سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

غۇلجىىلىىق قىىزغا مۇھەەببەەت(2) ئۆرۈكجان

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-09 15:32مەنبە: يازغۇچى:urukjan زىيارەت سانى: قېتىم

«غۇلجىىلىىق قىىزغا مۇھەەببەەت»

ھەر بىرئىنساننىڭ ئۆزىگەخاس تارىخى بولىدۇ. مەيلى سەن قانداق ياشا،نىمە ئىش قىل،قانچىلىك جاپا -مۇشاققەتكە مۇپتىلا بول...ھەممىسى ئەنە ئاشۇ تارىخ بەتلىرىدە ساقلىندۇ.بۇلار ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ"سەرگۈزەشتىلەر"دەپ ئاتىلدۇ. تىرىكچىلىك،كىشىلىك تۇرمۇش ئۆتكەللىرىدە بەزى بىر ئىشلار ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلسىمۇ،مەلۇم ئېدىئۇئالىقلار ھەرگىزئېسىدىن چىقمايدۇ....مەڭگۈ....مەڭگۈگە!....مانا مەن بۈگۈن يۈرىكىمدىكى يوشۇرۇپ كەلگەن ،ھەرگىز ئېسىمدىن كۆتۈرۈلمەيدىغان بىرئەمەلىي مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىمنى بايان قىلدىم.سىقىىلغان يۈرۈكۈمدىكى تۈگۈنلەرنى ئاشكارلىغىنىمغاپۇشايمانمۇقىلمايمەن....."(ئۆرۈكجان)


2-بۆلۈم « ئىشىق بوسۇغىسىدا»

غەزىپىم نەچچە گەز ئۆرلەپ نەپىسىم يېتىشمەي قالدى.ھەر قانچە بولسىمۇ چىرايلىق گەپ قىلمامدۇ.مەنمۇ ئاز قاتىرمىدىم.ئىككى كۈنلۈك مائاشىمنىڭ پىرسەنتى كولىندۇ.تەجرىبە دوكلاتىنى ۋاقتىدا يوللىيالمىسام ،دېرىكتۇرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ قېرىشىپ ئەمما بۇ قىز...ھەي بولدىلا....

مەن كوچا ئابدۇبۇسى ساقلىغاچ تۇيۇقسىز كۆزلىرىم ئاشۇ قىز تەرەپكە تىكىلدى.ئۇ شۇ يەردە ئۆزپېتى تۇراتتى.سومكىنى يەرگە تاشلاپ قويۇپ، ئالىقانلىرى بىلەن يۈزلىرىنى قاماللاپ يىغلىغاندەك كۆرۈندى،ھەي، مەنمۇ تازا قاملاشمىغان نىمىكەنمەن. ئۇ دىگەن قىز بالا تۇرسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شەھەرگە مېھمان .بۇنداق قوپاللىق قىلمىساممۇ بولاركەن. مەنمۇ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئاز مۇساپىر بولدىممۇ؟ مېنىڭ دىگەن بۇ شەھەردە ئۆيۈم ۋە خىزمەتداشلىرىم بار.ئەمما ئۇنىڭ....بولدىلا ،مېنىڭمۇ ھەدە-سىڭىللىرىم بار. بۇنداقلا كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويسام ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن نىمىلا بولسۇن بىر ئەپۇ سوراپ، كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ كېلەي. مەنغۇمۇشۇ كەمگىچە بىرەر قىز بالىدىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك ئىش قىلمىغان! ...قەدەملىرىمنى ئاشۇ قىز تەرەپكەيۆتكىدىم.ئۇ ھەدەپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى. يەرگە تاشلىنىپ ياتقان سومكىنى ئېلىپ پاكىز قېقىشتۇرۇپ،ئۇنىڭ كىملىك،گۇۋاھنامىسىدىكى ئىسمى بىلەن چاقىردىم:

-زۇمرەت كەچۈرۈڭ، بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق ،ئەمەلىيەتتە مەنمۇ شىركەتتە ئىشلەيمەن.تەتقىقات دوكلاتى سومكىدا قېلىپتىكەن، شۇڭا كەيپىياتىم جايىدا ئەمەس قوپال تېگىپ قويدۇم.ئىدارىڭىزدىن ئۇقسام ئورنىڭزغا بۆلەك ئادەم خۇسۇسەن مېنىڭمۇئاچچىقىم كەلدى. بىرەر كۈن ساقلاپ تۇرسا بولمامدۇ دەيمەن.گال دىگەن يامان نەرسە،بىر نەرسە تىقسا ئۆتۈپ كېتىۋىرىدۇ. مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن .سومكىڭىزنى ئېلىڭ. يولدا كىشلەر كۆپ بۇنداق يىغلىسىڭىز تەسىرى ياخشى بولمايدۇ....؛

ئۇ سۆزلىرىمدىن تەسەللى تاپتىمۇ،قولىنى سومكىغا ئۇزاتتى ۋە يەرگە قاراپ تۇرۇپ:

-كەچۈرۈڭ ئەپەندى،مەن خاتا قىلدىم....ئەيىپ ئۆزۈمدە تۇرۇپ سىزگە كايىپ كېتىپتىمەن.

جىددىيچىلىكتە نىمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم.راستنى ئېيتسام ،مەن بۇ ئىدارىگە بىردوستۇمنىڭ ياردىمىدە يامان تەستە كىرگەن...ئۇدوستۇمنىڭ ئانىسى ئاغرىپ قېلىپ يۇرتقا قايتىپ كەتتى...ئەمدى كېلەلمەسلىكى مۇمكىن...مەن ئەمدى ...مەن...قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم....؛

مەن ئۇنىڭ تىتىرەپ چىقىۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سەل پەسكويغا چۈشتۈم. كۆڭلۈم نىمىشقىدۇر چايغا سالغان ناۋاتتەكلا ئېرىپ كەتتى...ئۇ ئەمدى نىمە ئىش قىلار؟ تېخى مېنى ئەپەندى دەۋاتىدۇ.سۆلىتىمدىنغۇ ئەپەندىلىكىم چىقىپلا تۇرىدۇ زادى. ئەمما كۆنەلمەيدىكەنمەن. بۇ قىزغا ياردەم قىلسام بولارمۇ ياكى قايتسام بولارمۇ؟كونىلارغۇ خەقنىڭ غېمىنى يىگۈچە. ئانناڭنىڭ....بولدىلا ئاخىرىنى دىمەي...دەپتىكەن. ئەمما ئۇ بىر ئاجىز قىز تۇرسا، خەقنىڭ ئاشۇ ئىككى ئېغىز سۆزى بىلەنلا بولدى قىلىمەنمۇ. شەھەر دىگەن بوش يەر ئەمەس.بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس دەپتىكەن.كىيىن قايتۇرۇپ قالار،قايتۇرمىسا ئەسلەپ قالار.....؛

-مېنى ئەلى دەپ چاقىرسىڭىز بولىدۇ.بۇ يولدا تۇرساق سەت تۇرىدۇ.يۈرۈڭ تاماق يەپ كېلەيلى.قالغان گەپلەرنى شۇ يەردە دىيىشەيلى!

-بولدى رەھمەت،سىز بەك ئالدىراشكەنسىز.سىزنى ئاۋارە قىلماي...

-مەن يۈرۈڭ دىگەندىكىن چىرايلىقچە مېڭ، مېنى بىرەر سولتەككە ئوخشىتىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ باشقا

نىيىتىم يوق. ئەمدى خىزمەت قىلۋاتقاندىكىن بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە يارىشا مۇناسىۋەت دائىرىمىز بولىدۇ،شۇڭلاشقا ئىشىڭىزغا ياردىمىم تېگىپ قالارمىكىن دەيمەن.بولدى! مېنى تولا گەپ قىلدۇرماي تىز يۈرۈڭ!

ئۇ ئورنىدىن قوزغىلىپ ئارقىمدىن ئەگىشىپ ماڭدى.بىز يېقىن ئەتراپتىكى دولان تېز تاماقخانىسىغا كىردۇق.

-نىمە يەيمىز؟

-ئۆزىڭىز بويرۇتۇڭ،سىز نىمىنى خالىسىڭىز....

-مۇلازىم! ئايرىم سەي لەغمەندىن ئىككىنى! تېزراق چىقسۇن ھە!

ئۇ چەينەكىتىكى چاينى پىيالىگە قۇيۇپ ئالدىمغا يېنىككىنە قويدى. توۋا ،بۇ قىزنىڭ ھەممە ھەركەتلىرى چىرايلىقكىنا! ياكى بىرەر قىز بالا بىلەن ئارلىشپ باقمىغانغا شۇنداق تۇيۇلۇپ بولدىلا،ساراڭ خىيالنى قىلماي....

-سىز ئالىي مەكتەپنى نەدە ئوقۇغان؟ئۈرۈمچىدە مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.ئەمما خىزمەت يوق ئۆيدە بىكار تۇرۇپ قالدىم.كىيىن دوستۇم كورلىدىكى مالىيە ئىدارىسىنىڭ خادىم قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشنى شۇڭلاشقا ئۆيدىكىلەر ئانچە قوللاپ كەتمىسىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىنى سىناپ باقاي دەپ كەلسەم.......

ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تىترەك ئولاشتى.يەنە سۆزلىسە يىغلاپ تاشلايتتى.

-بولدى قىلىڭ زۇمرەت.قاراڭ ،بىز تېخى ياش،مېنى ئۇنچە چوڭمىكىن دىمەڭ.مەن تېخى بۇيىل 24كە كىرىمەن. بۇنچىلىك ئوڭۇشسىزلىق دىگەن ئادەتتىكى گەپ ! ئۈمۈدۋار مانا بۇ ئىشىڭىزغا مەن ياردەم قىلاي! بىرتېلفۇن،بىر تېلفۇن بىلەن ئىشنى ئوڭشايمەن!

-راستمۇ؟ بىر تېلفۇن بىلەن؟سۆزىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ يە؟

-ئىشەنمەمسىز؟ مەن سىزگە نەق مەيداندا سىناپ بېرەي،شۇ چاغدا ئىشىنىپ قالىسىز..

مەن يانفۇنۇمنى چىقىرىپ كونا خەنزۇ دوستۇم جاڭپېڭغا تېفۇن قىلدىم ۋە بىر دوستۇمنىڭ  مالىيەئىدارىسىغا كىرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتىم.ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئەتەسەھەر،بارلىق رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ ئىدارە ئالدىغا كېلىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىپ تېلفۇننى قويدۇم.

-قانداق بولدى؟

ئۇنىڭ قاپقارا كۆز قارچۇقىدىن نۇرلار چاقناپ كەتتى.

-ئەتە ئىدارىغا كىردىكەنسىز! سىزنى تەبرىكلەيمەن!

-ۋاھ...ئەجەپ ياخشى!سىز بەك قالتىسكەنسىز ئەلى!

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە خوشاللىقىدا قولۇمنى تۇتۇۋالغىنىنمۇ بىلمەيلا قالدى.مەن قولۇمغا قارىدىم.ئۇنىڭ مەڭزى ئالمىدەك قىزىرىپ قولىنى شاررتتىدە تارتتىدە :

-ۋۇي، كەچۈرۈڭ ئەلى،مەن ....ئېسىمدە يوق....

مەن خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ چاندۇرماستىن بىرئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم. تاماق يىگۈچە بولغان ئارىلىقتا بىز يېقىن دوسىتلاردەك چىقىشىپلا كەتتۇق.ئۇ ھەر بىر سۆزلىگەندە ئېغىزىغا قارايتتىم.ئۇ خۇددى دېكتۇردەكلا سۆزلەيتتى.توۋا،مەن ئۆزۈمنى دېكتورمىكىن دىسەم،مەندىن ئۆتە دېكتوردىن بىرسى باركەن مانا.ئۇنىڭ ئوچۇقلىقى،ساددا مىجەزى....مېنى ئاشۇ گۈزەل ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمغا باشلاپ كىرەتتى.

-سىز بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

-22ياشقا كىردىم.سىز 24ياشقا كىردىم دىدىڭىز ھە؟

-توغرا.

-سىز غۇلجىغا بېرىپ باققانمۇ؟

-ياق،بارمىغان.ئەمما خېلى يەرلىرىنى بىلىمەن.ئىلى چاقچاقلىرى،ناخشىلىرى..مەدەنيىتى ۋە قەدىمى تارىخى

دىگەندەك! ئەمما پەرىزىمچە غۇلجا ،ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە ئەڭ گۈزەل شەھەرنىڭ بىرى.تېخى ،تېكەس يايلىقىچۇ! بىر بارسام دەيمەن! ئۇ كۈنلەرنىمۇ يىراق دىگىلى بولمايدۇ....ئۇ ئېغىزىمغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.بۇلاقتەك كۆزلىرىدىكى تېشىپ چىقاي  دەپ قالغان ياشلاردىن يۇرتىنى،ئاتا-ئانىسىنى سېغىنغاندەك قىلاتتى.مەن دەرھال ئۇنىڭ دىققىتىنى

بۇرىۋەتمەكچى بولۇپ:

-مەن خاتا سۆزلەپ قويدۇممۇ؟

-ياق،بەك ئورۇنلۇق سۆزلىدىڭىز.سىز ئىلى ناخشىلىرىنى بىلەمسىز؟

-نىمە ناخشا دەمسىز، ھا....ھا....ھا....ھەممە يەرنىڭ ناخشىسىنى بىلىمەن. بىلگەندىمۇ سويۇپ تاشلايمەن دەڭە! مەن دىگەن ئالامەت خۇمپەر! ناخشا دىسىڭىز ناخشا،ئۇسۇل دىسىڭىز ئۇسۇل.قوشاق،چاقچاق ھېلىقى ھۆسنىخەت ۋە ياكى قۇرئان ئوقۇش،قىرائەت قىلىش ھەممىسىدە بار دەڭە!

-ھا.....ھا.....ھا....سىز بەك قىززىقچى ئىكەنسىز!ئۇنداقتا ھەممىسىدىن يانمايدىكەنسىزدە؟ ياخشى ساقام، يارايسىزكە!

-نىمە ساقام؟ مەن سىزنىڭ ئىنىڭىز بولمىسام مېنى ساقام دەيسىزغۇ؟

-كەچۈرۈڭ ئۆگىنىپ قاپتىمەن. ئەلى بولدىمۇ؟

-ھە،ئەمدى بولدى!

بىز نۇرغۇن پاراڭلاشتۇق. ھەتتاكى ئوقۇش ھاياتىىدىكى قىزىقارلىق ئىشلاردىن تارتىپ ،ئىجتىمائىي تۇرمۇشىتىكى ئائىلە ئەھۋاللىرىغىچە خېلى ئەھۋاللاشتۇق.تاماقخانىدىنمۇ كۈن قايرىلغاندا چىقىپتىمىز.ئۇ مېنىڭ تېلفۇن نۇمىرىمنى كىرگۈزۋىلىپ،نۇرغۇن تەكەللۇپلار بىلەن ياتىقىغا قايتىپ كەتتى. مەنمۇئىدارىغا يۈرۈپ كەتتىم.......

كاللامدا بىر پاتمان خىياللار...توۋا قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغىلىمۇ ئۇزاق بولۇپ كېتىپتىكەن.مۇبادا بۇ قىز ئۇچىرمىغان بولسا،قىزلاردىن ياتلىشىپلا كېتەركەنمەن! مانا ،بىرئوبدان ئىلى چاقچاقلىرىدىن بىر پەدە ئاڭلىۋالدىم.

غۇلجىنىڭ مەدەنىيەت كۆرۈنىشى بىلەن ئازراق بولسىمۇ بىلىمگە ئىگە بولدۇم.بوپتۇ،زىيان تارتماپتىمەن.شائىرىمىز بۇغدا ئابدۇللا ،" سەن قانچە ئېگىزگە چىققانسىرى شۇنچە يىراقنى كۆرىسەن" دەپ بىكار ئېيتمىغان.

قانچە ئىزدەنسەڭ شۇنچە بىلىمگە ئىگە بولدىكەنسەن.

بۈگۈن ئاخشاممۇ ناھايتى ياخشى ئۇخلاپتىمەن.ئەمدى زۇمرەتنى ئىدارىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ.ئاندىن ئىشىمنى قىلاي... كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ ئاشۇ گۈزەل رۇخسارى....تاتلىق كۈلۈشلىرى،،،تۇمۇچۇقتەك قاراشلىرى.. ئاھ... تېزراق ماڭاي،باشقىلار مەندىن بۇرۇن كۆرۋالمىسۇن يەنە..ھا.....ھا....ھا....ھەي ئەلى! نىمە بولغانسەن،ئۇنداق ئاسان تۈگىشىپ كەتمە،مۇھەببەت بىلەن ئويناشقىلى بولمايدۇ.....مەن مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم.ئۇنى ئىزدەپ ئەتراپقا قارىدىم.نىمىشقا تېلفۇن قىلمايدىكىنە؟ ئۇنىڭ ۋاقىت قارشى تۆۋەنمىدۇ؟ ....خىياللار ئارىسىدا تۇرغىنىمدا يىراقتىن ئۇنىڭ سىماسى كۆرۈندى.پاھ،،،زۇمرەت بۈگۈن باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كېتىپتىغۇ! ئۇنىڭ كىيىملىرى نىمىدىگەن ياراشقان....

-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلى،سالامەت تۇرۇپسىزمۇ؟

-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام زۇمرەت قىز،تاس قالدىڭىز كەلمىگىلى ھە! يۈرۈڭ ،ئىدارىغا كىرىپ باقايلى...

مەن ئۇنى تەربىيەلەش ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ ھەممە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ "ئەتە ئىشقا چۈشسۇن!" دىگەن ئىسپاتنى ئالغانغا قەدەر يول ماڭدىم.ئۇنىڭ بېشى ئاسمانغا يەتتى.ھەتتاكى قورسىقىغا كىرىپ چىقسام،خوشاللىقىدا مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغۇسى بار....ھا...ھا...ھا.. تولا گەپ قىلمىغىنە ساراڭ، سېنى قۇچاقلايدىغانغا سەن ئۇنىڭ ئېرىمىتىڭ، ھوشۇڭنى تاپ ئەلى!

-سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي قالدىم.بىلسىڭىز،ھېچكىم ماڭا سىزدەك ياردەم قىلمىغان.كۆڭلۈمگە تەسەللى بەرمىگەن. تولىمۇ ئاقكۆڭۈل ،ئوچۇق يىگىتكەنسىز..مېنى دوستلۇققا قۇبۇل قىلامسىز؟

زۇمرەتنىڭ سۆزلىرىدىن تەمتىرەپ قالدىم.دوست بولسام قانداق دوستتۇ؟ ياكى مۇھەببەتلىشەيلى دىگەن گەپمۇ يە؟

ھا...ھا..ھا...بولدى بەس! تاققا -تۇققا سۆزلىمەي.

-ئەرزىمەيدۇ.ئادەم دىگەندە ياردەم قىلغۇدەك ئىمكانىيەت بولسا چوقۇم ئايىماسلىق روھى بولسا، ئاندىن ئادەمگە ئوخشايدۇ. مەن سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايمەن. راسىتنى ئېيىتسام مېنىڭ بىرمۇ قىز دوستۇم يوق...

-نىمە قىز دوستۇم يوق؟ مېنى ئالداۋاتىسىز!

-راست يوق.

-ئۇنداقتا ئىلگىرىچۇ؟

-بۇرۇن دىسىڭىز،مەكتەپتە شوخلۇق قىلىپ ئانچە-مۇنچە قاش-پاش ئېتىپ قوياتتۇق.ئۇ دىگەن گۆدەك چاغلار دەڭە،قىز تالىشىپ ئۇرۇشۇپ،بوغۇشۇپ يۈرۈيدىغان!سىزنىڭ بارئوخشىمامدۇ؟بۇ سۇئالىمنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالدىم.ئۇ يەرگە قاراپ.ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:

-راستنى ئېيتسام،مېنىڭمۇ ئوغۇل دوستۇم يوق.ئەمما بىرسى ماڭا گەپ ئاچقان.مەن ئۇنى رەت قىلۋەتتىم.مېنىڭ بىر مىجەزىم، بىرئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارمىغۇچە،ھەرگىز مۇھەببەت يولىغا كىرمەيمەن!

-پاھ..قالتىسكەنسىز! ماڭا ئوخىشاش مىجەزىڭىز باركەن.ئەلىشىر ناۋائىينىڭ نەۋرىسىدەك گەپ قىلدىڭىز!

-ھا....ھا....ھا شۇنداق قىلىپ بىز يېقىن دوست بولۇپ قالدۇق.ئۇ ئەتىسىدىن باشلاپ مالىيە ئىدارىسىدە ئىشلەپ 

يۈردى.مەنمۇ ئۆز خىزمىتىم بىلەن ئالدىراش.ئەمما ئەڭ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنى ئىككىمىزنىڭ يانفۇنى!  ھەي...دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىپ كەتمىگەن بولاتتى.ھازىر دوستلىقتا تۇرۇپ تېلفۇندىن ئىس چىقىپ كەتكۈدەك پاراڭلاشقىلى تۇرساق،ئەتە-ئۆگۈن مۇھەببەتلەشكەندە ئوت كېتىدىغان ئوخشايدۇ! ھا.....ھا....ھا....ھا....     

2- بۆلۈم تۈگىدى ى.

2009يىلى سىنتەبىر . كورلا ، ئۆرۈكجان.      
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(22)
88%
دەسسەش
(3)
12%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !