سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

غۇلجىدىكى داڭلىق تۆت چوڭ باغ

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-28 15:00مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

ئىلى ۋادىسىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك داڭلىق باغلىرى ھەققىدە پاراڭ بولغاندا غۇلجا شەھىرىدىكى ئەسىرلەردىن بۇيان مېھنەتكەشلەر تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان «گۈلشەنباغ»، «ھەرەمباغ»، «روشەنباغ»، «سۇلتانباغ» قاتارلىق تۆت چوڭ باغ كۆزدە تۇتۇلۇپ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
* «گۈلشەنباغ»
ھەممىگە ئايانكى، غۇلجا شەھىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە «قارادۆڭ» نامى بىلەن ئاتالغان ئېگىز دۆڭلۈك تارىخنىڭ شاھىدى بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، دۆڭلۈكنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىدىكى جۇڭغار خانى قۇنتەيجىنىڭ ئوردىسى خارابىسىدىن تۆت ئەتراپقا نەزەر سالغىنىڭىزدا، ئوردا خارابىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرى ئاستىدىكى ياپيېشىلىققا پۈركەنگەن ھازىرقى «گۈلشەنباغ» دىققىتىڭىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بۇ يەر ئەينى ۋاقىتتا قۇنتەيجىنىڭ ئەركەك تۆگىلىرى (بۇغرالىرى) قامىلىدىغان «بۇغراخانا» ئىدى.
چىڭ سۇلالىسى (1644–1911) نۇرغۇن قوشۇن بىلەن جۇڭغار توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇپ، جۇڭغارىيىنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن، ئىلى ھاكىمبېگى مۇساگۇڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن خىزمىتى بەدىلىگە بۇغراخانىدىن ئىلى دەرياسى بويىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كەڭ زېمىنغا ئىگە بولغان. ھاكىمبەگلىك 1877–يىلىغىچە «بۇغراخانا»نى تېرىلغۇ يەر قىلغان. مۇساگۇڭنىڭ 4–نەۋرىسى ئىلياسخان غوجا (بوۋاق ھېكىم) بۇ يەرنىڭ سۈيى مول، ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەرگە ناھايىتى چىرايلىق، ئازادە، كۆركەم بولغان بىر باغ بىنا قىلىش قارارىغا كېلىپ، 1678–يىلى بۇ ئىشنى قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلىرىدىن تاھىر ئىسىملىك كۆكبېشىغا تاپشۇرغان. تاھىر كۆكبېشى بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇ يەرنىڭ ئەتراپىغا ئىھاتە ئورمان بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ياۋا دەل–دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئورنىغا مېۋىلىك كۆچەت تىككەن. بۇ باغ شۇ ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە بىنا قىلىنغان باغلارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ گۈزىلى بولغاچقا «گۈلشەنباغ» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىك خەلق ئىچىدە يەنە، 1767–يىللىرى ئىلىدا گۇڭ بولۇپ تۇرغان تۇرپان ۋاڭى ئىمىن (1694–1777) ۋاڭنىڭ 2–ئوغلى ئورانزىپ گۇڭ بىر نەچچە خوتۇنى ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدە باغ بىنا قىلدۇرۇپ، ھەربىر باغدا بىر خوتۇننى تۇرغۇزۇپ، باغلارنى شۇ خوتۇنلارنىڭ نامىدا ئاتىغان دېگەن رىۋايەتلەرمۇ بار.
بۇ رىۋايەتلەردە، غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى قارادۆڭگە بىنا قىلىنغان باغ ئورانزىپنىڭ خوتۇنلىرىدىن بىرى بولغان گۈلشەن خېنىمنىڭ نامىدا «گۈلشەنباغ»، شەھەر ئىچى بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ شىمالىدىكى باغ يەنە بىر خوتۇنى روشەنبۈۋىنىڭ نامىدا «روشەنباغ» (ھازىر بۇ باغ يوق)، ھەرەمباغ مەھەللىسىدىكى باغ ئۇنىڭ يەنە بىر خوتۇنى ھەرەمبۈۋىنىڭ نامىدا «ھەرەمباغ» (ھازىرقى ئىلى ھەربىي رايون شتابى تۇرۇشلۇق ئورۇن) ئاتالغان، دەپ قارىلىدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن باغلاردىكى مېۋىلىك دەرەخلەر قېرىپ، ئورنىغا ياش كۆچەتلەر تىكىلمىگەنلىكى، ئۈنۈپ چىققان تېرەك، قارىياغاچقا ئوخشاش ياۋا دەرەخلەر چىقىرىۋېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن «گۈلشەنباغ» قۇچاق يەتكۇسىز دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان. داۋاملىق ئېقىپ تۇرىدىغان سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى كىشىلەر كۆڭلىگە شاد–خۇراملىق، ھۇزۇر ئاتا قىلىدىغان ياپيېشىل چىمەنزارلىققا ئايلانغان. كېيىنچە ئويۇنخۇمار كىشىلەرنىڭ مەشرەپ–باراۋەت ئۆتكۈزىدىغان، مەدداھ–ئاشىقلارنىڭ سورۇن قۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان، ماكانسىز يېتىملارنىڭ يېتىپ–قوپۇپ ئارام ئالىدىغان ئارامگاھىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇ چاغدا چىققان شېئىر–قوشاقلاردىن «گۈلشەنباغ»نىڭ داڭقىنىڭ يالغۇز ئىلىغىلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي شىنجاڭغىمۇ تارقالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(8)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !