يىگىت بېشى: —ناھايىتى ياخشى، قارشى ئالىمىز، بىراق مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى، ئاچچىق تايىقى بار. بالىڭىز چىدالامدۇ؟—دەپ سورايدۇ. بۇ چاغدا بالا مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى، ئاچچىق تايىقى ۋە باشقا بارلىق تۈزۈم–تەرتىپلىرىگە بويسۇنىمەن دەپ ۋەدە بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىگىت بېشى باشلىق بارلىق مەشرەپ ئەھلىگە: —ناھايىتى ياخشى، ئوبدان بالا بوپتۇ، ۋەدە بەردى، قوبۇل قىلايلى،—دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل رەسمىي مەشرەپ ئەھلى بولۇپ سانىلىدۇ. مەشرەپ ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى كەچتە ئوينىلىدۇ، باشلاش، ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلىدۇ، كېچىكمەي كېلىش ئۇقتۇرۇلىدۇ، كېچىكىپ قالغانلارنىڭ سەۋەبى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. سەۋەبلىك بولسا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. سەۋەبسىز بولسا تەنقىد–تەربىيە بېرىلىدۇ ھەم ئەھۋالغا قاراپ "بولى" قويۇلىدۇ، ئېغىرراق بولسا مەشرەپ جازاسى بېرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق مەشرەپ ئەھلىگە ۋاقىت تەربىيىسى يۈرگۈزۈلىدۇ. "بولى قويۇش" دېگىنى كېلەر مەشرەپكە بىر قوي ياكى ئىككى قوي ئېلىپ كېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەشرەپ تەرتىپى بويىچە بىر قوي، بىر كىلو سارماي، ئالما ئۆلچەم قىلىنىدۇ. كېچىككەنلەر كېلەركى مەشرەپتە بۇنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، بۇ ئارقىلىق كېچىكىپ كېلىش، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. مەشرەپ ئەھلى تولۇق يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن پاششاپ مەشرەپنى باشلاش ھەققىدە يىگىت بېشىدىن ئىجازەت سورايدۇ. يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇل تولۇق يىغىلغان بولسا «باشلانسۇن» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ، پاششاپ كۆلبېگىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. كۆلبېگى ئاپتۇۋا–چۆگۈن، لۆڭگىلەرنى ئەكىلىپ مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىدۇ، پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى چازە قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. چاي تارتىلىدۇ، ساھىبخان ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ يىگىت بېشى باشلىق بارلىق ئوتتۇز ئوغۇلنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، چاي قىزىق پاراڭ، ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن ئىچىلىدۇ. چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت بېشىنىڭ ئىجازىتى ئارقىلىق داستىخاننى يىغىش بۇيرۇقى بېرىلىدۇ. داستىخان يىغىلىدۇ. كۆلبېگى خۇش ئاۋاز، چاققان،تېتىك بولۇشى كېرەك. قولغا سۇ بېرىش، داستىخان سېلىش، چاي قۇيۇش جەھەتلەردە ناھايىتى سىلىق–سىپايە، ئەدەب–قائىدىلىك بولىدۇ. ھەتتا چاي قۇيغاندىمۇ چىنىنىڭ چېتىگە قۇيىدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپۈك چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «يەك تىز» ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. «يەك تىز» دېگىنىمىز بىر پۇتىنى تىزللاپ، بىر پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. پاششاپ شۇنىڭدىن كېيىن سازچىلارغا ئىشارە قىلىدۇ، باش سازچى مۇقام باشلايدۇ. مۇقام باسقۇچىلىرىنى سازچىلار زوق–شوق بىلەن ئورۇندىغاندا ئوتتۇرىدا ئولتۇرغانلار ناخشا تېكسىتلىرىدىكى ھېكمەتلەردىن، مۇڭلاردىن مەنىۋى زوق ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە پاراڭ بولۇنسا پاششاپ «خەپشۈك» دەپ سورۇندىكىلەرنى دىققەتكە چاقىرىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا كۆنمەي پاراڭ كۆپىيىپ كەتسە پاششاپ ئەنگە ئېلىپ قويۇپ، مەشرەپنىڭ سوئال–سوراق باسقۇچىدا قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئۇخلاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە "سۇ پۈركۈپ سۈرىتىنى تامغا تارتىش"، "چوڭ جاۋۇرغا سۇ توشقۇزۇپ، ئىچىگە تەڭگە تاشلاپ باش چۆكۈرۈپ ئالدۇرۇش" ئارقىلىق سەگىتىپ جازا بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سازچىلار سازنى ئۇسسۇل پەدىسىگە يۆتكەيدۇ. پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «جۈپ تىز»غا بۇيرۇيدۇ ھەم ئۇسسۇلنى باشلايدۇ. شۇ يوسۇندا بىر مەزگىل ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇل ئۇسسۇلچىلارنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ئۇسسۇل ئاخىرلاشقاندا پاششاپ يىگىت بېشىدىن: ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى سورۇنغا كىرىشكە رۇخسەتمىكىن؟»دەيدۇ. يىگىت بېشى ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن مەشرەپ ئەھلى ئىچىدە مەشرەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى، جامائەت ئالدىدا ئەدەب–ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغانلارنى يىگىت بېشىغا ئەرز قىلىدۇ. يىگىت بېشى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پاششاپقا بۇيرۇق قىلىپ ئەدەپسىزلىك قىلغۇچىنى ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇيدۇ. يىگىت بېشى ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈستىدىن سوراق قىلىدۇ، ئۇ كىشى خاتالىقىنى تونۇپ توۋا قىلسا، يىگىت بېشى ۋە ئوتتۇز ئوغۇل ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىدۇ. ئەگەر كەمچىلىكىنى بوينىغا ئالمىسا، گۇناھىدىن تېنىۋالسا گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ مەسىلىنى پاش قىلىدۇ، بۇنىڭ شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشى ئېغىرلىشىپ، بېرىلىدىغان جازامۇ كۈچىيىدۇ ھەم نەق مەيداندا ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇندىن كېيىن قايتا ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە ئېلىپ سەپكە قوشۇلىدۇ. بىر كېچىلىك مەشرەپتە مۇشۇنداق ئىشتىن بىر نەچچىسى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «راھەت» ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. «راھەت ئولتۇرۇش» پۇتنى ئىختىيارىي سوزۇپ، ئەركىن–ئازادە پاراڭ قىلىپ، بىر–بىرى بىلەن مۇھەببەتلىك يېقىنچىلىك تېما قىلىنغان مۇڭدىشىشنى كۆرسىتىدۇ. چاقچاقچىلارنىڭ ھازىرجاۋابلىقى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي بولۇشى بىلەن مەشرەپ ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرىدۇ. پاششاپ ئارىلىقتا: «ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى پالانچى ماھارەت كۆرسىتىپ بەرسە» دەيدۇ. شۇ ئادەم سۆز ئويۇنى باشلايدۇ. بۇ ئادەم سۆز ماھارىتىنىڭ تېزلىكى، سۆزىنىڭ رېتىملىقى، مەزمۇنغا باي، تەربىيىۋىلىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئوتتۇز ئوغۇلغا چوڭقۇر مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ. پاششاپ يەنە «پالانچى بىرەر پەدە مۇڭ قىلىپ بەرسە» دەيدۇ. بۇ ئادەم ئۆزى تاللىغان چالغۇ ئەسۋاب بىلەن ماھارەت كۆرسىتىپ سورۇندىكىلەرنىڭ ئالقىىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ماھارەتلەردىن بىرقانچىسى ئىجرا بولغاندىن كېيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «چازا» قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ،ئاندىن كۆل بېگىگە بۇيرۇق بېرىدۇ. كۆل بېگى مېھمانلارنىڭ قولىغا ئەدەب بىلەن سۇ بېرىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ داستىخان تەييارلايدۇ. غىزاغا يۇقىرى چەك قويۇلمايدۇ، ئىختىيارىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. غىزا تارتىلغاندىن كېيىن سۇيۇقئاش مول–مەزمۇنلۇق پاراڭلار بىلەن ئىچىلىدۇ. داستىخان يىغىلىشتىن ئاۋۋالقى دۇئادىن كيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «يەك تىز» ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ ھەم كۆل بېگىگە «گۈل چاي كەلتۈرۈلسۈن!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كۆل بېگى ئالدىن تەييارلاپ قويغان گۈل چاينى كەلتۈرىدۇ. گۈل چاي ھەرخىل شەكىلدە ياسىلىدۇ. بەزىلەر چىنىنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل گۈللەرنى ئەپچىللىك بىلەن تىزىپ ئالاھىدە كۆرۈنۈش قىلىپ ياسايدۇ ياكى ئالمىلارنى پىچاق بىلەن كۈچۈك چىشى قىلىپ ھەرە شەكلىدە ياساپ، چىنىنىڭ ئەتراپىغا تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرىغا بىر تال چىرايلىق گۈلنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەتنۇسقا سېلىپ كەلتۈرىدۇ، يېزىقچىلىقتىن خەۋىرى بار بىرىنى يىگىت بېشى كاتىپلىققا سايلايدۇ. كاتىپ دەپتەر–قەلەمنى قولغا ئېلىپ، قەغەزنىڭ باش تەرىپىگە «پاششاپ» دەپ يېزىپ قويىدۇ، بۇ نۆۋەت پاششاپتىن باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پاششاپ گۈل چاينى خالىغان بىرسىگە بېيىت ياكى قوشاق ئېيتىپ ئەپچىللىك ۋە ئەدەب بىلەن «مەن چاينى **گە بەردىم» دەيدۇ. كاتىپ دەپتەرگە گۈل چاي ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنى خاتىرىلەيدۇ. گۈل چاينى ئالغۇچى بېيىت ياكى چاقچاق ئارقىلىق «پالانچىغا بەردىم» دەيدۇ. ئىككىنچى قېتىم گۈل چاي ئالغۇچى مۇنداق بېيىت باشلايدۇ: (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |