشىلەر ئىچىدىن يىگىت بېشى تاللايدۇ. ئاتا بولغۇچى مەشرەپكە بالىسىنى ئۆزى بىللە ئېلىپ بارىدۇ ھەم پاششاپتىن ئىجازەت سورايدۇ. پاششاپ يىگىت بېشىغا مەلۇم قىلىدۇ، يىگىت بېشى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، بالا مەشرەپ سورۇنىغا كىرەلەيدۇ. يىگىت بېشى: —خوش، بۇياققا كېلىپ قاپسىلەر؟—دەيدۇ. ئاتا بولغۇچى: —ھە، بالام ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئەمدى مەشرەپكە ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ ئۆگەنسۇن دەپ ئېلىپ كېلىشىم،—دەيدۇ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |