سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى»ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 17:25مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

بۇرۇنقى «خەنزۇ بازىرى»ئۆزىنىڭ ئىلى بازار مەدەنىيىتىدىكى «پېشقەدەم ئاقساقال»لىق مەرتىۋىسى ۋە ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بازار ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى تۈرتكىلىك رولى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى» تىپىك مەھەللىۋى ئاساستا تەبىئىي شەكىللەنگەن، قويۇق مىللىي بازار مەدەنيىتى تۈسىگە ئىگە توۋار ئوبورت مەيدانى سۈپىتىدە توۋار تۈرىنىڭ كۆپلىكى، بازار كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، بازار سودىسىنىڭ ئاممىبابلىقى ۋە بازار كەيپىياتىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكى بىلەن بازار ئارىلىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەگەر بىز بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى»نى چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، مەزكۈر بازارنىڭ نەچچە مىڭلىغان تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن كەلگۈچى قول–ھۈنەرۋەن، سودا–سېتىقچى، يايمىچىلەر بىلەن زور كۆپلىگەن تۆۋەن ئىستېمال سەۋىيىسىدىكى خېرىدارلاردىن تەشكىللەنگەن غايەت زور «ئاجىزلار كوللىكتىپى»نىڭ كۈندۈلۈك تىرىكچىلىك مەيدانى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.
بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى» ھازىرقى زامان مودىسىدا سۈنئىي بېزەلگەن جۇلالىق سىرتقى قىياپىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي پۇقرالاشقان بازار سالاھىيىتى بىلەن يەنى ئالغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلارنىڭ باراۋەرلىكى ۋە تاۋار باھاسى بىلەن تاۋار قىممىتىنىڭ تەڭداشلىقى، ئەرزان باھا، ئەقىلگە مۇۋاپىق تاپاۋەت مۇناسىۋىتى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىرقاتار ئەنئەنىۋى سودا–سېتىق، ئۆرپ–ئادەت ۋە قائىدە–يوسۇنى بىلەن خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. مەزكۈر بازارنىڭ سېھرىي كۈچى دەل ئۇنىڭ ئاممىۋىيلىقىدا.
لى جەن ئۆزىنىڭ «خەنزۇ بازىرى —ئىلىنىڭ كۆزى» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي خىزمەتنى مەركەز قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز يول ياساش، قۇرۇلۇش سېلىش باھانىسى بىلەن بۇ بازارنىڭ كۆلىمىنى ھەدەپ كىچىكلىتىپ يوقىلىش گىردابىغا قىستىماستىن، بەلكى زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت مەلۇم مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەزكۈر بازارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا بازار قاتتىق دېتاللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە زۆرۈر بولغان زىننەتلەشنى يولغا قويۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاممىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى پرىنسىپى ئاستىدا سودا–سېتىقچىلارنى يارقىن مىللىي تۈسكە ئىگە كىيىم–كېچەكلەر بىلەن ياسىنىپ، سودا–سېتىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم. ھەتتا سودا–سېتىقچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ قول ھارۋا، بوتكا–دۇكانلىرىنى رەڭگا–رەڭ مىللىي پاسۇندا زىننەتلەپ، پۈتكۈل بازارنى قويۇق ئىلى يەرلىك قىياپىتىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىش لازىم.
مۇئەللىپ شۇنىڭغا جەزمەن ئىشىنىدۇكى، ئەگەر بىز «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەزەلدىن بار بولغان تەبىئىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئۇزاققا قالماي «ئىلىغا كەلمىگۈچە شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلگىلى بولماس» دېگەن شوئارنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى— «خەنزۇ بازىرىنى كۆرمىگەنلىك ئىلىغا كەلمىگەنلىك » دېگەن جاراڭلىق ئىبارە مەيدانغا كېلىشى بەرھەق!».
چى پىڭ ئۆزىنىڭ «خەنزۇ بازىرى —قىممەتلىك تارىخىي مىراس» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە «خەنزۇبازىرى»نى ياخشى قوغداش— تارىخىي، مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا قاتارلىق جەھەتلەردە ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش جەھەتلەردىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «خەنزۇ بازىرى» ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنى ئەركىن سودا–سېتىق قىلىش، ئۇچرىشىش، بېرىش–كېلىش قىلىش، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىنتايىن كاتتا سورۇن. شۇنداقلا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئىلىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تىنچ، ئىجىل–ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە، مەركەزلىك، قايىل قىلارلىق ھالدا نامايەن قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سەھنە ھەم غۇلجا شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ھەقىقىي يارقىن نۇقتا.
غۇلجا شەھىرى ئۇزاق تارىخ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە قەدىمىي شەھەر، ھەرمىللەت خەلقى بۇيەردە ئۇزاقتىن بۇيان ئارىلىشىپ ياشاش، مەھەللە–يۇرت بەرپا قىلى جەريانىدا مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جۇغلىغان. بۈگۈنكى بىز شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا مۇنداق بايلىقلارنى تېخىمۇ قوغداپ ۋە تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسى ۋە داڭقىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئەينى يىللاردىكى «تۆت كونىنى بۇزۇش»تەك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تارىخىي مىراس ۋە مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسىنى نابۇت قىلماسلىقىمىز لازىم. بىر–بىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان سەرەڭگە قېپىدەك بىرقانچە ئىمارەت سېلىپ قويۇش، ماگىزىنلارنىڭ سىرتىنى پال–پۇل رەڭلىك ئەينەكلەر بىلەن بېزەپ قويۇش تۆت تەڭگە پۇل بىلەنلا پۈتىدىغان ئاسان ئوقەت، لېكىن، قەدىمىي، تارىخىي، مەدەنىي مىراسلارنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس. «خەنزۇ بازىرى» دەل مۇشۇنىڭ جانلىق مىسالى. «خەنزۇ بازىرى»دا كۆرۈلۈۋاتقان "مەينەت، قالايمىقان، ناچار" بولۇشتەك ھادىسىلەر پەقەت شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلالمىغانلىقىنىلا چۈشەندۈرىدۇ، خالاس. بۇ ھەرگىزمۇ قىممەتلىك تارىخىي، مەدەنىي مىراسلارنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس.
جاڭ چيۇشىڭ «خەنزۇ بازىرى ۋە مەن» دېگەن ماقالسىدا مۇنداق دەيدۇ: مەن 1993–يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن غۇلجىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ سودا باشلىغان ئىدىم. «خەنزۇ بازىرى»نىڭ داڭقىنى ئاللىبۇرۇن ئاڭلىغانمەن. شۇڭا بىز «ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى»نىڭ ئورنىنى تاللىغان چېغىمىزدا قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي «خەنزۇبازىرى»دىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىننى تاللىغان. مانا 10نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى تاللىشىمىز ئىنتايىن توغرا بولغان، مەن شۇ چاغدىكى تاللىشىمدىن پەخىرلىنىمەن. مانا «خەنزۇبازىرى»غا ماكانلاشقىنىمغا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئون نەچچە يىل بوپتۇ، مەن بۇ 10يىل جەريانىدا «خەنزۇبازىرى»نى تەدرىجىي يوسۇندا ماھىيەتلىك چۈشىنىپ يەتمەكتىمەن ھەم «خەنزۇبازىرى»غا بولغان مۇھەببىتىممۇ كۈندىن–كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا. مەن «خەنزۇبازىرى»غا تۇنجى قەدەم باسقىنىمىدا مەندە باشقىچە تەسىر قالدۇرغان ئىدى. لېكىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن بۇ تەسىرنىڭ بىر خىل مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىكەنلىكىنى ئاستا–ئاستا چۈشىنىپ يەتتىم. ئادەمنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، مۇشۇ كۆرۈنۈشكە قالايمىقان، «خەنزۇبازىرى»نىڭ ھەممىلا يېرىدە بىرخىل گۈزەل پەزىلەت نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە جان بېقىۋاتقان سېتىقچى–يايمىكەشلەرنىڭ ساپدىل، ئاقكۆڭۈللىكى، قىزغىن، دۇرۇس، يۇمۇرلۇق سودا ئادىتى كىشىگە ھۆرمەت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. مەسىلەن، سىزگە يەرلىك تۇخۇم دەپ ساتقان بولسا ئۇ جەزمەن يەرلىك تۇخۇم، بىر كىلو مېۋە تارتىپ بەرگەن بولسا ئۇ دەل بىر مىسقالمۇ كەم ئەمەس، بىركىلو مېۋە. تارازىدىن كانتىلايدىغان، ياخشىغا ياماننى ئارىلاشتۇرۇپ قويمچىلىق قىلىدىغان، «قۇيرۇق كۆرستىپ ئۆپكە ساتىدىغان» قىلمىشلار بۇ يەردە ھەرگىز مەۋجۈت ئەمەس. ھەريىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن «ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى»غا نەچچە يۈز ماشىنا مال كىرگۈزۈلىدۇ، «خەنزۇبازىرى» شۇنچە قىستاڭ تۇرۇپمۇ بىرقېتىممۇ ماشىنا توسۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ.
«خەنزۇبازىرى»دا مالنىڭ ئەرزانلىقى پۈتكۈل جامائەتچىلىككە ئايان، ئەگەر سىز «خەنزۇبازىرى»دىن قوي گۆشى سېتىۋالسىڭىز باھاسى ئەرزان، يېڭى، يەنە تېخى چىۋەر قاسساپلار تەڭپۇڭ كەلگەن تارازا ئۈستىگە قۇلاقتەك گۆشنى قوشۇپ تاشلاپ سىزنى ئۆزىگە دائىملىق چۆپقەت قىلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. بۇلار گەرچە ئادەتتىكى ئىشلار بولسىمۇ لېكىن، بۇ يەردىكى سودىگەرلەرنىڭ زېرەكلىكىنى نامايەن قىلىدۇ. سودىدىكى خۇش مۇئامىلە ۋە زېرەكلىك ماركېتىڭ ئىلمىدا ئاللىبۇرۇنلا مەخسۇس پەن بولۇپ شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ تىجارەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. مەن يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي، مەسىلەن: ئەگەر «ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى»دا مال قاچىلاش–چۈشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە باشقا جايلاردىن ئىشلەمچى ئەكەلسىڭىز بىر ھازاغىچە سىز بىلەن باھا تالىشىدۇ، «خەنزۇبازىرى»لىق ئىشلەمچىلەر بولسا ئالدى بىلەن ئىشنى پۈتتۈرىدۇ، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن سىز قانچە بەرسىڭىز مۇۋاپىق باھاغا رازى بولۇپ كېتىپ قالىدۇ.
شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بەزى ئوبيېكتىپ ئامىللار تۈپەيلىدىن «خەنزۇبازىرى» ھەقىقەتەنمۇ مەينەت، قالايمىقان ۋە ناچار. مېنىڭچە بۇ جاۋابكارلىقنىڭ ھەممىسى تىجارەتچىلەردە ئەمەس، بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈزۈش، راۋانلاشتۇرۇش، يېتەكلەش جەھەتلەردە كۆپ باش قاتۇرۇپ، باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆستۈرۈش، ۋە ياخشىلاش لازىم. بۇ يەردە شۇنىمۇ قەيت قىلىش كېرەككى، مېنىڭچە، بۇ يەردىكى كوچا ئارىلاپ مال ساتىدىغان سەييارە تەنزىكەشلەر، يولنى خالىغانچە ئىگىلىۋالغانلار گەرچە شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، بۇلار بەزى لاغايلاپ يۈرىدىغان بىكارتەلەپ ھورۇنلاردىن، بەش ئەزايى ساق تۇرۇپ ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا يۆلىنىۋېلىپ جان باقىدىغانلاردىن مىڭ ياخشى، بىز بۇلاردىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھالال مېھنىتىگە تايىنىپ جان بېقىۋاتىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىۋاتىدۇ. مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى «خەنزۇبازىرى» نوقۇل ھالدىكى سودا–سېتىق سورۇنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىلىدىكى نارات، تاڭبالى، كۆلدىلەڭ قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار بىلەن تەڭ قاتاردا تۇرالايدىغان ساياھەت بايلىقى ۋە ئېسىل سەيلىگاھ. دەرھەقىقەت، «خەنزۇبازىرى» تاھازىرغىچە كونا قېلىپتا تۇرغاچقا، سىرتقى كۆرۈنۈشى بىرئاز قالايمىقانراق، لېكىن، سەنئەت ئىستېتىكىسى نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، بەزى رەتسىز كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ئارقسىغا چىنلىق، تەبىئىيلىك ۋە گۈزەللىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. مۇئەللىپ شۇنداق بىرنۇقتىنى تەھقىقلەشكى ھەقلىقكى، ئەگەر بىز يۇقىرىقى بايانىمىزدىكى يۈزەكى ھادىسىلەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالقىپ ئۆتۈپ چوڭقۇر ۋە ماھىيەتلىك تەھلىل يۈرگۈزۈپ، مەزكۈر بازارنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر تالاي ئېتنوگرافىك، گۇمانىتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە يەرلىك، مىللىي، تارىخىي ھادىسىلەرنى كىچىككىنە باش قاتۇرۇپ، قېزىپ، رەتلەپ ۋە زۆرۈر بولغان بېزەش–پەردازلاشتىن ئۆتكۈزۈپ ساياھەت بازىرىغا سالىدىغان بولساق، بۇ سېھىرلىك ماكان چوقۇم ئانچە ئۇزاققا قالماي پۈتكۈل ئىلى ۋادىسىنىڭ مىڭلىغان–ئونمىڭلىغان سەيلى–ساياھەتچىلىرىنى بەئەينى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان ئالتۇن ئېلان تاختىسىغا ئايلىنىدۇ.
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(46)
90.2%
دەسسەش
(5)
9.8%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !