ئېگىز–ئېگىز تاغ بېشىدىن سىيرىلدىم تۈزگە، قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە. بىلەمسىزكىن–بىلمەمسىزكىن خۇشتارمەن سىزگە، خۇشتارلىقتىن ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇۋالىم سىزگە. دەپ بېيىت ئېيتىپ «يىگىت بېشىغا بەردىم» دەيدۇ. يىگىت بېشى گۈل چاينى قولغا ئېلىپ ئەتراپتىكىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، بىر يېقىن ئادىمىنى ئىزدەۋاتقان قىياپەتتە: ئۇ تام يېقىن، بۇ تام يېقىن، ھەممىدىن ئۆزلىرىگە كۆڭلۈم يېقىن دەپ يەنە بىركىشىگە (نۆۋەت كەلگەن كىشىگە) بېرىدۇ. كاتىپ بۇ كىشىنىمۇ خاتىرىلەپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ گۈل چاي قىزىقارلىق پاراڭلار، بېيىت–قوشاقلار بىلەن 10، 15قېتىم تەكرارلىنىپ قولدىن–قولغا ئۆتىدۇ. بەزىدە ئوتتۇز ئوغۇل بەزىلەرنى قەستەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن تەكرار گۈل چاي تۇتىدۇ. كاتىپ رەت بويىچە بىرىنىمۇ قويماي خاتىرىلەيدۇ. گۈل چايغا ئاجرىتىلغان ۋاقىت توشقان ھامان گۈل چاينىڭ ئاخىرى پاششاپقا كېلىپ توختايدۇ. يىگىت بېشى «گۈل چاي توختىتىلسۇن» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ. پاششاپ گۈل چاينى كۆل بېگىگە تاپشۇرىدۇ. پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ، سازەندىلەرگە ئىشارە قىلىدۇ. سازچىلار سازلىرىنى تەڭشەپ ئالدى بىلەن مۇزىكا ئورۇندايدۇ. ئاندىن بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى باشلايدۇ. سورۇن ئەھلى تېكسىت ھېكمەتلىرىدىن، مۇڭلۇق مۇزىكىلاردىن بىھۇش بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىرەرىنىڭ ھاجىتى قىستاپ قالسا بىسوراق چىقىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم پاششاپقا «ئەدەب» دەيدۇ، پاششاپ « بىئەدەپ بولمىسۇن» دەيدۇ. ئەگەر بۇ ئادەم سورۇندىن چىقىۋاتقاندا باشقىلارنىڭ پۇتلىرىغا دەسسىۋەتسە ياكى دىققەتنى چېچىۋەتسە ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم ناھايىتى سىپايە، ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئۇ نەغمىچىلەر ۋە مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا «ئەدەپ»كە چىقىدۇ، ناخشا–مۇقام ۋە ساز توختىمايدۇ. ئېيتىۋاتقان ناخشىلارغا ئوتتۇز ئوغۇل تۈرلۈك شەكىللەردە جور بولۇپ ماڭىدۇ. ساز مەرغۇل مۇزىكىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يىگىت بېشى باشلىق ئوتتۇز ئوغۇل «رەھمەت، رەھمەت!، قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن!» دەپ سازچىلارغا بارىكاللا ئوقۇشىدۇ. كۆل بېگى سازچىلارغا پەتنۇس بىلەن چاي تۇتىدۇ. ئاخىرىدا چاقچاقچىلار چاقچاق باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سازغا ئاجرىتىلغان ۋاقىت توشىدۇ. پاششاپ دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: «چىراغ كەلتۈرۈلسۇن!» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ. (ئەينى يىللاردا ئېلېكتر ئوموملاشمىغاچقا چىراغ ئىشلىتەتتى) پاششاپ چىراغنى قولغا ئېلىپ: ئۇ تام يېقىن، بۇ تام يېقىن، كۆڭلۈم ھەممىدىن ئۆزلىرىگە يېقىن دەپ چەتتە ئولتۇرغان بىرىنچى ياش بالىغا چىراغنى بېرىدۇ. چىراغ تۇتۇش بېيىت–نەزم، ماقال–تەمسىللەر بىلەن قولدىن–قولغا ئۆتىدۇ. جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغانلار كۆرۈلسە، يىگىت بېشى: «بولدى، بۇ يىگىتنى خىجىل قىلماڭلار، كېلەركى مەشرەپكىچە ئۆگىنىپ كەلسۇن» دەپ چىراغنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. شۇ ئارقىلىق مەشرەپكە قاتناشقۇچىلارنى جۇشقۇن، روھلۇق، ماھارەتكە باي، تۆت ئادەم ئالدىدا يۈرەكلىك ھالدا ئۆز مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىدۇ. كەڭچىلىككە ئېرىشكەن يىگىت ئىككىنچى سورۇندا يەنە باھانە–سەۋەب كۆرسەتسە ئولتۇرغانلار «توخۇدەك قېقىقلاپ بەرسەڭمۇ، موزايدەك مۆرەپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ...» دەپ چاقچاق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت ئۈچىنچى سورۇنغىچە نومۇس يۈزىسىدىن بولسىمۇ بىر نەرسە ئۆگىنىپ كېلىپ چىراغنى قولغا ئالىدۇ. يىگىت بېشى باشلىق ئولتۇرغانلار بۇ يىگىتكە ئالقىش ياڭرىتىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام–مەدەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىراغ تۇتۇپ پائالىيەت قىلىش ئاخىرلىشىدۇ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |