نورۇز تەسكەيدىن غايىپ بولدى ئاخىرقى قار ، زىمىنىدىن ئۇچتى بۈگۈن قىشنىڭ ئىزى . چېمەننى قۇچاغلايدۇ قارلىغاچلار ، گۈل تۇتۇپ كىلەر ئەمدى نورۇز قىزى .
كۈيلىرى جانلىنىپتۇ بۇلاقلارنىڭ ، خۇش پۇراق تارقاتماقتا باغ يالپوزى . يىپيېڭى چېچەكلەردىن سۆيۆندى دىل ، باغ ئەمەس باياۋانمۇ ئەجەپ پەيزى .
باشقىدىن ياسىنىپتۇ ئابرال تېغىم ، سايرامنىڭ ئايان بولدى پاك جېلۋېسى . ناراتنىڭ قۇچىغىدا يىشىل ھايات ، بەك تاتلىق بۈگۈن قاشنىڭ پىچىرلىشى .
نوروزنىڭ شەرىپىگە قىلدى مەشرەپ ، پاھ ! ئەنە قورغاس نىلقا جىلىليۈزى . نورۇزنىڭ كۈيى ئەسلەر ساسىرىمنى ، نۇزۇگۇم كۈلدى بولوپ تاڭ يۇلتۇزى .
نورۇزنىڭ كۈيى ماڭا ئەسلەتمەكتە ، يۇرتۇمنىڭ ئۆلمەس قاينام ئۆركىشىنى . سانسىزلاپ ئارمانلارغا شاھىت بولوپ ، رېزۋانگۈل يەنە مەپتۇن قىلدى مېنى .
نورۇزنىڭ كۈيى تالىق ھەر يۈرەككە ، يەتكۈزسۇن بىزنى ئۇلۇق پاك تېلەككە. ئۆتكۆم بار بولوپ مەڭگۈ ئابرال قىزى ، ئايلاندىم نورۇزدىمەن گۈل چېچەككە .
مەنبە: ئىجادىيىتىم |