ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى : ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردا 3–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرەشتە ، يېڭىدىن 553 ئورۇندا مەدەنىي يادىكارلىقلار بايقالدى. ئىلى ئوبلاستى بۇلتۇر 4–ئايدا باشلانغان 3–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يېتەرلىك مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتەردى . ھازىرغىچە ، ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردىكى ئالتە ناھىيە (شەھەر)نىڭ دالا تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى تاماملاپ ، قەدىمىي قەبرىدىن 22 مىڭ 848 نى ، قىيا تاش سىزمىسىدىن 21 نى،يايلاق تاش ئادىمىدىن بىرنى ، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئىزناسىدىن 40 نى ، قەدىمكى قۇرۇلۇش خارابىسىدىن ئالتىنى تىزىملىدى . كۆنەس ناھىيىسىدىكى دالا تەكشۈرۈشتە ، 193 ئورۇندىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىزىمغا ئېلىپ ، يېڭىدىن 156 مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى بايقىدى . غۇلجا ناھىيىسىدىكى تەكشۈرۈشتە ، 106 ئورۇندىكى مەدەنىي يادىكارلىقلىرى تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 ى قايتا تەكشۈرۈلگەن ،96 سى يېڭىدىن بايقالغان . بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئابرال تېغىنىڭ جەنۇبى ئېدىرلىغىدا زور تۈركۈمدە قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقالغان بولۇپ ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، بۇ قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ ۋاقتى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدىكەن . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |