ھازىر بارمىدۇ؟ يۇرتۇمدا تۇغۇلۇپ ئۆسۇپ چوڭ بولغان، جىسمىمغا ساپ ھاۋا،پاكىز سۇ سىڭغان. توپوغا مىلىنىپ يالاڭ ئوينىغان، سۇيىگەچۆمۇلۇپ خوشال شۇڭغىغان. ئەشۇنداق زامانلار ھازىر بارمىدۇ؟ ظە دوسلۇرۇم بىلەن لاي ئۆيلەر ياسىشىپ ، قالاتتى لايلار يۇزىگە چاپلىشىپ. مىسىران قىلىچ دەپ چىۋىق ئېسىشىپ، چۇشەتتۇق"جەڭگە" ھارمايتۇق ئېلىشىپ. ئەشۇنداق شوخ دوسلار ھازىر بارمىدۇ؟ بالىلار ئوقۇيتى رەخ سومكا ئىسىپ، سومكىدا دەپتەر ھەم بىر پارچە نېنى. شۇندىمۇ تېرىشچان، ئەدەپلىك ئىدى، ھۆرمەتلەر ئۇستازنى،چوڭلارنى، سىنى. ئەشۇنداق تېرىشچانلار ھازىر بارمىدۇ؟ سەھەردە ئۆتەتتى پادىچى توۋلاپ: "كالاڭنى ھايدىغىن، مۇزاي قالسۇن!"دەپ. قاينىتار چاي ئانام مەڭگەننى پۇۋلەپ، "بالدۇرراق ئىشىغا ماڭسۇن داداڭ!"دەپ.... ئەشۇنداق كەچمىشلەر ھازىر بارمىدۇ؟ "مىنبىڭلار"قوغلىسىمۇ كەلمەيتۇق قۇرۇق، ئېڭىزدىن چېچىلغان باشاقنى تېرىپ. قاينىتىپ شۇ داننى بەزلەيتى ئانام، يىغلىساق "نان بەر!"دەپ كەتكەندە ھېرىپ. ئەشۇنداق تۇرمۇشلار ھازىر بارمىدۇ؟ بۇغداينىڭ باغلىرى ماي قىپ بېسىلغان، شۇ ماينى ئايلىنىپ تۇلۇق ھايدىغان. داش قازان ئېشىنى ئىچىپ ھارغاندا، مەڭگەننى كۆرپە قىپ تاتلىق ئۇخلىغان. ئەشۇنداق خامانلار ھازىر بارمىدۇ؟ تىمەنتۇق كەم غەيرى ئاغرىق ۋە سىلاق، يىسەكمۇ زاغىرنى داغ سۇغا چىلاپ. ئات ھارۋا "تاكسى"دى نەدە ئۇ پىكاپ، خۇۋادانى، چىبەرقۇت ئىدىغۇ كىيمخاپ. ئەشۇنداق بەگزادىلەر ھازىر بارمىدۇ؟ بەك قىززىپ كىتەتى تويلار يۇرتۇمدا، ئادەتتى كىلىننى يۆتكەش ھارۋۇدا. يۆتكەيتى يىگىتنى ساز چىپ پىيادا، ياش بالىلار ئوينايتى ئۇسسۇل ئالدىدا.... ئەشۇنداق ئادەتلەر ھاززىر بارمىدۇ؟ قىزلىرى نۇمۇسچان ، بىلەر ھۆرمەتنى، ئۇچىسىدا كۆينەك، باشتا رومىلى. بىلىگە چۇشەتتى ئۇزۇن چاچلىرى، ھەر دائىم چاپقاچقا جىگدە يىلىمى. ئەشۇنداق خانقىزلار ھازىر بارمىدۇ؟ ئۆي بىسىپ كىرسەڭ بار ئىدى تونۇرى، يىيىشلىك بەكمۇ ئوخشىغان نانلىرى، تۇگمەندە تارتقاچ ساپ ئىدى ئۇنلىرى، شۇ ناندا ئىچسەڭ لەززەتلىك چايلىرى. ئەشۇنداق ئاق نانلار ھازىر بارمىدۇ؟ ھەممىدە شەرمىي-ھايا ئەدەپ ۋە ئەخلاق، كام ئىدى ئىسراپخور، داڭۋازلىق ئەسلا. بار پەقەت بىرلا غەم -قوساقنىڭ غېمى، قىلماي ھېلە-مىكىر سۆزلەيتۇق راسلا. ئەشۇنداق خىسلەتلەر ھازىر بارمىدۇ؟ ئاڭلاپلا بۇلارنى ئۆتمۇش بۇ دىمەڭ، كەچمىشى ھەممىنىڭ، ئاتاڭنىڭ، مىنىڭ. قەدىرلە زاماننى بەختىڭ بار سىنىڭ، بار بولسۇن سىنىڭمۇ سۇنئىي ھەمرىيىڭ! ئەشۇنداق ئىجاتچىلار ھازىر بارمىدۇ؟ 2009-يعل8-ظئاۋغۇست مەنبە:يازمامدىن |