سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئىلى خەلق ناخشىلىرى قايسى ناخشىلارنى كۆزدە تۇتىدۇ؟

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 17:23مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئوسمانجان ئى زىيارەت سانى: قېتىم

«ئىلى خەلق ناخشىلىرى»---شۇ نام بىلەن ئىلى رايۇندا ئورۇنلىنىپ كېلىۋاتقان ناخشىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ناخشىلارنىڭ بەزىلىرى قۇشنا رايۇنلارغىمۇ ئورتاق،ھەتتا بەزىلىرى قۇشنا  رايۇنلاردىن  ئىلىغا تارقالغان بولۇپ، بۇنداق ناخشىلارنى<<ئىلى خەلق ناخشىلىرى>>كاتىگوريىسىگە كىرگۈزۈشكە بۇلمايدۇ. مەسىلەن،تۇرپان، قۇمۇل، كۇچا، قەشقەر خەلق ناخشىلىرىدىن ئىلى رايۇندا ئومۇملاشقانلىرى ئاز ئەمەس. بۇ ناخشىلارنىڭ ئىلىچە پۇراق، شىۋە سىڭدۈرۈلگەنلىرىنى پەقەت شۇ ناخشىلارنىڭ ئىلى ۋاريىانتى دەپ قاراشقىلا بولىدۇ. ئۇنداقتا ،«ئىلى خەلق ناخشىلىرى»دېگەندە قايسى خىل ناخشىلارنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ؟

1.«ئىلى خەلىق ناخشىلىرى»دېگەندە ئالدى بىلەن ئىلى رايۇندا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر يۈرۈش ناخشىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يەنى «سادىر ناخشىسى»، «ئۆستەڭ ناخشىسى»، «ئىلاخۇن كۆككۈز ناخشىىسى»، «ھارۋىكەش ناخشىسى»، «سېپىل ناخشىسى»،«گۆلەمخان ناخشىسى»، «نۇزۇگۇم ناخشىسى»، «مايسىخان ناخشىسى».....قاتارلىقلار.

2.تارىخىي ناخشىلاردىن باشقا مۇھەببەت، ئۆرىپ-ئادەت، ئىجدىمائى تۇرمۇشنىڭ باشقا ساھەلىرىگە چېتىلدىغان،ئاھاڭ جەھەتتە روشەن ئىلى پۇرىقىغا،تىل جەھەتتە ئىلى شىۋىلىرىگە ئىگە بولغان،ئىلى رايۇندا ئاپىرىدە بولغانلىقى دەلىللەنگەن ناخشىلار. مەسىلەن: «كوچا ناخشىسى»....قاتارلىقلار.

3.«ئىلى خەلق ناخشىلىرى»دا  «ئىلى سەنىمى»دەك قىسمەنلىكلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئوسۇل ناخشىلىرى ئاز ئۇچۇرايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تېمىسى روشەن، رىتىمى ئاستا، ئەگىتمىلىرى نۇرغۇن، مىسىرا ئاخىرى سوزۇلۇپ مۇڭلۇق ئېيتىلدىغان بۇ ناخشىلار بەدەندىن تۇلاراق روھىنى زىلزىلىگە سىېلىپ، سىزنى خۇددى ئىلى سەھرالىرىدەك روھى پايانسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ. شۇ سەۋەبىتىن بۇلسا كېرەك، ئىلى ئۇيغۇرلىرىدا ئوسۇل سەنئىتى باشقا رايۇنلارغا ئوخشاش تەرەققي قىلغان ئەمەس. كۆزنى يۇمۇپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ ناخشا ئاڭلاش، ئارىلاپ دوست تارتىپ قۇيۇش، چۇقانسىز چوڭقۇر سۈكۈت مانا بۇ ئىلى كارتىنلىرىدۇر.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(26)
96.3%
دەسسەش
(1)
3.7%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !