سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئىلىنىڭ بىر قىسىم يەر–جاي ناملىرى توغرىسىدا

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 17:38مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

توققۇزتارا :

   ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق شۇ نامدىكى بىر ناھىيە (شەھەر)نىڭ نامى. ئىلى دەرياسى ۋە ئۇنىڭ چوڭ تارماقلىرىدىن بىرى بولغان تېكەس دەرياسى ئارىلىقىدىكى نۇرغۇن ئوتلاقتىن تەركىب تاپقان بۇ جاي تۈركىي تىلدا خاسىيەتلىك ھېسابلانغان «توققۇز» سۆزى بىلەن سۈپەتلەنگەن. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزاھلىشىچە، «توققۇزتارا» دېگەن بۇ نام «توققۇزتارام (توققۇز ئېقىن)» دېگەن مەنىدە ئېيتىلىدۇ (يۈۋېيچىڭ «شىنجاڭنىڭ يەر تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى»، خەنزۇچە نەشرى، 160–بەت).
    لېكىن شائىر موللا بىلال نازم ۋە تارىخچى موللا مۇسا سايرامىلارنىڭ ئىزاھلىشىچە، «تارام» (ياكى تارا) ئەمەس، «تالا» يەنى «دالا» بولۇپ، كەڭ دالا ياكى كەڭ يايلاق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ («شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى، 1996–يىل 2–سان، ئۇيغۇرچە نەشرى، 62–بەت). توققۇزتارا نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بولغان «؟ گۇڭلىيۇ» دېگەن بۇ سۆز كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئىلگىرىكى خەنزۇچە ئاتىلىشى بولغان «؟ گۇڭ جىسى» سۆزىنىڭ بېشىدىكى «؟گۇڭ» خېتى بىلەن «توققۇزتارا» نامىنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىشى بولغان «؟ تېكىسى تالىيۇۋ» سۆزىنىڭ ئاخىرىسىدىكى «؟ لىيۇۋ» خېتىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن شۇنداق ئاتىلىپ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ قېلىنغان.

تېكەس

     ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر ناھىيە (شەھەر)، دەريانىڭ نامى. «تېكەس» دېگەن بۇ نام ئەسلىدە شۇ نامدا ئاتىلىدىغان دەريانىڭ نامىدىن كەلگەن. بۇ نامنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار موڭغۇل تىلىدا «تېكە (يەنى ئەركەك ئۆچكە) كۆپ جاي» دېگەن مەنىدە، دەپ ئىزاھلىماقتا (نيۇروچىن «شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ئومومىي بايان»، خەنزۇچە نەشرى، 145–، 155–بەت). بەزى تەتقىقاتچىلار «تەگىش» (ھەربىر نەرسىنىڭ ئاخىرى) سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇشى مۈمكىن، «تەگىش–تەكس» ئىلى دەرياسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرىدۇر، دەپ پەرەز قىلىدۇ («شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى، 1996–يىللىق 2–سان، 64–بەت). ئەمما بۇ دەريانىڭ نامى «تەۋارىخ خەمسە»دە (يەنى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى تارمىقى) «جىم» دەريا دەپ ئاتالغان. ئېھتىمال «تۈركىي تىللار دىۋانى»دە كەلتۈرۈلگەن مىساللارغا قارىغاندا، «تىكسىز» سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى «تىكى» سۆزى «شارقىرىماق، گۈلدۈرلىمەك» مەنىسىدە بولۇپ، «تىكسىز»–«شارقىرىمايدىغان» ئۇقۇمدا بولسا كېرەك (يۇقىرىقىدەك). مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان 2–تومىدا بۇ دەريانىڭ نامىنى «؟تېيېكا» دەپ ئالغان ھەم ئىزاھتا «تىكەس» دەرياسى دەپ ئىزاھلانغان (311–بەت). ئېھتىمال ئەسلىي كىتابتا «تىكى» بولۇشى مۈمكىن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، كېيىنكى قاراش ئىلمىي ئاساسقا ئىگىدەك قىلىدۇ. ;

چاپچال

   ئىلى ۋىلايىتىدىكى شۇ نامدا ئاتىلىدىغان شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى (شەھەر)نىڭ نامى. «چاپچال» شىبە تىلىدا قويۇلغان نام بولۇپ، «ئاشلىق ئامبىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

چاغانساي

     تېكەس ناھىيىسىدىكى كەنت نامى. «چاغان» سۆزى موڭغۇل تىلىدا «ئاق» دېگەن مەنىنى، «غول» سۆزى «جىرا، ساي» (يەنى ئىككى تاغ ئارىلىقى) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «ئاق غول» سۆزى «قۇرۇق غول» دېگەنلىك بولىدۇ.

چوغۇر

    چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى مەھەللە ۋە جىلغا نامى. «چوغۇر» نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق قاراش يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نام ئۈستىدە ھېچكىم تەتقىقات ئېلىپ بارمىدى. سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلىمىگە ئاساسەن، بۇ ھەقتە بەزى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا «چۇغۇر ياكى چۇغۇردان» دېيىلىدىغان سۆزنى تاپالايمىز. مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بۇ سۆزنى «يار، يارداڭ» دەپ ئىزاھلايدۇ («قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»، 215–بەت). ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ «قەدىمكى تۈركى تىلىدا <يار، يارداڭ> سۆزى <چۇغۇر> دېيىلىدۇ. «چۇغۇر» (يارداڭ)غا سېلىنغان ئىبادەتخانا «چۇغرى» دەپ ئاتالغان» («شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى، 1996–يىل 3–سان، 47–، 48–بەت). دېمەك، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى «چوغۇر مەھەللىسى»، «چوغۇر جىلغىسى» دېگەن بۇ ئىككى نامنىڭ «يارداڭغا قۇرۇلغان مەھەللە ياكى يارداڭلىق مەھەللە»، «يارداڭ ياكى يارداڭلىق جىلغا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

چىڭسىخوزا

    ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر بازارنىڭ نامى. خەنزۇ تىلىدىكى ئاتىلىشى بولغان «؟چىڭ شۆي خې» نامى «سۈزۈك سۇ»نىڭ مەنە تەرجىمىسى. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەلۇماتىدىكى «قاياس شەھىرى»دىكى بىرىنچى قورغان «ساپلىغ قاياس» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3–توم، 236–بەت) «چىڭسىخوزا» نامىنىڭ ئەسلىسى بولسا كېرەك. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ساپلىغ» سۆزى ساپ، سۈزۈك، پاكىز مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى، 1987–يىل 4–سان، 66–بەت). دېمەك، «چىڭسىخوزا» نامىنىڭ ئەسلىسى «سۈزۈك سۇ».

چىلپەڭزە
  
     ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىدىكى بىر كەنتنىڭ نامى. بۇ خەنزۇچە نام بولسا كېرەك. بۇ جاينىڭ قەدىمكى نامى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش قىيىن، ئەمما تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «قارا قاياس» دەپ ئاتىغان نام مۇشۇ جايغا توغرا كېلىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 3–توم، 136–بېتىدە «قاياس» نامى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ شەھەرنىڭ ئۈچ قورغاندىن تەركىب تاپقانلىقى، بۇ ئۈچ قورغاننىڭ ئۈچىنچىسىنىڭ «قارا قاياس» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. قەدىمكى ۋاقىتلاردا «قارا قاياس» نامى «قارا ئويمان» («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى، 1987–يىل 4–سان، 66–بەت) دەپمۇ ئاتالغان. ئالدىنقى ئىككى قورغاننىڭ بىرىنىڭ «ساپلىغ قاياس»—قورغاس چىڭسىخوزىنى، يەنە بىرىنىڭ «ئۈرۈڭ قاياس»—قورغاس ئاقسۇنى كۆرسىتىدىغانلىقىدەك ئېھتىماللىقىدىن قارىغاندا، ھازىرقى «چىلپەڭزە»نىڭ ئورنى مەھمۇد قەشقىرى ئېيتقان «قارا قاياس» بولسا كېرەك.
مەنبە: «شىنجاڭ يەر ناملىرى ئېتمولوگىيىسى»، قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(19)
79.2%
دەسسەش
(5)
20.8%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !