سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

بىر قىزنىڭ يىگىتكە يوللىغان 60 تال قىسقا ئۇچۇرى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-20 13:18مەنبە: يازغۇچى:XAYDA زىيارەت سانى: قېتىم

قىز يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىنى ئىزھار قىپتۇ، لېكىن يىگىت قىزغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ قىزنىڭ يىگىتتىن ۋاز كەچكۈسى كەلمەي، ھەر كۈنى يىگىتكە بىر تال قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ، مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى ئاي ئۆتۈپتۇ. بۇ جەرياندا ھەرگىزمۇ توختاپ قالماپتۇ. يىگىتتىن يەنىلا ئىنكاس كەلمىگەندىن كېيىن، قىز ئاخىرى ۋاز كېچىپتۇ.
يىگىت ئىلگىرى مۇھەببەتتىن ئازار يېگەنلىكتىن، ئۆزىنى بىتچىتلەپ قويغانىكەن، ئەمما قىزنىڭ ساددا، ئاقكۆڭۈل، ئوچۇق يورۇق مىجەزى ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپتۇ. ئىككىيلەن ئىزچىل ئەڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەپتۇ. قىز يىگىتكە كۆڭلىنى ئىزھار قىلغاندىن باشلاپ، يىگىت ئەندىشە ئىچىدە قاپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇ قىزنى بەختكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان ئېرىشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ باشقىلارنى يەنە سۆيۈش قابىلىيىتىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيدىكەن. شۇڭا ئۇ ئۆزىگە ئىككى ئاي ۋاقىت بېرىپ بۇ ئىشلارنى ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىشنى قارار قىپتۇ.
ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە تېلېفوننى ئاچماپتۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىپتۇ ھەم قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلماقچى بوپتۇ. ئۇ تېلىفۇننى ئېچىپ 60 تال قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋاپتۇ.

پەقەت ھەممە ئىشلار تۈگىدى خالاس. GAME OVER
1. ئورنۇمدىن تۇردۇم، قۇياش چىقىپتۇ، سىزنى سېغىنىشقا باشلىدىم.

 

 

2. ئورنۇمدىن تۇردۇم، يامغۇر يېغىپتۇ، كۈنلۈك كۆتىرىپ مەكتەپكە كەلدىم.
 
3. يامغۇر توختىدى، بۇلۇت چىقىپتۇ، مۇھەببەت يەنىلا كۈتىۋاتىدۇ.

 
4. يېڭى بىر كۈن باشلاندى، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش باشلاندى.
 
5. تۇيۇقسىز بىر جۈملە سۆز يادىمغا كېلىپ قالدى، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر ئۆمۈر بىرگە ياشىغۇم بار.
 
6. ئاخشام يۇلتۇزلارغا قارىدىم، يۇلتۇزلار مېنىڭ قەلبىمنى چۈشىنەلەرمۇ؟
 
7. بۈگۈن ئورنۇمدىن ۋاقچە تۇرۇپتىمەن، تاس قالدىم دەرسكە كېچىكىپ قالغىلى.

 
8. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىمەن، پەقەت ئاشۇ نەرسە كېرەكلا ماڭا قىسقىغىنا تەسەللى بولالايدۇ.
 
9. ئوقۇتقۇچۇم بۈگۈن مېنى ماختىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ ئىنكاسىم تېز ئىكەن، بەك خۇشال بولدۇم.

 
10. ۋاقىت ھەممىنى چۆكتۈرۈۋېتەلەمدۇ؟

 
11. ئاغرىپ قالدىم، قىزىتمام ئۆرلەپ كەتتى، ياتاقداشلىرىم ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، مەن پەقەت سىزنىلا سېغىندىم، سىزنىڭ يېنىمدا بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 
12. نىمىش قىلىۋاتىسىز؟ يەنە مېنى ئويلاۋاتامسىز؟

 

 
13. بۈگۈن ئەتىگەن ئۈگرە ئىچتىم، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، دەيدۇ، توغرىمۇ؟ سىز بىلەن بىرلىكتە مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 
14. ھاياتلىق داۋاملاشماقتا.

 
15. تورغا چىقتىم، ئەپسۇسلىنارلىقى سىزنى ئۇچرىتالمىدىم.

 
16. ئۇيقۇسىزلىق...

 
17. قۇياش تولىمۇ پارلاق، ھەممەيلەن مېنىڭ كۈلكەمنى پارلاق دەيدۇ، كەيپىياتىممۇ قۇياشنىڭ نۇر چاچقىنىغا ئەگىشىپ ياخشى بولىۋاتىدۇ.

 
18. سىز مېنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىمنى چۈشىنەرسىزمۇ؟ سىزنى سېغىندىم.

 
19. يەنە مېنى ئويلاۋاتامسىز؟ كۈتۈش...
 
20. مۇھەببەت راستىنلا بىر خىل سېغىنىشمۇ؟
 
21. ئاخشام ھاراق ئىچتىم، ئىسپىرىت مېنى بىردەم بولسىمۇ بىخۇد قىلسۇن دەپ. بۈگۈن بېشىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ.

 
22. دوستلىرىم تاماكا چەكتى، مەنمۇ چېكىش چەكمەسلىكنى ئويلىشىپ قالدىم، ئەمما يەنىلا چەكمىدىم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە 520 تاماكا ئادەمگە سالقىن تەم ئاتا قىلارمىش.

 
23. بازار ئايلىنىپ، ئىككى قاسقان مانتا يېدىم، قورسىقىم شۇنداق تويۇپ كەتتى، بىراق قەلبىم يەنىلا قۇپقۇرۇق.

 
24. ھاۋا ئۆزگىرىشكە باشلىدى، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.

 
25. بۈگۈن مۇشتلىشىش دەرسى ئۆتتى، كۈتىۋاتىمەن.... قورال كۈچىمۇ بەزىدە مەسلىنى ئەڭ تېز بولىدىغان ھەل قىلىدۇ.

 
26. زېرىكىشكە باشلىدىم.....

 
27. دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تورت يېدىم، كەيپىياتىمۇ ياخشى بولۇپ قالدى.

 
28. ياخشى ئۆگىنىدىغان ۋاقىت كەلدى، ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن-ھە!

 
29. ۋاسكېتبول ئوينىدىم، فۇرسىننىڭ دېيىشىچە: ھاياتنىڭ مەنىسى ھەرىكەتتە.
 
30. ئۆينى بەك سېغىندىم، قايتىپ كېتىمەن، قاچان كۆرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن؟

 
31. ئۆي نېمىدېگەن راھەت، ئۆيدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئىزچىل سېنى ئويلىدىم.

 
32. كۈتۈپخانىدا كىتاب كۆرۈۋاتىمەن...

 
33.ئاخشام سىزنى چۈشۈمدە كۆردۈم، سىز ماڭا تولىمۇ خۇشال ھالدا: بىز چوقۇم بىرگە بولالايمىز دېدىڭىز.

 
34. ھەپتىنىڭ ئالتىسىدىكى تاغقا چىقىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن.

 
35. مەيداندىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تولىمۇ قىزىدى، تۇيۇقسىز سىزنىڭ چىرايىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم.

 
36. مەكتەپنىڭ كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى، كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ-دە؟

 
37. ئىرەن يوپۇرمىقى تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن، بىر قانچە پارچە ئىرەن يوپۇرماقلىق ئاتكرىتكا سېتىۋالدىم، سىزگە ئەۋەتمەكچىمەن. كېلەر قېتىم تاغقا چىققاندا سىز بىلەن چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 
38. كىچىك تاغدىن ئالتىسىگە چىقىپتىمەن، قولۇم يارىلاندى، پۇتۇممۇ ئاغرىۋاتىدۇ، پەلەمپەيگە چىقىشتا قىينىلىۋاتىمەن، مېنى يۆلەپ ئەپچىقىپ قويمىسىڭىز بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

 
39. تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىم، بۇ پەقەت مېنىڭلا ئىشىم ئىكەن.

 
40. بەرداشلىق بېرىشكە پەقەت ئىشەنچىم قالمىغاندەك قىلىدۇ.

 
41. پۇتۇم ئاغرىۋاتىدۇ، قولۇمنىڭ يارىسىمۇ تېخى ساقايمىدى، تۇيۇقسىز يىغلاپ سالدىم.
 
42. مۇھەببەت كىتابىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.

 
43. لاتارىيەدە 5 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. 20 يۈەن خەجلىگەن ئىدىم، بىراق يەنىلا شۇنداق خۇش بولدۇم.

 
44. ئاتكىرىتكامنى تاپشۇرىۋالدىڭىزمۇ؟

 
45. ئەتىگەنلىك ھاۋا بەك ياخشىكەن، چوڭقۇر نەپەس ئالدىم، دۇنيا راستىنلا گۈزەل ئىكەن.

 
46. مەڭگۈلۈك دېگەن بەك يىراقمۇ؟

 
47. يۈرىكىم تۇيۇقسىز ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.

 
48. زۇكام بولۇپ قالدىم. ئۆزەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمىدىم.
 
49. مەيداننى ئۈچ قېتىم ئايلاندىم، مۇشۇ ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ئاسماننى كۆرىۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

 
50. قىلىپ بولالمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن چېچىلىپ قالدىم....

 
51. ئۆتكەن ئىشلار كۆز ئالدىمدىلا تۇرىدۇ، بېشىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ..

 
52.مەلىكىنىڭ خاتىرىسى دېگەن كىنو ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن، ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىم بەك ياخشى جۇمۇ.

 
53. پەلسەپىنى پەلسەپىچىلەر ئۈگەنسە بولغىدەك، مەن ئۇخلاپ قالاي.

 
54. سىزگە رەھمەت، ماڭا سەۋر تاقەت بىلەن چىدامچانلىقنى ئۆگىتىپ قويدىڭىز، مەن چوقۇم تىرىشىمەن.

 
55. ياتاقدىشىم ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغلىدىم، مەن ئۆزەمنىڭ يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن...

 
56. يەنىلا سىزدىن ئىنكاس يوق، مېنى قۇچاقلاپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
57. تەلەپ خېتى تاپشۇرىۋالدىم، قارىغاندا مۇھەببەتلىشىدىغان ئوخشايمەن.

 
58. سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، مەن ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىزمەن.

 
59. ئەمدى سىزنى ساقلىمايمەن. باشلىنىشى يوق خۇددى ئاخىرلىنىشىمۇ يوق.

 
60. ھەممىسى ئاياغلاشتى. سىزگە بەخت تىلەيمەن.


قوشۇمچە:
چوقۇم مەندىن بەختلىك بولغايسىز، شۇندىلا مەن سەپتىن پەرىشان ھالدا قايتمايمەن، قانچە قىينالساممۇ ئازاب چەكتىم دېمەيمەن، چۈنكى مۇھەببەت ئەپۇ سوراش ئارقىلىق تولۇقلاشقا مۇھتاج ئەمەس، ھېچبولمىغاندا سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزەلەيمەن.

بەخت تىلەش ناخشىلىرىنى ئېيتالمايمەن، ئايرىلىش سۆزلىرىنى ئاغزىمدىن چىقىرالمايمەن، پەقەت سىزگە بەخت تىلەيدىغان يۈرىكىمنى بوغچىڭىزغا ئۈن-تۈنسىز سېلىپ قويۇپ، ئۇنى سىز بىلەن بىللە ماڭغۇزىمەن

مەنبە :كاكتوس تەرجىمىسى  

 


 


 


 
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(66)
88%
دەسسەش
(9)
12%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !