«غۇلجىلىق قىزغا مۇھەببەت» ھەر بىرئىنساننىڭ ئۆزىگەخاس تارىخى بولىدۇ. مەيلى سەن قانداق ياشا،نىمە ئىش قىل،قانچىلىك جاپا -مۇشاققەتكە مۇپتىلا بول...ھەممىسى ئەنە ئاشۇ تارىخ بەتلىرىدە ساقلىندۇ.بۇلار ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ"سەرگۈزەشتىلەر"دەپ ئاتىلدۇ. تىرىكچىلىك،كىشىلىك تۇرمۇش ئۆتكەللىرىدە بەزى بىر ئىشلار ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلسىمۇ،مەلۇم ئېدىئۇئالىقلار ھەرگىزئېسىدىن چىقمايدۇ....مەڭگۈ....مەڭگۈگە!....مانا مەن بۈگۈن يۈرىكىمدىكى يوشۇرۇپ كەلگەن ،ھەرگىز ئېسىمدىن كۆتۈرۈلمەيدىغان بىرئەمەلىي مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىمنى بايان قىلدىم.سىقىىلغان يۈرۈكۈمدىكى تۈگۈنلەرنى ئاشكارلىغىنىمغاپۇشايمانمۇقىلمايمەن....."(ئۆرۈكجان)
شەھەر ئۇ غايىۋى مەدەنىيەتنىڭ،تەرەققىيات سېپىنىڭ ئۇل كۆرىنىشى. سەن بۇ يەردە كۆرمىگەننى كۆرىسەن، مىدىرايسەن، چارچايسەن، ھارىسەن،بىكار تۇرۇشقابىر مىنۇت بىر سىكۇنىتنىڭمۇ قەدرى نىمىشقا ؟ يەنىلا تىرىكچىلىك، جان بېقىش ئۈچۈن! كىملەرنىڭمۇ راھەت ياشىغۇسى كەلمەيدۇ دەيسەن. سەھرادىغۇ كۈن چۈش بولغاندا قوپۇپ، ئانچە ئەمما شەھەردە ھەممە ئىشلىرىڭ ۋاقىت ئېتىۋارى بىلەن بولىدۇ.ئۆز مەيلىڭگە كۆنمەيدۇ. شۇڭلاشقىمۇ سەن تەرەققىياتنى، كۈندىلىك يېڭىلىقلارنى، ئالەم ئۇچۇرلىرىنى ئەڭ ئاۋال شەھەردىن تاپالايسەن..كىمدۇ بىرى،سەھرالىقلار شەھەرگە بارسا كۆزى ئېچىلدۇ،شەھەرلىكلەر سەھراغا بارسا كۆڭلى -دەپ بىكار ئېيتمىغان. ئىشقىلىپ ھەممىلا يەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار.... بۈگۈن شىركەتتە يىغىن بار.تىزراق بارمىسام ئۆيۈم بىلەن شىركەتنىڭ ئارلىقىدا ئىككى ئابدۇبۇس ئالمىشىپ ئاندىن بارىمەن.باشلىق ئۆيۈم يىراق دىگەنگە ھەممە ئىشتا شىركەت بەلگىلىمىسىگەقارار چىقىرىدۇ. خەقلەر :كادىر دىگەن بەك راھەت ياشايدۇ،كەتمەن تۇتمايدۇ،ئىسسىق سوغۇق كۆرمەيدۇ دىيىشىدۇ.ئەمما كادىرنىڭ دەردىنى كادىر چۈشىندۇ. جىسمانىي ئەمگەكتە كۈچ خورايدۇ.ئەمما ئەقلىي ئەمگەكتە كاللا خورايدۇ..چارچايدۇ.ۋاقتى كەلسەتولا چارچاپ ئىشلىمەس بولۇپ قېلىپ،خزمەت ئۈستىدە بىرەر ئىشنى خاتا قىلساڭ،كاسسىر مائاشىڭنى كولاشقا تەييار تۇرىدۇ.... ئىشقىلىپ سۆزلىسەك گەپ جىق!مانا بۈگۈن شىركەتكە بېرىشىمغىلا يىغىن ئېچىپ،يۈكىمىزنى يەنە بىرپەللە كۆتىرۋەتتى .ئىشقىلىپ يىغىن دىگەندە ياخشى گەپ يوق.تېخى ھەربىر شىر كەت تاملىرىدا يوغان قىلىپ، "بۈگۈن تىرىشىپ ئىشلىمىسىڭىز،ئەتە تىرشىپ خىزمەت ئىزدەيسىز!" دىگەن شۇئارئېسلىغان .شۇڭا ھەربىر ئىشتا ناھايتى ئېھتىياتچان بولمىساق بولمايدۇ. جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.مانا بۈگۈنكى ئالدىراشچىلىقتا قورساق تۈنۈگۈنكىدىن بالدۇرراق ئېچىپ كەتتى.ئەمما سائەت توشىدىغانغا يەنە بىر سائەت بار. شىركەت مالىيە تەتقىقات سىتىراگىيىسىنى ماڭا تاپشۇرغان.خەق نەچچە كۈن يازغاننى ،مەن بىر كۈنلا يېزىۋاتىمەن. شۇڭلاشقىمۇ،بىزنىڭ دېرىكتۇرباشقىلارغا بىربەت ھۆججەت بەرسە،ماڭا بەكراق كۆيۈنۈپ بىرقانچە بەت تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ياكى مېنى ياش دەپ شۇنداق قىلامدۇ بىلمىدىم. مانا ،ئاخىر چۈشكە چىقتۇق.بۈگۈن تازا ئوخشىغان شاھ پولۇغا ئېغىز تەگمىسەم.يەپ باقمىغىلىمۇ ئۇزاق بوپتۇ. كانىيىممىغۇ ئىسسق تۇتۇپ گىژىلداپ قاپتىكەن.پولۇ يىسەم بالدۇرراق ئۆيدە ئارام ئالدىغانغا پايدىسى بولار. ھاھا..ھا. چىگىش-چىگىش خىياللار بىلەن،داۋاملىق تاماق يەيدىغان ئىنتىزار تاماقخانىسىغا كىردىم.بۇئاشخانا ناھايتى ئازادە بېزەلگەن ئاشپۇزۇل بولۇپ شەھەردىمۇ خېلى نامى بار.ماناھەممە شىرەدە لىققىدە ئادەم بار.مەن ئولتۇردىغانغائورۇن قالماپتۇ.نىمە قىلارسىمنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا ،مۇلازىم بىر ئورۇننى كۆرسەتتى.بۇ ئورۇندا 22ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزئولتۇراتتى.مەن سەل بىئەپ كۆرۈپ تۇرسام،مۇلازىم يەنە شۇ ئورۇننى كۆرسەتتى.مەن ئامال يوق ئۇ شىرەگە بېرىپ قىزنىڭ ئۇدۇلىدائۇلتۇردۇم.بېشىمنى ئاستا لىڭشىتىپ سالام بەردىم.قىزنىڭ تۇرقىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغىمۇ ئوخشاپ قالاتتى.شىرە ئۈستىدە مېنىڭكىگە ئوخشاش خىزمەت سومكىسى قويۇلغان بولۇپ،مەنمۇ سومكامنى ئۇ قىزنىڭ سومكىسى بار يەرگە بېقىنداپ قويۇپ قويدۇم.تاماق چىقمىغانسىرى،بىز بىربىرىمىزگە قارىشىپ قالاتتۇق ۋە زورىغا بوشقىنەكۈلۈمسىرەپ قوياتتۇق.مەن قىزلارغا ئانچە قىزىقمايمەن.ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ئەمما قىزلار ماڭا بەك ئامراق.بىر پاراڭلىشىلا گەپلىرىمگە خۇمار بولۇپ تېلفۇن نۇمىرىمنى سورىشىپ بۇنداق چاغلاردا مەن ئۇلارغاخاتا نۇمۇردىن بىرنى دەپ بېرىمەندە كەلگۈسى ئاۋارچىلىقتىن بىراقلا قۇتۇلىمەن.تېخى بەزى پىشىپ كەتكەن قىزلار سەندىن يامان.كۆز ئالدىڭدا ساڭا قاراپ تۇرۇپ تېلفۇننى سايرىتىپ ئاندىن بولدى قىلىدۇ.توۋا....تاماق كەلدى.مەن ئۇنىڭغا كۆزۈمنىڭ قويرىقىدا نەزەر سالغاچ تاماق يەپ ئولتۇرۋاتىمەن.ئۇنىڭ قاپقارا قۇندۇز ئۇزۇن چاچلىرى قويىۋىتىلگەن،قاشلىرى قويۇق ھەم، كۆزلىرى يوغان،كىرپىكلىرى ئۇزۇن .چىرايى ئاقپىشماق گويا ھىندىستان فىلىملىرىدىكى ھېلىقى مەن كۆيۈپ قالغان بىرقىزغا..ھېلىقى شاھرۇلخاننىڭ مابىتىغا بەك ئوخشايتتى.ئۇنىڭ ياراشتۇرۇپ كىيگەن مايسىرەڭ بىرتوسى بۆلەكچىلا ئادەمنى جەلىپ قىلاتتى.شىرە ئۈستىدىكى خىزمەت سومكىسىدىن بىرەريەردە ئىشلەيدىغاندەكمۇ قىلاتتى. ئۇ مەندىن بۇرۇن تامىقىنى يەپ بولۇپ،ئاستا دۇئا قىلدى.چىنە تەخسىلەرنى بىر بىرسىگە كىرىشتۈرۈپ ،ئېشىپ قالغان چايلارنى يىغىشتۇرۇش چېلىكىگە تۆكۈپ ،تازلىق قەغىزى بىلەن شىرەنى پاكىز سۈرتتىدە ئاندىن ماڭاقاراپ كۈلۈمسىرگىنىچە چىقىپ كەتتى.مەن ئۇنىڭ ئارقىدىن خىيالەن قاراپ قالدىم. توۋا،بۇ قىز قانداق قىز؟ بۇ شىرەدىكى قالايمىقانچىلىقنى مۇلازىم يىغىشتۇرسىمۇبولاتتىغۇ،ئەمما ....ھەي.بۇمۇ بىر تىراگىدىيە! مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كەلگەن گەپ. ياق! ئۇنداق ئەمەس،ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغاندا مېنى تونۇمىسا؟ ھەقىقەتەن بەك قائىدىلىك قىزچاقكەن.قارىغاندا ئۇ بۇ يەرلىك ئەمەستەك قىلىدۇ.چوقۇم شۇنداق! مەن بۇ يېشىمغىچەنۇرغۇن ئاشخانىدىن تاماق يىگەنمەن ،ئەمما بۇنداق رېئاللىقنى كۆرمىگەنمەن.ھەقاچان غۇلجىلىقتۇ،ئۇ يەرنىڭ كېنولىرىنى تولاكۆرگەنمەن. پاكىزلىق،قائىدە يوسۇن.ئائىلە ئىچىدىكى پاراڭلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ئۇلار. ھەقىقەتەن ياخشى ،ئەخلاقلىق قىزئىكەن.... شۇ خىياللار بىلەن شىركەتكە كىرىپ كەتتىم.مانا يەنە ئاشۇ ھۆججەت بار ماڭا .بوپتۇلا كەچكىچە يېزىپ پۈتتۈرۋىتىپ،ئەتە ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى قىلمايمەنمۇ! سومكا سېرىتمىسىنى ئېچىپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم.بۇ ھېلىقى قىزنىڭ سومكىسى ئىدى.ئاپلا،،ما كېلىشمەسلىكنى! سومكامدابەك مۇھىم ماتىرياللار تۇرسا،تېخى مېنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامەم،ئىشقا چىقىش كىنىشكىسى ھەممىسى ئاشۇ سومكىنىڭ ئىچىدە! مەن تىزلىكتە .تاماقخانىغا كىردىم ،ئەمما بۇ قىز كۆرۈنمەيتتى. بۇگۈن تازا نەس باسقان كۈننىڭ بىرسى بولسا كېرەك. قاراپ تۇرۇپ بىرقويمىچىغا قويۇلۇپ كەتتىم.ئەسلى باشقىلارنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۇش قەتئىي ئەدەپسىزلىك. ئەمماماڭا ئامال يوق، سومكىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇنىڭدىمۇ مېنىڭكىگە قارىغاندا كۆپرەك ماتېرياللار چىقتى.ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك غۇلجاشەھرىنىڭ،جېلىليۈزى دىگەن جايىدىن ئىكەن.جېلىليۈزى دىگەن چاقچاقچىلارنىڭ ماكانى.خېلى ئاۋات جاي. ماتىرياللىرىدىن ئېنىقلىشىمچە ئۇ ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن بولۇپ،مالىيە ئىدارىسىغا يېڭى كەلگەن ئىكەن.ئەڭ مۇھىمى تەربىيلىنىش قەغىزى قالغانىكەن.ئەگەر بۇ بولمىسا ۋاقتىدا تاپشۇرۇلمىسا،خىزمەتكە ھەرگىز قۇبۇل قىلمايدىغان گەپ. ئەستا...ۋاي بىچارە قىز! نەلەردە يۈرۈيدىغانسىز.... مەن تاماقخانىدا كەچ كىرگىچەساقلىدىم.ھەتتاكى بۇئاشپۇزۇل تاقالغۇچە ساقلىدىم.. كەلمىدى. ئەتىسى باشلىقتىن ئاران تەستە رۇخسەت ئېلىپ يەنە كەلدىم. يوق...ئاخىرى مالىيەئىدارىسىغا ئىزدەپ باردىم....ئېنىقلىشىمچە تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن بۇقىز كەلگەن بولۇپ، تەربىيلەش تالۇنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن قالدۇرۇلۇپ ..ئورنىغا باشقا بىرسىنى ئۇلارنىڭ دىيىشچە..ئۇقىز قاتتىق يىغلىغانمىش! مەن قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ.گويا مېنى ئىشتىن قالدۇرۋەتكەندەك ...ئاشپۇزۇلغاقايىتتىم.ۋاھ...ئۇقىزمۇ كەپتىغۇ! ئۇ دەرھال ئالدىمغا كېلىپ ياشلىرىنى سۈرتكەن ھالدا: -ۋاي ساقام! سىز ئادەمنى ئەجەپ بىزار قىلۋەتتىڭىز!سومكامنى نىمىشقا ئېلىۋالسىز؟ مەن يامان تەستە بۇشىركەتكە كىرگەن تۇرسام،تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن تەربىيلەش بارتۇرسا...سىز بۇلارنى چۈشىنەمسىز؟ مەن .....مەن ئەمدى نەدىن ئىش تاپىمەن...سىزبەك رەزىل ئىكەنسىز.... -نىمە دىدىڭىز؟ قىزچاق ..سەل ئېغىزىڭىزنى چاغلاپ گەپ قىلامسىز! سىز ئالدىدا سومكىنى ئالماشتۇرۇپ چىقپ كېتىپ يەنە مەندىن يامانلامسىز؟ سىزنىڭ ئىشىڭىز ئىش .مېنىڭكى ئويۇنمىكەن...تېخى مەن رەزىلكەنمەن! تۇتۇڭ قوتۇرسومكىڭىزنى! سومكامنى بېرىڭ! ئۇنىڭ قولىدىن سومكامنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ ئالدىمدە چوڭ -چوڭ دەسسەپ كېتىپ قالدىم.
1-قىسىمى تۈگىدى. (ئۆرۈكجان) 2009-يىلى سىنتەبىر .كورلا شەھىرى. |