سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

باشلىق، ئايالىڭىزغا چېقىلىپ قويدۇم (2)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-01 11:18مەنبە: يازغۇچى:دەتلىرىم زىيارەت سانى: قېتىم

يېنىپ كىلىپ ئۇچقاندەك ئۇزىنىڭ ئولتۇردىغان جۇزىسىغا بېرىپ، ئۇستەل ئاستىدىكى تارتمىنى ئېچىپ بىر نىمىلەرنىدۇ ئىزدەشكە باشلىدى. ھەقەچان بەزەن كېرەكلىك قۇراللارنى ئىزدەۋاتسا كېرەك. ئالى مەكتەپلاردىكى ئۇقۇغۇچىلار  ئىدىيەسى ئېچىلىپ ئۇزىنى قۇيۋەتتى دىسە بىلمەپتىمەن، ھەقىقەتەن شۇنداقكەن. چاتىقىم نىمە، قۇلاقتا ئاڭلىغان بىكار، قۇلۇمغا چىققىنى ھىساپ، زولفىرە ئۇياقتا نەرسە ئىزدەۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تەييارلىق ھەركىتىنى باشلىۋەتتىم. 

      تۇنجى قېتىم ھازىرقى زامان قىزلىرى بىلەن يېقىنلاشقاندا مەسخىرگە قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەدەندىكى قانلىرىمنى كۆيدۈرۈپ، ئۇزەمنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكىلىشىم كېرەك! ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ شىمالغا قاراپ تۇرۇپ،تىزىمنى ئىگىپ ،كاسسامنى سەل قىسىپ،نىيىتىمدە بىر پارچە ئۇت ئاستىغا،ئاستىغا...يەنە ئاستىغا قاراپ يۇتكەلدى. ئۇ يەنە تاراق-تۇرۇق قىلىپ بىرنىمىلەرنى ئىزدەۋاتقانتى.  كاللامغا بىر خىيال كىرىپ قالدى.«قامچا،شام دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىزدەپ يۈرمىگەندۇ ھە.....ۋاھ..............بۇگۈن ۋەھشىسىنى ئۇيناپ قۇيدىكەنمىزدە..ئاپلا بۇ خىل ئۇيناشقا تەييارلىقىم يۇقتى، چېنىپ قالدىغان بولدۇمدە.»

      شۇ خىياللارنى ئويلاپ يۇرسەم، زولفىرە بىرياندىن ئىزدەپ تۇرۇپ «ھاڭۋېقىپ نىمىگە تۇرسىز؟ تېز پۇلىڭىزنى تەييار قىلمامسىز،مەن ئەزەلدىن نەق پۇلنى ئېلىپ ئاندىن مال  بېرمەن.»يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم بۇنى ئاڭلاپ، ئۇقۇغۇچى پاھىشە كەنغۇ بۇ،جەمىئەتتىكى تارقىلىپ يۇرگەن گەپلەر راستكەندە..ئاناڭنى، ئىچىمدىكى ئۇت كۈيۈپ بۇ دارىجىگە يەتكەندە پاھىشە ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىشەكنى ئەكەپ قۇيسىمۇ ياق دىمەيمەن.!

      گەپ قىلىۋېتىپ ئۇ يېنىمغا يىتىپ كەلدى،قۇلىدا رەڭلىك بىر ساندۇق تۇتىۋاپتۇ.«مەڭ»دىگىنىچە ساندۇقنى ماڭغا تۇتقۇزۇپ قۇيدى.زۇلفىرە بېشىنى توۋەن قىلىپ ماڭغا قاراپ،قۇلى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ پىسىڭداپ كۆلگىلى قۇپتى.«خى خى خى، سىز بۇرۇنراق ھەۋىسىڭىزنى قاندۇرۇپ تۇرسىڭىز بۇپتىكەن، پول بېرىڭ باشتا، تۇنۇش بولغاندىكىن ئەرزانراق بېرەي،260 سوم» بۇنى ئاڭلاپ شىددەتلىك تىتىرەك باستى بەدىنىمگە، دىققەت قىلىپ ساندۇققا سىنچىلاپ قاردىم.

     «كىشلىڭ ھاياتنىڭ ياخشى ھەمرىيى، تەبىئى كاۋچۈكدىن ياسالغان،يۇمران،گىرمانىيە تېخنىكىسى،ئامىرىكا ياسىلىشى،پىگورلۇق داڭلىق چىرايلىق ئەرتىس ئەنجۇل نىڭ ئەسلى بەدەن قۇرۇلمىسىغا ئۇخشۇتۇپ ياسالغان. .....پاڭ......لا قىلىپ ئېتىلىپ كەتتىم، ئاناڭنى!!!! ئۇ ئەسلىدە ئۇزىنى قاندۇرۇش ئەسىۋابىنى ساتماقچىكەندە بۇ.
   «سىز،سىز يېرىم كۆن مېنى كولدۇرلىتىپ،مۇنۇ بىرنىمىنى ساتماقچىما ماڭغا؟»
   «ھى ھى،بۇ مېنىڭ مەكتەپنى پۇتتۇرۈش پىراكتىكا جەريانىدا باشقىلارغا ياردەملىشىپ سېتىپ بېرگەن نەرسە،يەنە بىر قانچىسىلا قالغانتى، بۇ ئىدارىدە ئۇغۇرلۇقچە سېتىۋېتەي دىگەن، سىز سىز راستتىنلا مەن ئۇزەم سىز بىلەن ھەپىلىشىمەن دەپ ئۇيلاپ قالدىڭىزما؟»
  «ئەلىۋەتتە شۇنداق ئۇيلايمەندە»دىدىم تازا ئاچچىقتا. ئۇنىڭ يۈزى  سەل قىزاردى،ئەمما،بىر سىكۇنتتىن كېيىن قىزىللىق يوقاپ كەتتى. ئۇھۇي، ئۇنىڭمۇ يۇزى قىزىركەن ھە....مۇجىزىدە بۇ. پاڭ ڭىدە كۈلىۋەتتى زۇلفىرە :
 «راستىنلا شۇنداق قىلغىڭىز بارمۇ» ، ئاچچىقلانغىنىمدىن قۇلۇمدىكى ماز ساندۇقنى يەرگە تاشلىۋەتكۇم كېلدى «شۇنداق بولمايچۇ ئەمسە»!!
 دىدىم مەن قاپاقنى تۇرۇپ :
 «كىلىڭە ئەمسە»دىگىنچە مەيدىسىنى يۇقىرى كۆتەردى ئۇ ، مەن سەل ئۇيلاپ بولدىلا دىدىم، بەك خام خىيال قىلىپ كىتپتىمەن! كىيىن يەنە مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىپ قالسا ئەينەكتىكى ئۇزەمنىڭ يۈزۈمدىكى قۇرۇقنى ساناپباقسام بولغىدەك. ھىم!!! ئايال كىشى بىلەن تەڭ تۇرمايمىز،«تۇتە ساندۇغىڭنى» .
«دولقۇنكا~~~~~~ خاپا بولماڭڭە بۇلدى،سىزبىلەن چاخچاخ قىلىپ قۇيغانتىم،بۇگۈن دىگەن ئادەم ئالداش كۈنى» كۈلىۋەتتىم.
«ھوي....ھازىر دىگەن 12 -ئاي، روزىستۇۋا بايرىمى دىسىڭىز يېقىنلىشىدۇ ،ماقۇما.» كۈلگىنىمنى كۆرۈپ ئاشۇرۇپ تۇرۇپ ئوھ تارتتى.
«ھېلىمۇ ياخشى، سىزدەك ياخشى ئادەمنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيدۇممىكىن دەپ ئەنسىرگەنتىم» .ئۇ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋەتتى،قايتىپ كىلىپ ساندۇقنى ئېلىپ
  «دۇلقۇنكا~~~~ ئەسلىدە تۇنۇشقىنىمىزدىن سۇغان بېرەي دىگەن. ساۋاغداشلىرىمنىڭ دىيىشىچە،يېڭى ئىدارىگە كىرگەندە قېرىلارغا سۇۋغات بېرىش كېرەككەن.سىزگە تەييارلىغان سوۋغات ئەڭ ئەرزىنى. باشلىقلارغا ھەقىقى ئىمپرۇت قىلغان vigra (ھىسىياتتنى كۆتۈردىغان دورا) سوغات قىلدىم،سىز چوقۇم ئۇ دورىنى ئالمايسىز شۇنداقمۇ؟» نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم،ئۇنىڭ سوۋغىتى ھەقىقەتەن دەل جايىدا ئىكەن، باشلىقلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك سوۋغات بوپتۇ. لىكىن مېنى مەنسىتكىنىدىن سەل قۇرسىقىم كۆپتى.
 « راست دەيسىز،ئۇ دورا ھەقىقەتەن ماس كىلىدۇ،ئەڭ ياخشىسى نەق مەيداندا باشلىقلارغا بىر پارچىدىن يىگۈزۈپ ئاندىن دورىنىڭ رات-يالغانلىغىدى سىناپ باقسا بۇلىدۇ، بولمىسا يالغان مال ئاپتۇق دەپ قاھشايدۇ،»«دوغرا دەيسىز»دىگىنىچە مورەمگە ئۇرۇپ قۇيدى. تېخىمۇ كۆلىۋەتتىم.
«ھە؟؟ تۇختاڭە، ئەسلىدە چېلىۋېتىپسىز دەڭە مېنى» سەزگەندىن كېيىن مۇشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇرغىلى قۇپتى. كاساپەتنىكى..! سالغىنى بىر مۇش بولغىنى بىلەن ئۇيدىكى يۇلۋاستىن قاتتىق ئۇردىكەن ئەمەسمۇ. ئاران يۇلۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلسام بورىگە تۇتۇلدۇممۇ نىمە؟!
«قۇلىڭىز نىمانداق قاتتىق سىزنىڭ» دىدىم مۇرەمنى سىلاپ تۇرۇپ . ئىڭىكىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ
«ئاچىڭىز مەكتەپتىكى چاغلىرىدا چامباشچىلىك كۆرۇستا ئالاھىدە مەشىق قىلغان، ھېلىمۇ ياخشى بايام سىز ئارتۇق ئىش قىلمىدىڭىز،بولمىسا...خېم...» ئىشەنمىدىم.ئاغزىمنى پۈرۈشتۈرۈپ
«پو ئاتماڭە»!
«ئىشەنمەمسىز؟؟؟»تىكىلىپ تۇرۇپ ماڭغا قاراپ:
.«ئىشەنمىسىڭىز سىناپ باقايلى، قېنى بۇيەرنى تۇتۇڭ»دىگىنىچە مەيدىسىنى تەڭلىدى«تۇتۇڭ،پايدىغا ئېرىشەلىسىڭىز ئوزەمدىن كۆرمەن». بۇ ئىككى تيەنشان چوققىسىغا تىكىلىپ قاراپ،ئىچىمدە كۆلدۈم.بۇ قېتىم ئەمدى چېقىلمىسام يارىماس لاتا بۇلۇپ قالمامدىمەن.يۇۋاشلىقىم راست، لېكىن دوت ئەمەس، ئالدىمغا كەلگەن بىكارلىق ئولجىنى نىمىلا بولمىسۇن چىشلەپ قۇيمىساق بولمايدۇ. «ياخشىغۇ»دىگىنىمچە ئۇرنىمدىن تۇرۇپ،ئوڭ قۇلۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭ سول تەرەپتىكى چوققىغا قاراپ ئېسىلدىم. ئىچىمدە ھا ھا، بۇنى ئۇزەڭ تەلەپ قىلدىڭ.....دىدىم خىيالىمدا.

       تۇساتتىن ،ۋايجان دىگىنىمچە يەنە ئۇرۇندۇغۇمغا ئولتۇرۇپ قالدىم، ئۇ كۆلگىنىچە ئوڭ قۇلۇمنى بۇراپ دومبەمگە چاپلاپ قۇيدى،دىمىسىمۇ بەك ئاغرىتىۋەتتى.  قۇلىنى قۇيۋېتىپ :
  «ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسىز.. ئۇزۇن مۇددەت جاپا تارتىپ ئاران پەيدا قىلغان بۇ گۈزەل بەدىنىمنى سەنلەردەك شالۋاق بۇزۇق شاپاقچىلارغا تەييارلىمىغان. كىم بىلەن قىلغىم كەلسە شۇنىڭ بىلەن قىلمەن، تاللاش ھوقوقۇم ئوزەمدە. مەن سىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن ئدىيەرىم بەكلا ئۇچۈق،سىلەردىن ئەركىن،ئەمما سىلەرنىڭ خالىغانچە كىلىپ مېنى بۇزەك كىلىشىڭلارغا قوشۇلۇشۇم كېرەك ئەمەس.مەن  پەقەت ئىدىيە جەھەتتە ئۇچۇق،سوز جەھەتتە ئۇچۇق. سىلەرچۇ؟ ئادەتتە قارسا ئاجايىپ تۈز ئادەم سىياقىدە،ئەمىلىيەتتە يىرتىپلا كارۋاتقا چىققىڭلار بار».
    ئۇ سوزلىگەن سېرى ئاچچىقلىنىپ كەتتى.مەن ئاڭلىغان سېرى خىجىل بۇلۇپ كەتتىم. تۈگۈشۈپتىمەن،يېڭىدىن كەلگەن شۇمتەك قىزمۇ ھەرخىل ئۇسولدا مېنى مول قىلۋاتسا،باشلىرىم چۈشۈپ بىر ئېغىز گەپ قايتۇرمىدىم. قارغاندا بۇ قىزنىڭ بەدىنىلا پىشىق بولۇپلا قالماي ئىدىيەسىمۇ پىشىپ يىتىلىپتۇ. ئاناڭنى، بىز ئالي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا كاللىمىزنى ھاراق پۇتۇلكىسىغا تىقىپ قۇيۇپ ھىچنىم بىلمەي يۇرۇپتۇق. نىمە دىگەن بىلەن بىكار،بۇندىن كېيىن قوڭامنى قىسىپ يۇۋاش ئادەم بۇلۇپ يۈرەي. ئەسلىدە تەلەي كىلىپ يېڭى ئادەم كەلدى،مەن ئاززاق بولسىمۇ دەم ئېلىۋالارمەن ،باشقىلارنىڭ ئالدىغا گىدىيۋالارمەن دەپ خىيال قىلسام كىم ئويلىسۇن ،خەق مەندىن كۆپ نۇچىكەن ئەمەسمۇ، قولتەككۈزۈشتىمۇ تەڭ كىلەلمىسەم تېخى.خوتونۇم مېنى ياراتمىغىنى بەرھەق! زولفېرە سوزلەۋېتىپ مېنىڭ شۈك بۇلۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ تۇساتتىن كۈلىۋەتتى.
   «ھا ھا ھا ھا ھا ، كەچۈرۈڭ،كەچۈرۈڭ،دولقۇنكا~ سىز ياخشى ئادەم،راست دەۋاتىمەن،سىزدەك بوزەك بولدىغان مۆمۈن كىشىنى تېخى ئۇچىرتىپ باقمىدىم، مەن سىزنى دىمىگەن، بولدى ئۇ ئىشلارنى كىيىن دىيىشەيلى. ھەراست، بايامقى نەرنىسى راستتىنلا سېتىۋالمامسىز؟  »
    يۇزۈمنى پۇرۇشتۇرۇپ قۇلامنى پولاڭشىتتىم. بۇ شۇمتەكنى، گۈلدۈرمامىلىق ئۇتكۈنچى يامغۇرغۇ بۇ.
   «دولقۇنكا،خاپا بولماڭە بولدى، دىدىمغۇ مەن سىزنى دىمىگەن دەپ، تاماكا سوۋغات قىلاي سىزگە، جوڭخۋا تاماكىسى،دەرىجىسى يۇقۇرىدۇ»  .
    «بولدى ،بولدى، دولقۇن تاغىڭىز ھەقىقەتەن قېرىپتۇ، ياشلارنىڭ قەدىمىگە يىتىشەلمەس بۇلۇپ قاپتىمەن، چاخچاق قىلساڭلار ئاڭقىرالماي يۈرۈيدىكەنمەن،بولدى،ماڭغا تاماكا سوۋغات بېرمەن دىمەڭ،ھېچنىمە ئالماڭ،مەن بىلەن تۈزۈت قىلىشىپ يۇرمىسىڭىزمۇ بۇلدۇ.بۇندىن كېيىن ئىككىمىز خىزمىتىمىزنى ياخشى ،ئەستديىدىل قىلساقلا بۇلدى. سىزمۇ يېڭىدىن خىز مەتكە چىقتىڭىز زۇلفىرە، بۇرۇن ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئىقساد جەھەتتە قىينالغانسىز،خىزمەتكە چىقمىغان بولسىڭىز مەيلى،ئەمدى خىزمەتكە چىققاندىكىن، پولنىمۇ تاپالايسىز،شۇڭا ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىڭىزغا ياخشىراق سوۋغات ئېلىپ بېرىڭ. باشلىقلارغا ئېلىشىڭىز ئۇ زورور، ئالمىسىڭىز ئىدارىدىكى كۆنىڭىز تەستە قالىدۇ، ئاتا-ئانىڭىزغا ئىلىش تېخىمۇ زۇرۈر،ئۇلار سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغىچە نۇرغان چاپالارنى تارتتى» .
   .  ئۇنىڭ چىرايىدىن مەيۈسلۈك پەيدا بولدى،بېشىنى لىڭشىتىپ پەس ئاۋازدا:
   «رەھمەت دولقۇنكا~ لىكىن مېنىڭ ھازىر ئاتا-ئانام يۇق، مېنىڭ بىرمۇ يېقىن تۇققۇنۇن يۇق. دادام مەن كىچىق ۋاقتىمدىلا تۈگەپ كەتكەن،ئاپام مېنى چوڭ قىلغان.مەن ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا ،ئاپام كىسەل بۇلۇپ قالدى،ئىككى يىلدەك داۋالاتتۇق،ئومۇ مېنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى .ئاپامنى داۋالاشقا ئازراق پۇل تاپايدەپ بايامقىدەك دەرسىنى سېتىپ يۇردۈم،شۇڭا ھەرخىل شاپاقچىلارغا ئۇچىرايدىكەنمەن، مۇشۇنىڭ سەۋەبىدىن چامباشنى قېتىقىنىپ مەشىق قىلغان. دادام كەتتى،ئاپام ئاغرىپ قالدى،مەن ئاپامنى قۇتۇلدۇرۇشۇم شۇنداقلا قوغدۇشۇم كېرەق،ئەممە ئۇنداق قىلالمىدىم ،مېنىڭ،،،،مېنىڭ ئىقدىدارىم بەك ئاجىزلىق كەپقالدى،مەن ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمىدىم، بەك دۇتكەنمەن،دولقۇنكا، سىز دەپ باقىڭە،مەن ھەقىھەتەن دۇت، شۇنداقمۇ؟ سەل ئەقىللىراق بولغان بولسام،جىقراق پۇل تاپقان بۇلسام،ئاپام تۈگەپ كەتمەيتتى.».
   دىگىنىچە ئۈستەلگە بېشىنى قۇيۇپ ئاۋازسىز ئىچ-ئىچىدىن يىغلاپ تاشلىدى. بۇنى كورۈپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، بۇ كىچىك قىزچاق ئۇزى يالغۇز ئاپامنى قۇتۇلدۇرمەن دەپ،نۇرغۇنلىغان جاپالارنى چىكىپتۇ. ئاختۇرۇپ يۇرۈپ ئىشتان يانچۈغۇمدىن بىر پارچە قۇلياغلىقنى ئالىپ چىقىپ ئېچىپ قاراپ باقسام پاكىزكەن،ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قۇلياغلىقنى قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قۇيدۇم «كۆزيېشىڭىزنى سۇرتىۋېلىڭ،ئاپىڭىزنىڭ رۇھى سىزگە قاراۋاتىدۇ،ئۇ سىزنىڭ خوشال ياشىسىنى ئۈمۈت قىلدۇ،سىز خوشال بولسىڭىز  ئۇمۇ ئامان تاپىدۇ،يىغلىماق ھە..»
     دىققىتىنى باشقا يەرگە بۇراش ئۈچۈن بولۈمنىڭ ئىشلىرىنى سۈزلەپ بېرىشكە باشلىدىم. ئۇ يېشىنى سۈرتۈپ،جىم ئولتۇرۇپ سوزىمگە قۇلاق سالدى.
    جىم ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ مۇرىسى بەكلە ۋىجىك كۆرۈندى،قارماققا ھېچقاندا ق ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەيدىغاندەكلا، ھازىرقى قىياپىتى ھازىر پۈتتۈرگەن ئەلى مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسىداك كۆرۈندى، گاڭگىراش،ئالاقزادە ھەم ساددا. شۇ تاپتا ئوزەمنى ئاز-پاز پىشقەدەم دەك ھېس قىلدىم،ياق، ئۇنىڭ ئاكىسىدەك،ھەتتا دادىسىدەك ھېس قىلدىم،دىلىمدا تۇساتتىن ئۇنى قۇغداش ھىسىياتى پەيدا بولدى.
     بىزنىڭ بۇ بۈلۈم چوڭ ئەمەس، بولۇمنىڭ ئىدارىدىكى ئورنىنى مۇھىم دىسەكمۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىم ئەمەس دىسەك مۇھىم، ئىشقىلىپ چوڭ نەتىجە چىقمايدۇ. بۇ بۈلۈمدىن ئامما بىرلا دىققەت قىلمىسا چوق چاتاق چىقىدۇ.بولۈمىمىز دا سىز بىلەن قۇشۇلۇپ 13 ئادەم بار، بولۈم باشلىقىدىن بىر،بايامقى ئا كوجاڭ شۇ،ئۇنىڭ ئايرىم ئىشىانىسى بار.يەنە 10 نەپەر مۇئاۋىن كوجاڭ بار،ھەممىسى مۇئاۋىن كوجاڭلار بىرلىكتە خىزمەت قىلىش زالىدا، ئەمما ھېچكىم خىزمەت ۋاقتىغا رىئايە قىلمايدۇ. خىزمەتچىدىن ئىككىمىزلا بار،ئەسلىدە ئۇزەم يالغۇن ئىدىم،10 يىلدىن ياقى مۇشۇنداق. دۇكىلاتلارنى، خۇلاسىلارنى،جەدىۋەللەرنى قارماققا ئاسان كۆرۈنگەن بىلەن،ئىچىدىكى بىلىم كۆپ نىمە . بۇنى سىزگە باشقا ۋاقتىدا سوزلەپ بېرەي،يەنە بىر ئىش، بۇ بۇلۈمدىمۇ گۇرۇھلار بار، ھازىر ئۈچ گۇرۇھ بۇلدى،سىز بۇ ئىشقا چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك،كەلسە - كەلمەس ئىشلارغا ئارلىشىپ يۈرمەڭ. مەن بىلەن خالىغانچە ئەسكىلىك قىلغان بىلەن،ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ قىلىقلارنى قىلسىڭىز ئىشنىڭ چاتىقى شۇ، مەن سىزگە تەپسىلى سوزلەپ بېرەي............

      ئۇ دىققەت قىلىپ ئاڭلاۋاتاتتى، كۆزنۇرى دىن خاتىرجەملىك، ئاندىن ئاستا جۇشقۇنلۇققا، ئاندىن ئىشەنچىگە، ئاندىن مىننەتتارلىققا ئۆزگەردى، ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىگە قاراشقا پېتىنالمىدىم.

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(67)
82.7%
دەسسەش
(14)
17.3%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !