سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھرى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 17:39مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

1900-يىلى ئىلىدا تۇرۇشلۇق رۇس پۇقرالىرىنىڭ ئاقساقىلى نۇراخۇن ئاقساقال ھازىرقى 《شەھەرلىك قازىلىق ھەيئىتى》 بار ئورۇنغا جاي سېلىپ ئولتۇرغان. بۇ كوچا 《نۇراخۇن ئاقساقال كوچىسى》 دەپ ئاتالغان.
1905-يىلى خۇيزۇلاردىن ۋاڭ قادىر ھازىرقى شەھەرلىك كىتاپخانا ئورنىغا جاي سالغان، بۇ كوچا 《ۋاڭ قادىر كوچىسى》 دەپ نام ئالغان. شۇ يىلى يەنە مۇتىئالى خەلپەم تاقىچى مەھەللىسىنىڭ ئارقىسى-سۇ بويىغا جاي سالدى. بۇ مەھەللە 《مۇتىئالى خەلپەم مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.
1909-يىلى مۇسابايوپلار گىرمانىيىدىن خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئۈسكۈنلىرىنى ئالدۇرۇپ، شەھەرنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى بوشلۇققا زاۋۇت قۇردى. بۇ زاۋۇت 《ھۈسەنباي زاۋۇتى》 دەپ ئاتالدى. ھازىرقى ياشلار مەيدانىنىڭ ئورنى ئىلگىرى كۆكتات تېرىلىدىغان يەر ئىدى. موسابايوپلار بۇ كۆكچىلىكتىن بىر قىسىم يەر سېتىۋىلىپ ئۆي-جاي ۋە ماگىزىنلارنى سالدى ۋە بۇ ئورۇننى 《كانتۇر قورۇ》 دەپ ئاتاشتى.
1916-يىلىدىن باشلاپ رۇسىيە تەۋەسىدىكى  بىر قىسىم رۇس، ئۇيغۇر، تاتار، خۇيزۇ، ئۆزبېك ئوخشاش مىللەت كىشىلىرى ئىلى تەۋەسىگە ئۆتۈپ، بىر مۇنچىلىرى غۇلجا شەھىرىگە ئۆي-جاي سېلىشقا باشلىدى. 1918-يىلى توپىدەڭ ئۈستىگە رۇس يېرىدىن ئۆتكەن ئىسمايىل ئاخۇن ئۆز يۇرتلۇقلىرى بىلەن كېلىپ بىر مەھەللە قۇردى. بۇ  مەھەللە 《ئىسمايىل ئاخۇنۇم مەھەللىسى》 ئاتالدى. 1919-يىلى ئىسكەندەر ئاخۇنۇم ەھرەمباغدىن يەر ئېلىپ، ئۆز يۇرتلۇقلىرى بىلەن مەھەللە قىلدى، بۇ مەھەللە 《ئىسكەندەر ئاخۇنۇم مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى. 1920-يىلى، ھازىرقى ئوبلاستلىق ساقچىنىڭ ئارقىسىدىكى 1-رايون 6-مەھەللىگە تەۋە يەرلەرگە ياركەنىتتىن ھادى ھاجى باشلامچىلىقىدىكى كىشىلەر كېلىپ مەھەللە بىنا قىلدى. بۇ مەھەللە 《ھادى ھاجىم مەھەللىسى》 دەپ نام ئالدى. شۇ يىلى يەنە يار كەنىتتىن ھاجى بولۇس دېگەن كىشى ئۆز يۇرتلۇقلىرى بىلەن كېلىپ ھازىرقى 《خەلق باغچىسى》نىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى كوچىلارغا ئۆي-ئىمارەت سېلىشقا باشلىغانىدى. بۇ مەھەللە كېيىن 《ھاجىبولۇس مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.
1920-يىللىرى چۇلۇقايلىق تاجىباي ھاجى دېگەن كىشى ھازىرقى 《ئالغا》 كوچىنىڭ ئورنەغا ئۆي-جاي سالغۇزغانلىقتىن بۇ كوچىلار 《تاجىباي مەھەللىسى》 دەپ ئاتالغان، ھازىرقى 《يېيىق سۇ》 مەھەللىسىنىڭ جەنۇپ تەرەپىگە يەنە ياقۇپباي ھاجى دېگەن كىشى بىر قانچە جاما؟ەت بىلەن كېلىپ ئۆي سېلىپ ئولتۇرغان، بۇ كوچا《ياقۇپ دوكا مەھەللىسى》 دەپ ئاتالغان‹بەزىلەر 《ھەمرا چوكان مەھەللىسى》 دەپمۇ ئاتايدۇ›.
1920-يىلى، ئېلاخۇن يىلىقچى دېگەن كىشىنىڭ يېرى بولغان 《ئىچكىركى دۆڭمەھەللە》 ھەم ھازىرقى گۈللۈك مەسچىت ئورۇنلىرىغا غېنى ھارۋىكەش ۋە ئەختەم موللاملار ئۆز جامائىتى بىلەن كېلىپ ئورۇنلاشقان. شۇڭا، بۇ مەھەللىلەر 《غېنى ھارۋىكەش مەھەللىسى》، 《ئەختەم موللام مەھەللىسى》 ياكى 《زاھىت ھاجىم مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.
ھازىرقى ئازاديول بىلەن سىتالىن كوچىسىنىڭ ئارلىقىدىكى ئورۇنلار ساي بويىدىن 《ئەخمەتچان قاسىمى كوچىسى》غا بارغىچە ئىلگىرى كەڭ بىر تۈزلەڭلىك ئىدى. تاتار ئاقساقاللىرىدىن بولغان پازىلجان ئاقساقال، نىزام ئەۋزىلەر بۇ يەرلەرنى بىر تۇتاش ئېلىپ، يار كەنىتتىن كىرگەن ئۇيغۇر ئۇستا-ئىبراھىم ئۇستامغا كوچا پىلانلىرىنى سىزدۇرۇپ، ئۆي-جايلىق يەر كەستى. بۇ مەھەللە 《نوۋى گورت》‹يىڭى شەھەر›ئاتالدى، كېيىن بەزىلەر 《نۇغاي گورت》مۇ دەۋالدى.
1924-يىلدىن 1935-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ھازىرقى ئازاديول كوچىسىغا بىر قانچە يان كوچىلار ئېلىندى: بۇ كوچىلار شۇ يەردە ئولتۇرغان داڭلىقراق ئادەملەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى. شىمال تەرەپتە ئۆمەرجان، پىرمەتۋاي ئۆمەرجان، ئەزىزجان قارى قاتارلىقلارنىڭ نامىدىكى كوچىلار بىنا بولدى. جەنۇپ تەرەپتىكى بىرىنچى كوچا دەسلەپ مەمتىلاخۇنباي ياكى غاپپار باي كوچىسى، كېيىنكى كۈلەردە نەسىرۇللا باي كوچىسى، دەپ ئاتالدى. ئىككىنچى كوچىغا 《ھۈسەيىن بەگ كوچىسى》 دەپ نام بېرىلدى.
شۇيىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۇدۇللۇق چىقىپ تۇرغان كۆچمەنلەر ئىلگىرى چىملەك يۈز بېگىگە تەۋە بولغان يەرلەرگە ئورۇنلىشىپ، 1935-يىلىغىچە 《تۆپىچى مەھەللە》، 《دۆلەتباغ مەھەللىسى》‹قەشقەر دۆلەتباغلىقلار ئولتۇراقلاشقاچقا شۇ نامدا ئاتالغان›، 《جىگدىلىك مەھەللە》 دېگەندەك مەھەللىلەرنى بىنا قىلدى. 1924-يىلى يىلدىن باشلاپ شەھەرنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە كۆنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئورۇنلاشقىلى تۇرغانىدى. بۇ يەر 《كۇنچى مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.
1929-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆتۈپ، ئىلى تەۋەسى ۋە غۇلجا شەھرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. شۇ كۆچۈش 1935-يىلغىچە داۋام قىلىپ، كەلگەنلەر يەنە بىر قاتار يېڭى مەھەللىلەرنى بەرپا قىلدى. ھازىر 4-دىۋىزىيە شىتابى بار كوچىنىڭ ئالدى-ئارقىسىدىكى كوچىلارغا ياركەنىت ۋە ئاتۇش ئادەملىرى كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى. لېكىن، ئەينى يىللاردا بۇ ئورۇن شەھەرگە بەك چەت بولغاچقا ۋە ئوغرى-يالغان ئۇلارغا ئەندىشە سالغاچقا، ئۆي-جاي سالغانلار بۇ يەرگە ئورۇنلاشقىنىغا پۇشايمان قىلىپ قېلىشتى. شۇڭا، بۇ مەھەللە 《پۇشايمان مەھەللە》، 《پۇشايمان مەھەللىسى》 ئاتالدى.
يىللار ئۆتكەنسېرى ئىلگىرى گۇڭ-بەگلىك ئوردىسىدىن بەگلەر ۋە ئاخۇنلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇق-تۇققان، ئائىلە-تاۋاباتلىرى پارچىلاپ ساتقىلى تۇرغاچقا، بۇ يەرلەر شەخسىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ 《يىڭى ئايدۆڭ مەھەللىسى》 ‹ئاساسەن ئاتۇش تېجەنلىكلەر ئورۇنلاشقان›. 《تۆت دۇكان》، 《ئۈچ دۇكان》،《خوتەن كوچىسى》، 《ئاغۇ مەھەللىسى》،‹ئاساسەن ئاتۇش ئاغۇنلۇقلار ئورۇنلاشقان›《نامەتمەن مەھەللە》، 《سۇسەن ھاجى مەھەللىسى》، 《چەمچى ئاخۇن مەھەللىسى》، 《بەشكېرەم مەھەللىسى》، 《مويكا مەھەللىسى》، 《قارىۋاي مەھەللىسى》 قاتارلىق مەھەللىلەر پەيدا بولدى. ھازىرقى 《خەلق باغچىسى》نىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆي-جاي سېلىپ، مەھەللە قۇرغان ھاجىبولۇس بۇ يەردىكى قورۇ-جايلىرىنى سېتىپ، دۆڭمەھەللە چوڭ يولىنىڭ غەربىدىكى كەڭ بوشلۇقنى ئېلىپ، نۇرغۇن يەر تۇتۇپ مەھەللە قىلدى. 1929-يىلدىن باشلاپ بۇ مەھەللىمۇ 《ھاجىبولۇس مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.
1924-يىلدىن باشلاپ ناغرىچىدىكى ئاخۇنلار يېرىدىن ئوقۇمۇشلۇق شىبەلەر يەر سېتىۋېلىپ، ئۆي-ئىمارەت سېلىپ باغ بىنا قىلدى. بۇ كوچا 《شىبە كوچىسى》 دەپ ئاتالدى.
ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن غۇلجا شەھرىنىڭ قىياپىتىدە يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. غۇلجىنىڭ كونا شەھەر بىلەن يىڭى شەھەرنى پەجىم غولنىڭ سۈيى ئېقىپ ئۆتىدىغان چوڭ بىر ساي ئايرىپ تۇراتتى. قىيان كەلگەن ۋاقىتلاردا ساينىڭ سۈيى كۆپىيىپ شەھەر خەلقىگە ھەرخىل ئاپەتلەرنىمۇ ئېلىپ كېلەتتى. يېڭى ھاكىمىيەت پەنجىم غولىنىڭ بۇ سۈيىنى يۇقىرىدىن بايانداي تەرەپكە بۇرىۋېتىشنى پىلانلىدى. ھېكىمبەگ پۈتۈن ۋىلايەت خەلقىنى پۇل ۋە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى ۋە بۇ سۇ خەلقنىڭ كۈچى بىلەن توسۇلۇپ، بۇ توسمىنى 《پىلىچى دامبىسى》 دەپ ئاتاشتى.
شىڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي-شىمالدىن رۇسىيىگە ئۆتۈپ، ئاق ئورۇسلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا ئۆيلۈنۈپ شۇيەرگە ئورۇنلۇشۇپ قالغان خەنزۇلار قورغاس چېگرىسىدىن ئۆتۈپ ئىلىغا كىرىشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ غۇلجا شەھرىگە كەلگەنلىرى ھازىرقى ئايرىدروم يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆي سېلىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىدى. بۇ ئورۇن 《خۇاڭخۇزىلار‹سېرىق ساقاللار›مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.
ھازىرقى ئىلى شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى يولنىڭ يوقىرىسىغا بىر قىسىم ھۈنەرۋەنلەر كېلىپ ئورۇنلاشقان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆمۈرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەھەللە 《تۆمۈرچىلەر مەھەللىسى》 دەپ نام ئالغان. ساينىڭ تۆۋىنىگە ياغاچ ساتىدىغانلار ئورۇنلاشقاچقا بۇ يەر 《بەن بازىرى》 ئاتالدى.
1935-يىلىدىن باشلاپ خەلق غۇلجا شەھرىنىڭ تۆت ئەتىراپىدىكى سېپىللارنى بۇزۇپ، توپىسىدىن پايدىلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قىسىم يەر ئورنى بوشىدى. دولان دەرۋازىنىڭ شەرق تەرىپىگە جەللاپ مامۇت ھاجىم سابىتوپ ئىككى قەۋەتلىك مېھمانخانا سالدى ۋە بۇ 《مامۇت ھاجىمنىڭ نومۇرى》 دەپ ئاتالدى. شۇنىڭغا يانداپ ۋاڭ بىخىڭ، ئوسمان كەبىرى، نەسرۇللا باي قاتارلىقلار دۇۆان ۋە ئۆيلەرنى سېلىشتى. دەرۋازىنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى بوشلۇققا 《شىبە ئۇيۇشمىسى》 شەھەردە تۇرۇشلۇق پونكىت قۇردى. ئابدۇللا كالتە قۇيرۇق دېگەن كىشى ۋالى مەھكىمە ئالدىغىچە بولغان ئارلىققا قاتار دۇكان ۋە چوڭ قورۇلارنى ياساتتى. ئۇنىڭ تۆۋىنىگە دوختۇر نىغمەت ئىنامجانوپ دېگەن كىشى قورۇ-جاي ياساتتى. ھازىرقى 《قىزىل بايراق ماگىزىنى》، 《تاتلىق يىمەكلىكلەر ئاشخانىسى》‹يۇلغۇن تېز تاماقخانىسى ئورنى›بار ئورۇنلارغا ئۆز ۋاقتىدا مۇسابايوپلار چوڭ ماگىزىنلارنى سالغان، ھازىرقى 《ئوبلاستلىق كۆرگەزمە》، 《شەھەرلىك تۇرۇبا سۈيى شىركەت》لىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ياقۇپباي ھاجى دېگەن كىشى كۆپلىگەن دۇكانلارنى ياساتقان. دەڭدەرۋازىدىن سۇ دەرۋازىغىچە بولغان سېپىل ياقىلاپ كەتكەن يەرلەر يەنە ئاھالىلارغا بۆلۈپ بېرىلىپ، بۇ يەرلەردە 《سېپىل ياقىسى》، 《دەڭدەرۋازا كوچىسى》، 《پاكزاتخان غوجام مەھەللىسى》 دېگەندەك مەھەلىلەر قەد كۆتەرگەن.
1935-يىللىرى ھېكىمبەگ غوجام ئۆزىگە تەۋە يەرلەردىن بىر قىسىمنى جەنۇپتىن چىققان ئاھالىلارغا بەردى. بۇنىڭ بىلەن جىرغىلاڭ يولىدىكى 《قەلەندەر مەھەللىسى》‹ھازىرقى ئازاد يېزا›، قارادۆڭ قەبرىستانلىقى تۈۋىدىكى 《ئاقسۇ مەھەللىسى》،《خوتەن مەھەللە》لىرى پەيدا بولدى.
1937-يىللىرى 《ھەرەمباغ》 يولىدىكى قىزىلكۆۋرۈكنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى سازلىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە خۇاڭخۇزىلار ۋە رۇسلار ئۆي-جاي سېلىشقا باشلىدى. بۇ مەھەللىنى خەلق 《قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسى》 ياكى 《خۇاڭخۇزىلار مەھەللىسى》 دەپمۇ ئاتاشتى. شۇ چاغدا، ئىلى شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ ئارقىسىدىكى كوچىلار قەبرىستانلىق ئىدى. كېيىن جەسەتلەرنى يۆتكەپ، بۇ يەردىن يول ئېلىندى، يولنىڭ شىمالىي تەرىپىگە ئاھالىلار ئورۇنلاشتى، بۇ يول 《ھەرمباغ يولى》 دەپ ئاتالدى.
ئەينە يىللاردا تېخى ھازىرقى 《ئالتە شۇئار مەھەللىسى》 ۋە 《شەرىق مەھەللە》 سىنىڭ ئورنى شەرىق مەھەللىگە قارىغاندا سەل ئويمان-چوڭقۇر ئىدى. 1939-يىلى ئىلى ۋىلايىتىگە سىلىڭ بولۇپ كەلگەن ياۋشۈن شېڭ شىسەي يۈر گۈزۈۋاتقان ئالتە بۈيۈك سىياسەتكە تەقلىت قىلىپ بۇ يەردىن ھەر تەرەپكە قارىتىپ ئالتە كوچا ئالغۇزدى. بۇ كوچىلارغا ئۇيغۇر، رۇس، تاتار ئاھالىلىرى ئۆي سېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇ مەھەللە 《ئالتە شۇئار مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى. 《شەرىق مەھەللە》 ئورنىنى سېتىۋالدىباي ئەزىزوپ بىر تۇتاش سېتىۋېلىپ، كېيىن ئاھالىلەرگە بۆلۈپ سېتىپ بەرگەن. شۇ ئورۇنغا كۆپرەك ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەر كېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇ مەھەللىگە ئاتاقلىق يازغۇچى زىياسەمىدى 《شەرىق مەھەللىسى》 دەپ نام بەرگەن. بۇ مەھەللىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىككىنچى ئۆستەڭنىڭ غەربىي تەرىپى 1949-يىلى ئاھالىلەرگە كېسىپ بېرىلگەن. بۇ يەر 《يىڭى چەك》 دەپ ئاتالدى.
1940-يىلى دۆڭمەھەللىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى ۋە خەنزۇ بازىرىنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىگە چېلەكتىن كەلگەن ئۇيغۇر، خۇيزۇلار مەھەللە قۇرۇپ ئورۇنلاشتى. دۆڭمەھەللىدىكى مەھەللە 《چېلەك مەھەللىسى》 ياكى 《مېرا داموللام مەھەللىسى》 ئاتالدى. خەنزۇ بازىردىكى مەھەللىنى خۇيزۇلار 《چېلەك خاڭزا》 دەپ ئاتاشتى.1942-يىلى تاشكۆۋرۈك ئەتىراپىغا يەنە شەھەرنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇللا قازى ھاجىم ئۆي-جاي سېلىپ ئورۇنلاشتى. كېيىن بۇ مەھەللە 《ئابدۇللا قازى ھاجىم مەھەللىسى》 دەپ ئاتالدى.
1944-يىلى نويابىردا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي پارتىلاپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرالىقىغا خاتىمە بېرىلدى. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئۆي-جاي ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، يەنە نۇرغۇن بوش ئورۇنلارنى ئاھالىلارغا تارقىتىپ بېرىش بىلەن يېڭى-يېڭى مەھەللىلەر ۋە كوچىلار كۆپلەپ قۇرۇلدى.
  تېيىپچان ھادىنىڭ 《غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھرى》 دېگەن ئەسىرىدىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى.
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(46)
95.8%
دەسسەش
(2)
4.2%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !