«ئالتە شەھەرگە داڭقى كەتكەن، گۈلشەنباغنىڭ سەيلاسى. تاڭ قالدۇرار بۇلبۇلنى، نەغمە–ناۋا ساداسى.» «گۈلشەنباغ» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە مۇساگۇڭنىڭ 6–نەۋرىسى چوڭ پاشاغوجا (نۇرنىجات)نىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن. *«ھەرەمباغ» ۋە «روشەنباغ» «ھەرەمباغ»– غۇلجا شەھەر ھەرەمباغ مەھەللىسىدىكى چوڭ مەسچىت كوچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ياكى شۇ دائىرىدىكى جايلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «روشەنباغ» بولسا ھازىرقى ئىلى ئالىي مېھمانخانىسى بېغىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى باغنى 1800–يىللاردىن كېيىن ئىلىنىڭ 4–ھاكىمبېگى خالزاتخان ھېكىمنىڭ ئورنىغا ئورلاڭ (ۋاقىتلىق) ھاكىمبەگ بولغان باقى ھېكىم بىنا قىلدۇرغان. باقى ھېكىمنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتلىرى تۇرىدىغان يازلىق بېغى «ھەرەمباغ» (ھەرەم–پادىشاھ، ھاكىملارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۇرىدىغان باغ) دەپ ئاتالغان. «روشەنباغ» باقى ھېكىمنىڭ چوڭ قىزى روشەن خېنىم نامىغا ئاتا بىنا قىلدۇرۇلغان. «ھەرەمباغ» تۈرلۈك مېۋىلىك دەل–دەرەخلىرى، ياسىداق، ھەشەمەتلىك ئۆي–ئىمارەتلىرى ۋە باغ ئوتتۇرىسغا توپا تاشلار بىلەن ھاسىل قىلغان تۆپىلىككە سېلىنغان ناھايىتى چىرايلىق، كۆركەم نەقىشلىك شىپاڭلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى. 1900–يىللىرىغىچە «ھەرەمباغ» ئىلگىرىكى ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. 1900–يىللاردىن كېيىن غۇلجا شەھىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىىشىگە ئەگىشىپ، بوش يەرلەرگە ئۆي–ئىمارەتلەر چۈشۈپ، ھەرەمباغ مەھەللىسى بەرپا قىلىنغان. باقى ھېكىم ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى «ھەرەمباغ»نى كىچىك قىزى خان كىشى خېنىمىغا مىراس قالدۇرغان. خان كىشى خېنىم شۇ چاغدىكى تونۇلغان داڭلىق مۇددەرىس مەسۇد مۇپتى ھاجىم موللا خۇدابەردى ئەلەمگە ياتلىق قىلىنغان. ئۇنىڭ ئوغلى ھېزىزەم ئاخۇن يېقىنقى ۋاقىتلاردا ۋاپات بولغان. ھېزىزەم ئاخۇننىڭ ئوغلى، ھازىرقى ھەرەمباغ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇرېشىت مەخسۇم ئەينى ۋاقىتتا «ھەرەمباغ»دىن بۆلۈپ بېرىلگەن قورۇلۇق جايىدا ھازىرغىچە ئولتۇرۇپ كەلمەكتە. «روشەنباغ» باقى ھېكىمنىڭ چوڭ قىزى روشەن خېنىمغا مىراس قالدۇرۇلغان. روشەن خېنىم شۇ دەۋرنىڭ شەيخلىرىدىن بىرى، قازىكالانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سېيىت جالالىدىن شەيخ ھەزرەتكە ياتلىق قىلىنغان. بۇقىز ۋاپات بولغاندا بالىسى بولمىغاچقا «روشەنباغ» سېيىت جالالىدىن شەيخنىڭ ئاكىسى مۆتىۋەللى ئاخۇننىڭ ئوغلى ھاپىز خەلپەمگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مەرۇپ خەلپەم (1975–يىلى ۋاپات بولغان داڭلىق ھاپىز ئابۇزەر خەلپەمنىڭ دادىسى)گە مىراس قالدۇرۇلغان. 1881–يىلىدىكى «جۇڭگو–روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» بويىچە «روشەنباغ» روسىيىنىڭ ئىلىدىكى كونسۇلخانىسىغا بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ باغ كونسۇلباغ» دەپ ئاتالغان. ھازىر بۇ باغ ئىلى ئالىي مېھمانخانىسغا ئۆزگەرتىلىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ، ساپ ھاۋاسى، پاكىز مۇھىتى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. *«سۇلتانباغ» «سۇلتانباغ» ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەللىكى بىلەن ئالاھىدە داڭلىق ئىدى، بۇ باغ ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا شەھەر سېپىلىدىن ئىككى چاقىرىمغىچە شىمالدا بولۇپ، شەرقىي تەرىپى «روشەنباغ»،شىمالىي تەرىپى ئالتۇنلۇق مازىرى، غەرب تەرىپى پەنجىم غولىنىڭ سۈيى كېلىدىغان ساي، جەنۇبىي تەرىپى چوڭ يول بىلەن ئايرىلىپ تۇراتتى. بۇ باغنى كىم، قاچان بىنا قىلغانلىقى ۋە بۇ باغنىڭ ئەسلى نامى نېمە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات ئېنىق ئەمەس. ئېيتىلىشىچە، بۇ باغ 1867–يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەنلىكتىن «سۇلتانباغ» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 1871–يىلى چارروسىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالغاندا، «سۇلتانباغ» روسىيىنىڭ ئىلىدىكى ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىختىيارلىقىغا ئۆتكەن. 1900–يىللاردىن كېيىن چارروسىيە بۇ باغنى تېرە، يۇڭ، ئۈچەي پىششىقلاپ ئىشلەش مويكىسى قىلغان. بۇ باغ كېيىنكى ئۈمرى ياركەنتتە ئۆتكەن ۋېلىباي يولداشۇپنىڭ كۆتۈرە ئېلىشى بىلەن بىرقانچە كۆرپۇس ئىشخانا سېلىنغان. شېڭ شىسەي (1897–1970) ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن 1937–يىلى كۈرەدە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، بوز يەر ئېچىش مەھكىمىسىنى غۇلجىغا كۆچۈرگەندە، بۇ باغنى مەھكىمىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ باغ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغىچە «سىلىڭبۇ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 1944–يىلىدىن 1949–يىلىغىچە بۇ يەردە ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، كېيىن ۋالىي مەھكىمىسى، ئازادلىق ئارمىيە 5–كورپۇس شتابى ئورۇنلاشقان. ھازىر بۇ جايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئىلى شۆبە ھەربىي رايونى قوماندانلىق شتابى بار.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |