باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ![]() ئەزىزلىگەن بوينۇمدىكى تۇمار دەپ، ئۇسسۇغاندا بەرگەن مانا ئانار دەپ. ئېلىپ كەتسەڭ ئۇي بىساتنى قىمار دەپ، باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ![]() بىلىم ئالسا ئاق-قارىنى تونار دەپ، مەرد يىگىت بوپ جەڭگاھلاردا قوناردەپ. قېيىپ كەتسەڭ تۇز يولۇڭدىن خۇمار دەپ، باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ![]() ئۈمىد قىلغان بالام ماڭا قارار دەپ، ئويلىمىغان باش كۆزۇمنى يارار دەپ. بۇزۇپ، چاچساڭ ئاتام يەنە تاپار دەپ، باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ![]() كۇتمىگەنتى مالاي بولۇپ چاپار دەپ، مەنپەت ئۇچۇن ۋىژدانىنى ساتار دەپ. زورلۇق قىلساڭ" باشلىق مىنى ياپار"دەپ، باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ![]() ئەجىرقىلغان ئىزلىرىمنى باسار دەپ، ئۇزاق يۇلنىڭ داۋامىنى ئاشار دەپ. ئەمدى دىسەڭ كىم ماڭسا ماڭار دەپ، باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ![]() كۇتكەن ئەلگە جاننى پىدا قىلار دەپ، روھى ئۆلمەس، تىلدا داستان بولار دەپ. ئوڭدا ياتساڭ يانچۇق قاچان تولار دەپ، باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ![]() نى قىسمەتكە باش ئەگمىدى كىتەر دەپ، قىلغىنىمنى بالام بىركۈن بىلەر دەپ. پۇشمان يىسەڭ كىچىكتىڭغۇ، ئاھ- زار دەپ ، باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ********************* ، تۆرەلدىڭ سەن شۇ ئاتاڭنىڭ جىسمىدىن، ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەۋلادىدىن نەسلىدىن. تىنىپ كەتسەڭ ئەجدادىڭنىڭ ئەسلىدىن، باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ ![]()
مەنبە:يازمام (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |