پاششاپ دەررۇ «راھەت» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ، «گۈل چاي قايتۇرۇلسۇن» دېگەن بۇيرۇقنى يىگىت بېشى بېكىتىدۇ ھەم گۈل چاينى پاششاپقا تۇتقۇزىدۇ. كاتىپ دەپتەر–قەلەمنى تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئوتتۇز ئوغۇل ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. گۈل چاي نۆۋىتى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قايتۇرۇلاتتى. گۈل چاي توختاپ قايتۇرغىچە بولغان ۋاقىتقىچە بىز يۇقىرىدا ئېيتقان پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتكەچكە بەزىلەرنىڭ ئېسىدىن گۈل چاي بەرگەن ئادەم كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. زېھنى ئۆتكۈر بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزى گۈل چاي بەرگەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ. توغرا چىقسا كاتىپ توغرا بەلگىسى، خاتا چىقسا، يېڭىلدى دېگەن بەلگىنى قويىدۇ. بۇ جەرياندا بەزىلەر پەقەت يېڭىلمەيدۇ، بەزىلەر ئۈچ، تۆت قېتىم ھەتتا ئون قېتىمدىن ئارتۇق يېڭىلىدۇ. ئاخىرىدا يېڭىلگەن–يېڭىلمىگەنلەرنىڭ ئىسمى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، تەقدىرلەش ۋە تەنقىدلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقىلارنى زېھنى ئۆتكۈر بالىلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ. يېڭىلگەنلەرگە «بولى» قويۇلىدۇ. نەتىجىدە بۇنداقلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقاچقا ئەتىياز كەلگىچە ئۇتتۇرۇپ قويغان بىر–ئىككى ئادەمنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلار تامامەن ھۇشيار، زېھنى ئۆتكۈر قىلىپ تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن پاششاپ كۆل بېگىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، كۆل بېگى قولغا سۇ بېرىپ، داستىخان سالىدۇ. قۇۋۋەتلىك تائاملار تارتىلىپ يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، كېلەركى مەشرەپكە تەييارلىقى بار ئوتتۇزئوغۇلدىن بېرى گۈل چاينى ئۆتكۈزۈۋېلىپ سورۇندىكىلەرنى كېلەركى نۆۋەتلىك مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوتتۇز ئوغۇلغا جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلىدە گۈزەل ئەخلاق تىكلەپ، يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، ئاجىز–مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىپ جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەشرەپ ئەھلىگە ئاھانەت كەلتۈرۈپ قويماسلىق تەكىتلىنىدۇ، سورۇندا ئۆيى يىراق، يېشى كىچىك، مېيىپ بالىلار بولسا باشقىلارنىڭ ئاپىرىپ قويۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەشرەپ ئەھلى مەشرەپتىن سىرت يەنە جەمئىيەتتىكى، ئۆز مەھەللىسىدىكى ئۆلۈم–يېتىم، توي–تۆكۈن ئىشلىرىدا يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇلنى يەرلىك كولاش، مېيىت ئۇزىتىش، دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە بۇيرۇيدۇ. تويدا باشتىن–ئاخىر ساھىبخانغا ياردەملىشىپ مېھمان ئۇزىتىشىپ بېرىدۇ. ھەتتا قىز–ئوغۇلنىڭ تويلىرىدا مەشرەپتىكى ئەڭ قىزغىن نومۇرلارنى ئىجرا قىلىدۇ ۋە قىز–يىگىتنى ھوجرىسىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئەگەر شۇ مەھەللىدە ياكى يۇرتتا تەبىئىي ئاپەت كۆرۈلسە مەشرەپ ئەھلى جان پىدالىق بىلەن ياردەم قىلىشنى شەرەپ ھېس قىلىپ ياردەمدە بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئىلى مەشرىپى ساپ ھاۋالىق، مۇنبەت بىر يۇرتتىكى كۈلكە–چاقچاققا ئامراق، مەردۇمەردانە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ خاراكتېرىگە ماسلاشقان مەنىۋى پائالىيەت. ئۇ خەلق ئارىسىدىكى ناخشا–ساز ۋە كۈلكە–چاقچاقتا تەبىئىي تالانتى بار كىشىلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىشتىن سىرت، ئاۋام ئارىسىدىكى ئېسىل قائىدە–يوسۇن، ئۆرپ–ئادەت ۋە تىل ئادىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ساقلاپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس بولىدىغان ئەنئەنىۋى مەرىكىدۇر. ئاپتور: ئابدۇلھېكىم كېرەم (موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ پېنسىيۇنىرى) مەنبە: «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى 2008–يىللىق 5–سان (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |